قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«كومپىيۇتېرلىق تۇرالغۇ»

2018-07-09 19:06:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مەلۈم شەھەر مەركىزىدە، تەجرىبە خارەكتېرلىك كومپيۇتېرلىق تۇرالغۇ بار. بۇ تۇرالغۇغا 100 نەچچە كومپيۇتېر ئورنىتىلغان بولۇپ، بارلىق نەرسىلەر كومپيۇتېر ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ. تۇرالغۇ دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا بىر ئىستىلبو بولۇپ، ئۇنىڭغا شامال يۆنىلىشى كۆرسەتكۈچى ئورنىتىلغان ۋە ئۆي ئىچىدىكى كومپىيۇتېرغا ئۇلانغان. ئۇ سىرتنىڭ تېمپۇراتورىسى، نەملىك دەرىجىسى، شامال كۈچى ۋە شامال يۆنىلىشى قاتارلىق سانلىق مەلۈماتلارنى ئۇدۇللۇق ئۆيدىكى كومپيۇتېرغا يوللاپ تۇرىدۇ. كومپىيۇتېر بۇ ھاۋارايى ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن، ئۆي ئىگىسىگە ھەم ئېنىرگىيە تېجەيدىغان ھەم ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرەلەيدۇ.

بۇ تۇرالغۇغا كىرمەكچى بولغانلار چوقۇم ئالدى بىلەن مەخپىي شىفىرنى كىرگۈزۈشى كېرەك. دەرۋازا ئالدىغا مىكرو سىنئالغۇ ئورنىتىلغان بولۇپ، كەلگەن مېھمانلارنىڭ چىراي شەكلىنى كومپيۇتېرغا يوللاپ بېرىدۇ. ئەگەر كومپيۇتېر بۇ كىشىنىڭ تىزىملىكتە يوق ناتونۇش كىشى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرسە، مەخپىي شىفىرنى بىلگەن تەقدىردىمۇ دەرۋازا ئېچىلمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، پەقەت ئۆي ئىگىسى «كىرىشكە قوشۇلۇش» بۇيرىقىنى بەرگەندىلا، ئاندىن ئىشىك ئېچىلىدۇ.

ئۆي ئىچىگە كىرىش بىلەنلا، يەڭگىل لېرىك مۇزىكا ياڭرايدۇ. زالنى بويلاپ ماڭغاندا مېھمانخانىغا كىرگىلى بولىدۇ. مېھمانخانىدا بىر نەچچىلا جابدۇقتىن باشقا ھېچ نەرسە يوق. ئەسلىدە، باشقا نەرسە- كېرەكلەر تۈرلىرى بويىچە يەر ئاستى ئامبىرىنىڭ «يىغىپ ساقلاش ساندۇقى» غا سېلىنغان بولۇپ، ئېھتىياجلىق بولغاندا، كومپيۇتېر ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك «يىغىپ ساقلاش ساندۇقى» نى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا كەلتۈرۈپ نەرسە- كېرەكلەرنى ئالغىلى ياكى سېلىپ قويغىلى بولىدۇ.

بۇ تۇرالغۇنىڭ ئاشخانىسى بىرىنچى قەۋەتتە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە تاماق ئۆگىتىش كومپيۇتېرى ئورنىتىلغان ھەم ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان جۇڭگۇچە، غەربچە ۋە ياپونچە قورمىلارنى قورۇش ئۇسۇلىنىڭ ماتېرىياللىرى ساقلانغان. ئۇ تاماققا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى قانداق تەييارلاش، پىشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئېيتىپ بېرىدۇ ھەمدە مەشغۇلات ئۇسۇلىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ شۇنداقلا ئوتنى ئاپتوماتىك كونتىرول قىلىدۇ.

ياتاق ئۆيلەر ئىككىنچى قەۋەتكە جايلاشقان بولۇپ، كارىۋات بېشىغا «ئارام ئېلىش» دېگەن خەتلىك ۋىكىيۇچاتىل ئورنىتىلغان. ئۆي ئىگىسى ئۇخلاشتىن بۇرۇن، بۇ ۋېكىليۇچاتىلنى بېسىپ قويسىلا، زالدىكى زۆرۈر لازىملىق چىراغلاردىن باشقا ھەممە چىراغلا ئۆچۈپ، پۈتۈن تۇرالغۇ «ئارام ئېلىش» ھالىتىگە كىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، يېپىلمىغان دېرىزىلەر ئاپتوماتىك يېپىلىدۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال كۈچى ئاجىزلايدۇ، تۇرالغۇ ئەتراپىدىكى ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش سېگىنال قۇرۇلمىسى خىزمەت ھالىتىگە ئۆتىدۇ. ئىككىنچى كۈنى سەھەردە ئۆي ئىگىسى ئويغانغۇچە تۇرالغۇ مۇشۇ ھالەتتە تۇرىدۇ.

بۇ تۇرالغۇدىكى مۇنچا ئەسلىھەلىرىمۇ كومپيۇتېر ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ. يەنى يۇيۇنۇش ۋاقىتىنى ئالدىن بېكىتەلەيدۇ. ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئۆيگە قايتىپ ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇشنى خالىسا، ئۆيدىكى كومپيۇتېرغا يۇيۇنۇش ۋاقىتىنى يوللاپ قويسىلا، ۋاقتى توشقاندا ۋاننىغا لىققىدە ئىسسىق سۇ قۇيۇلۇپ، يۇيۇنۇش تەييارلىقلىرى ھازىر بولىدۇ.

ئۆيدىكى بارلىق كومپيۇتېرلار كۆزگە چىلىقمايدىغان جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۆي ئىچىدە كۆرۈنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىش تەقسىماتى ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما ئۆز ئارا ئۇلانغان بولۇپ، مۇھىتقا ئونىۋېرسال ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۆي ئىگىسىگە راھەت تۇرمۇش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى