قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«خېڭشۈي كۆلى»

2018-07-09 19:07:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يۇرتۇمنىڭ ناخشىسى يىراقتىن ئاڭلانماقتا، ئۇ ھامان ئايدىڭ كېچىدە ياڭرايدۇ.... جۇڭگودا، قەدىمدىن ھازىرغىچە يۇرتنى ئەسلەپ، يۇرتنى سېغىنىش ھېسسىياتىنى ئىزھار قىلغان شېئىر- قوشاقلار سان- ساناقسىز بولۇپ، كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ، كىشىلەرنىڭ ھېسسىيات دۇنياسىنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسىغا ئايلانغان.

كەسىپ ۋە تۇرمۇش ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ناتونۇش ھەم ئىنتىلىدىغان جايغا بېرىپ كۈرەش قىلىپ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقتا. ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى، تەلەپپۇزى، ئادىتىمۇ ئۆزگۈرىدۇ، بىلىپ ـ بىلمەي ئىلگىرىكى تەنھا سىمامۇ ئاستا- ئاستا شۇ يەرگە سىڭىپ، شۇ يۇرتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالىدۇ. لېكىن، تولۇن ئايلىق كېچىلەردە ياكى يامغۇر تامچىلىرى دېزىرە چەككەندە، يۈرتقا بولغان سېغىنىشتىن كۆز چاناقلىرى نەملىشىدۇ.

بۇلتۇر مەن بېيجىڭدىن يۇرتۇم خېڭشۈيگە قايتىپ كېلىپ، بىرنەچچە دوستۇم بىلەن جەم بولدۇم. بەزىلەر سورىدى، لاۋ شې، سىز ھەمىشە لۈيلىياڭغا رەسىم سىزغىلى بارىسىز، نېمىشقا بىزنىڭ خېڭشۈي كۆلىنى سىزمايسىز؟ دوستلىرىمنىڭ گېپى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى، ھەش- پەش دېگۈچە قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يوشۇرۇنغان يۇرت مۇھەببىتىمنى قوزغىدى. شۇنداق، نېمىشقا يۇرتىمىزنىڭ خېڭشۈي كۆلىنى سىزىپ باقمايمەن؟ بۇددا دىنىدىكىلەر دائىم، «سەۋەب بولسا رىشتە ئۈزۈلمەيدۇ» دەيدۇ. مەيلى قانچىلىك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسۇن، يۇرتۇم يەنىلا مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جاي، ئۇ يەردە مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىمدىكى ئارزۇيۇم بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرى ماڭا ياردەم قىلغان، مېنى قوللىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. «بىپاياندۇر ئالەمنىڭ چېكى، لېكىن ئۈزۈلمەس يۇرت رىشتى». نېمە ئۈچۈن قولۇمدىكى قەلەم بىلەن يۇرتۇمغا بولغان چىن مۇھەببىتمنى تەسۋىرلەپ بەرمەيمەن؟ نېمىشقا بىر قېتىم كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يۇرتۇمنى چۈشەندۈرۈپ قويمايمەن؟

شۇنىڭ بىلەن، مەن 2016 ـ يىلى 9 ـ ئايدا ئىشخانىدىكى رەسساملار بىلەن بىللە، تونۇش ھەم ناتونۇش بولغان خېڭشۈي كۆلىگە قايتىپ كېلىپ، كۆل بويى، ئېتىزلاردا 15 كۈن تۇرمۇش كۆچۈردۈم. نىلۇپەر گۈلىنىڭ خۇشپۇرىقى ئەتراپقا تاراپ، سۈپ- سۈزۈك سۇ دولقۇنلاپ تۇراتتى. ئەينى يىلى بۇ كۆل يۇرت خەلقىنىڭ تىزگىنلىشى ۋە قوغدىشى ئارقىسىدا، تەبىئىي ئېكولوگىيەسى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، كۆل سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك، ئوت- چۆپلەر تېخىمۇ يېشىل تۈسكە كىرگەن، ئۇ خۇددى چاڭجىياڭنىڭ جەنۇبىدەك مۇلايىم ۋە چىرايلىق ئىدى. بىز ھەر كۈنى ئەتىگەن چىقىپ كەچ قايتىپ كېلىپ، كۆپ مىقداردا رەسىم سىزدۇق، ھەم مول خام ماتېرىيالغا ئېرىشتۇق.

ئەمما، رەسىم سىزىشتىن ئىجادىيەتكىچە يەنىلا بىر داۋاندىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. خېڭشۈي كۆلى قانداقلا بولمىسۇن چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ ماكانى ئەمەس، قانداق قىلغاندا خېڭشۈي كۆلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى ئويلاپ چىققىلى بولىدۇ؟ ئىلگىرىكى تونۇش ئىجادىيەت ئۇسۇلى كۆز يەتكۈسىز بۇ بىپايان سۇ يۈزىگە دۇچ كەلگەندە، بىردىنلا ئۆز كۈچىنى يوقىتىپ قويغاچقا، بىر مەھەل كۆپچىلىك يۆنىلىشنى بىلەلمەي قالدى. بۇنداق ئازاب ھەر بىر ئادەمنى قىيناۋاتاتتى، مەنمۇ بىر تەرەپتىن كۆپچىلىككە مەدەت بەرگەچ، بىر تەرەپتىن ئىزدىنىۋاتاتتىم. قارىماققا ئۆزۈمنى ئازادە كۆرسەتسەممۇ، لېكىن مەن ھەرقانداق ئادەمدىن بەكرەك بېسىم ھېس قىلىۋاتاتتىم، چۈنكى بۇ مېنىڭ يۇرتۇم ئىدى. بۇ مەزگىلدە بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ۋاز كېچىشنى ئويلىغاندا، مەن ئۇلارغا: «بۇ سەنئەت ئىجادىيىتىدە دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان بوغما ھالەت، پەقەت روھىي ھالەتنى ئازادە تۇتۇپ، خېڭشۈي كۆلىنى ئەستايىدىل كۆزەتسەكلا، ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىدىغان نۇقتىنى تاپالايمىز»، دېدىم.

دېيىش ئاسان، قىلىش تەس ئىدى. بەزى ئوقۇغۇچىلار 30 نەچچە پارچە رەسىم سىزىپ مېنى رازى قىلالمىدى. مەن زېرىكمەي ئۇلارغا سىزىش بىلەن ئىجادىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى چۈشەندۈردۈم. نۇرغۇن كىشىلەر خام ماتېرىيال توپلاش، شەكىل چىقىرىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشنىڭ بىر خىل ۋاسىتىسى دەپ قارايدۇ، ئەمما مېنىڭچە، رەسىم سىزىش بىلەن ئىجادىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئايرىلماس. تەبىئەت ئالدىدا، كۆڭلىدە نۇرغۇن ھېسسىيات ئىنكاسى پەيدا بولۇپ، نۇرغۇن ئوي ـ پىكىرلەر پەيدا بولىدۇ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ھېسسىيات ئىنكاسى ئەسەرنىڭ روھى بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم ئىجادىيەت يۆنىلىشى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر پەقەت ئوبيېكتىپ مەنزىرىنى تەسۋىرلەپ بەرگەندە، سىزىلغان ئەسەرمۇ ئۆلۈك، قوپال بولۇپ، ھاياتىي كۈچى بولمىسا، تەبىئىي ھالدا تەسىرلىنىش پەيدا قىلالمايدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە دىئالېكتىكىدا ئېيتىلغان سۇبيېكتىپ بىلەن ئوبيېكتىپنىڭ بىرلىكى بىلەن ئوخشاش.

رەسىم سىزىش بىلەن ئىجادىيەتنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرغاندىن كيېىن، خېڭشۈي كۆلى يۈرۈشلۈك ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلغاندا، مەيلى بەدىئىي قۇرۇلما سىزمىسى ياكى ئوبرازلىق بىر تەرەپ قىلغاندا بولسۇن، مەن ناھايىتى تېزلا گاڭگىراش ۋە ئىككىلىنىشتىن قۇتۇلدۇم. قەلەم تەۋرەتكەندىمۇ ئىشەنچىم بولدى. بۇ خىل ھالەتتە، مەن ئىخچام تەسۋىر، قېنىق كۆك رەڭلىك تەسۋىر ۋە كۈچلۈك كۆرۈنۈش سېلىشتۇرمىسى ئارقىلىق، ئەسەردە ئاجايىپ ـ غارايىپ ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشلەرنى نامايان قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەۋھۇم ئۆزگىرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كۈچلۈك تەسۋىر ئارقىلىق خېڭشۈي كۆلىنىڭ ئەينى ھالىتىنى تەسۋىرلىمەستىن، خىيالىي، مەۋھۇم ئىپادىلەش ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ، قەلبىمدىكى خېڭشۈي كۆلىنى جانلىق يېزىپ چىقتىم.

ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە چۈشەندۈرۈشۈم ئارقىلىق، رەسىم سىزىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارمۇ بىردىنلا ئېچىلىپ كەتتى، نۇرغۇن كىشىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى بىردىنلا قوزغىتىلىپ، خېڭشۈي كۆلىنىڭ پۇرىقى ۋە خاسلىقىنى ئوبدان ئىگىلىدى. ئىجادىيەتنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە مەن ئويلاپ باقمىغان نۇرغۇن ياخشى ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى.

بۇ قېتىمقى پالائىيەتنىڭ باشلامچىسى ۋە ئەمەلىيەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ئىجادىيەتنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنەتتىم. بەلكىم بۇ خىل يۈرەكنى پارە- پارە قىلىدىغان ئازاب بىزنى سەنەتكە نىسبەتەن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە قىلغان بولۇشى مۇمكىن. خۇددى يۇرتىمىزدىكى كونا ئاق ئۈزۈم ھارىقىغا ئوخشاش، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاندىن تەملىك ۋە پۇراقلىق بولسا كېرەك.

ئىجادىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يۇرتۇم خېڭشۈي كۆلىنى ئاساسىي تېما قىلغان تۇنجى قېتىملىق «دەنچىڭ كۆلى ۋە يۇرتنى سېغىنىش» نامىدىكى ئەسەرلەر كۆرگەزمىسىنى تەشكىللىدۇق. بۇ ئىشخانامدىكى رەسساملار بىلەن تۇنجى قېتىم جۇڭگوچە رەسىم سەنئىتى شەكلىدە يۇرتىمىزنى تەسۋىرلىشىمىز ئىدى. ئالاھىدە تاللانغان 170 پارچە ئەسەردە يۇرتقا بولغان سېغىنىش ھىسسياتى، 40 نەچچە رەسسامنىڭ خېڭشۈي كۆلىگە بولغان مۇھەببىتى، خېڭشۈي دەرياسىنىڭ قەدىمى پۇراققا تولغان ھىسسىياتى ۋە رەڭگارەڭ گۈزەللىك ئېكىلوگىيەسى تەسۋىرلەنگەن ئىدى. يۇرتنى سېغىنىدىغان سۇ بوياق دۇنياسى خېڭشۈي كۆلىگە يېڭى مۇھەببەت ئاتا قىلدى.

مېنىڭچە، بۇ ئەسەرلەر مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىلگىرىلەيدىغان قېرىنداشلىق مېھىر- مۇھەببىتى، يۇرتىنىڭ كېچە ئاسمىنىدا چاقناپ تۇرىدىغان چىراغ، كونا قىزىل ئۈزۈم ھارىقىنىڭ خۇشپۇرىقى، شۇنداقلا بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى ئىدى.

مەن خېڭشۈيدە تۇغۇلغان، ھەممە نەرسەم خېڭشۈي كۆلىگە تۇتاشقان. خېڭشۈي كۆلىدىكى دولقۇن نۇرى قەلبىمنى مەڭگۈ يورۇتۇپ تۇرىدۇ. يۇرتۇمنىڭ مەڭگۈ يېنىمدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى