قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چوڭ ئېتىز كۆكتاتلىقى كەنت كوللېكتىپنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى «يېشىل بانكا» غا ئايلاندى

2018-07-09 19:20:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، چاغانتوقاي ناھىيەسى جېڭىس يېزىسى جەنۇبى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يى يەنۋىن بىلەن كەنت ئاھالىسى دىڭ چى كۆكتاتلقلارنى ئارىلاپ، كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. 38 مو كۆلەمدىكى كۆللېكتىپ يېرىنىڭ، جەنۇبىي كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىغا قوشقان تۆھپىسى كىشىنى ھەقىقەتەن خوشال قىلاتتى. بۇ يىلدىن باشلاپ، جەنۇبىي كەنت پارتىيە ياچېيكىسى 38 مو كۆلەمدىكى بۇ كوللېكتىپ يېرىنى كەنت ئاھالىسى دىڭ چىغا كۆتىرە بەرگەن بولۇپ، دېڭ چى چوڭ ئېتىز كۆكتاتلىرىنى تېرىش ئارقىلىق تاپقان پايدىنىڭ بەلگىلىك ئۆلۈشىنى، %15 پاي ھوقۇقىغا ئىگە كەنت كوللېكتىپىغا تاپشۇراتتى.

دېڭ چى بۇ يەرلەرگە نوقۇت، كۈزلۈك ئاپتاپپەرەس، تەرخەمەك، ياڭيۇ، لازا قاتارلىق ئون نەچچە خىل كۆكتات تېرىغان بولۇپ، ئۇدۇللۇق چىقىۋاتقان كۆكتاتلارنى بىۋاستە كۆكتوقايدىكى توپ سېتىش بازىرىغا ئاپىرىپ سېتىپ، كەنتتىكىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

چوڭ ئېتىز كۆكتاتلىقى جەنۇبىي كەنتنىڭ «يېشىل بانكا» سىغا ئايلاندى، بۇ «يېشىل بانكا» بولغاچقا، كەنت ئاھاللىلىرىنىڭ تاماق ئۇستىلىمۇ موللاشتى، كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمىمۇ ئاشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى