قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەرەت تۇڭىدىكى سۇنى ماڭدۇرغاندا تەرەت تۇڭى قاپقىقىنى يېپىۋېتىش كېرەكمۇ؟

2018-07-09 19:33:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بەزى كىشىلەر تەرەت تۇڭىنىڭ قاپقىقىنى يېپىۋەتمەي سۇ ماڭدۇرغاندا باكتېرىيەلەر ئۈستىگە ئۆرلەپ چىش چوتكىسى، لۆڭگە قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىككىلەمچى بۇلغىنىدۇ، دەپ قارايدۇ.

يەنە بەزى كىشىلەر بولسا، تەرەت تۇڭىنىڭ سۈيىنى ماڭدۇرغاندا قاپقىقىنى يېپىۋەتمىسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى، تەرەت تۇڭىغا سىفون پىرىنسىپى قوللىنىلغان بولغاچقا، مەينەت نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سۈمۈرۈپ ئېلىپ كېتىدۇ، ئىككىلەمچى بۇلغىنىش پەيدا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

تەرەت تۇڭىغا قۇرۇق مۇز تۆكۈش:

ئالدى بىلەن تەرەت تۇڭىدىكى باكتېرىيەلەرگە تەقلىد قىلىش ئۈچۈن قۇرۇق مۇزنى تەرەت تۇڭىغا تۆكىمىز. چۈنكى قۇرۇق مۇزدىن چىققان گازنىڭ زىچلىقى ھاۋادىن چوڭ بولغاچقا، قۇرۇق مۇزدىن چىققان تۇمان تەرەت تۇڭىنىڭ ئاستىغا چۆكىدۇ.

تەرەت تۇڭىنىڭ سۈيىنى ماڭدۇرغاندا، تەرەت تۇڭىدىكى قۇرۇق مۇزدىن چىققان تۇمان دەرھال يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۇماننىڭ ئەتراپقا تارقىلىش دەرىجىسى ئاساسلىقى ھاۋا ئېقىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولۇپ، سۇ ئېقىش جەريانىدا ھاۋا ئېقىمى پەيدا بولىدۇ، سۇنىڭ بېسىمى قانچە كۈچلۈك بولسا، ھاۋا ئېقىمىمۇ شۇنچە چوڭىيىدۇ ۋە يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ.

ھاجەتخانىدىكى باكتېرىيەلەرنى تەكشۈرۈش سىنىقى:

ئارقىدىن، تەتقىقاتچىلار خالىغان بىر ئۆينىڭ ھاجەتخانا ھاۋاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، كەسپىي مكرو جانلىقلار تەجرىبىخانىسىدا يېتىشتۈرۈش، تەكشۈرۈش سىنىقى ئېلىپ بارغان.

48 سائەتتىن كېيىن، يېتىشتۈرۈش قاچىسىدا يېتىشتۈرگەن نەتىجىنى كۆزەتكەندىن كېيىن، ھاۋا ئەۋرىشكىسىدە ئاساسلىقى گارسىنىيە دەرىخى مىكرو شارچە باكتېرىيەسى، سۇبتىلىس تاياقچە باكتېرىيەسى، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى، قارا ئاسپېرگىل، كاندىدا ئالبىكانس زەمبۇرۇغى، قىزىل ئېچىتقۇ، مۇكور زەمبۇرۇغى، ئافلاتوكسىن قاتارلىق باكتېرىيەلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىغان.

تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېتىشتۈرۈش قاچىسىدا يېتىشتۈرگەن باكتېرىيەنىڭ سانى ساناپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە كۆپ ئىكەن. ئۇنداقتا، بۇ باكتېرىيەلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە قانداق زىيىنى بار؟

گارسىنىيە دەرىخى مىكرو شارچە باكتېرىيەسى: بۇ خىل باكتېرىيە شەرتلىك كېسەل پەيدا قىلىدىغان باكتېرىيە بولۇپ، يارا ئېغىزى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى توقۇلمىلارنى يۇقۇملاندۇرۇپ، تېخىمۇ ئېغىر يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، يۈرەك ئىچى پەردىسى يۇقۇملىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەر...

چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى: بۇ خىل باكتېرىيە بوۋاقلاردا ئىچ سۈرۈش، قۇرامىغا يەتكەنلەردە ئىچ سۈرۈش ياكى يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قارا ئاسپېرگىل: نەم مۇھىتتا، قارا ئاسپېرگىل تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ كىيىملەرنىڭ كۆكىرىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئافلاتوكسىن: بۇ خىل باكتېرىيە بىرىنچى تۈردىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولۇپ، زەھەرلىك. ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ جىگەر توقۇلمىلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ باكتېرىيە، زەمبۇرۇغلار ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتتا ئومۇمەن مەۋجۇت. ئەگەر شەخسنىڭ ئەسلىدىنلا كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز بولسا، بۇ خىل باكتېرىيە ۋە زەمبۇرۇغلار نەپەس يولىغا كىرىپ كەتسىلا كېسەل پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ بالىلاردا بەزى باكتېرىيە خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، يىرىڭلىق قاپارتقۇ، يارا تۈك خالتا ياللۇغى قاتارلىقلار. شۇڭا، ئادەتتە تەرەت تۇڭىنى كۆپرەك تازىلاپ، دېزىنفېكسىيەلەپ بېرىش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى