قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش ۋە ساغلاملىق

2018-07-09 19:34:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بەدىنىڭىزدىكى توكسىننى چىقىرىۋېتىڭ. نۇرغۇن ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر تاماقنى ئاز يېيىش، تەرلەش ئارقىلىق بۇلغانغان ۋە ناچار يېمەكلىكلەردىن ھاسىل بولغان توكسىنلارنى قەرەللىك ھالدا بەدەندىن چېقىرىۋېتىشنى قوللايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈنى 2 مىڭ مىللىلىتىر ئەتراپىدا سۇ ئىچىشمۇ مۇھىم، سۇ قاننى سۇيۇلدۇرۇپ، توكسىننى چىقىرىۋېتىشكە پايدىلىق.

چوڭ- كىچىك تەرىتىڭىزگە دىققەت قىلىڭ. ھەرىكىتى ئاز كىشىلەر 30- 40 ياشلارغا كىرىش بىلەنلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، چىقىرىۋېتىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر بوغماق ئۈچەيدە توختاپ قالىدۇ- دە زەھەرلىك ماددىلار قان ئايلىنىش ئارقىلىق قايتا قوبۇل قىلىنىپ، ئەزالار ۋە توقۇلمىلارغا يەتكۈزۈلىدۇ. نەتىجىدە ھەر خىل كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قېرىشقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچى ھاسىل قىلىڭ. ساغلام بولۇش ئۈچۈن ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېمەكلىك جەھەتتە، كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك. كۆك چاي تەركىبىدە ئانتبىئوكسىدتلار، ئانتبىئوتىكلار ۋە ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرىدىغان ماددىلار بار. شۇڭا ئۇنى دائىم ئىچىپ بېرىش كېرەك. پۇراقلىق موگۇ، سامساق، قېتىقلارنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ماددىلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا، سىنك، سېلېن قاتارلىق مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار ۋە ۋىتامىن قاتارلىقلارنى تولۇقلاشقىمۇ دىققىت قىلىش لازىم. روھىي ھالەتمۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئاكتىپ، ئۈمىدۋار روھىي كەيپىياتنى ساقلاش؛ ئۇنىڭدىن باشقا، يېتەرلىك ئۇخلاش ۋە ھەرىكەت قىلىش كېرەك.

مېڭىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى يەڭ. بېلىق تۈرىدىكىلەردىن پاقا بېلىق، ماككېرىل بېلىقى، ساردېنا بېلىقىنىڭ ياغلىرى DNA نىڭ مەنبەس ھېسابلىنىدۇ.

ئورگانىك يېمەكلىكلەرنى يەڭ. ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىستېمال قىلغىنى كۆپىنچە ئورگانىك يېمەكلىكلەر بولۇپ، ئۇنىڭغا ھاشارات يوقىتىش دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىقلار ئىشلىتىلمەيدۇ.

ھەرىكەت قىلىڭ. ھەرىكەت قىلىش قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇق كىرگۈزىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، قەرەللىك ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇش ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىكەن؛ ھەرىكەت قىلىش راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىكەن. ھەر كۈنى يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىش، يەنى تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش، ئۇسسۇل ئويناش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىقلار سىزنى ساغلام قىلىدۇ.

زىيادە غەم يېيىش ئۆمرىڭىزنى قىسقارتىۋەتمىسۇن. ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگۈچىلەردە مۇنداق بىر ئالاھىدىلىك بار، ئۇلار تۈنۈگۈنكى ئىش ئۈچۈن ئۆكۈنمەيدۇ، ئەتىكى ئىش ئۈچۈن غەم قىلىپمۇ كەتمەيدۇ. كۆڭلى خاتىرجەم، كەيپىياتى ئازادە بولۇش ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرلىرىنىڭ بىرى. ئادەمنىڭ كەيپىياتى جىددىي بولغاندا يۈرەك سوقۇشى تېزلەپ، نەپەس ئېلىشى جىددىيلىشىپ، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى، جىنسىي ھەۋىسى قاتارلىقلار توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. بۇنداق ئامىللار دائىم كېسەل ياكى زەئىپلىشىپ قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەكشۈرۈشتىن ئىسپاتلىنىشىچە، %80 تىن يۇقىرى ھەر خىل كېسەل، جۈملىدىن راك كېسىلى، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇزاق ۋاقىت جىددىي ھالەتتە تۇرغانلىقتىن پەيدا بولىدىكەن. قىزىقارلىق پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىش، قانغۇچە كۈلۈۋېلىش، بىر مەزگىل ھېسىيات يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىددىي كەيپىياتتىن قۇتۇلۇشقا پايدىلىق. ئادەتتە خاپىلىقىنى ئۇنتۇپ، ئۆزىنى ياشلاردەك چاغلاپ يۈرگەندە، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى