قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ ئادەتلەر سالامەتلىكىڭىزگە زىيانلىق

2018-07-10 15:54:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۇزۇن مەزگىل ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان يەردە تاماق ئېتىش زىيانلىق:

تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان مۇھىتتا ئۇزۇن مەزگىل تاماق ئەتكەندە، يېرىم قاپ تاماكا ئىسىنى سۈمۈرگەن بىلەن باراۋەر بولىدىكەن. بۇنىڭدا ئۆپكە راكى بولۇش خەۋپى يۇقىرىلايدىكەن.

قورۇما قورىغاندا قازاننى يۇيۇۋەتمەيلا ئىشلىتىش زىيانلىق:

قورۇما قورۇپ بولۇپلا قازاننى يۇيماي داۋاملىق ئىشلەتكەندە، قازاندىكى ياغ يەنە بىر قېتىم يۇقىرى تېمپىراتۇرىغا ئۇچراپ، راك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددىلارنى ھاسىل قىلىدىكەن.

تەييار ياغنى بەك قىزدۇرۇپ قورۇما قورۇش زىيانلىق:

بەزىلەر تەييار ياغ تولۇق قىزىپ ئىس كۆتۈرۈلگەندە گۆش-كۆكتاتلارنى قورۇشنى باشلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ياغنىڭ قايناش نۇقتىسى سۇدىن يۇقىرى، ياغ قىزىپ ئىس چىققاندا تېمپىراتۇرىسى 200 گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدىكەن. بۇنداق چاغدا قازانغا كۆكتاتلارنى سېلىپ قورۇغاندا، زىيانلىق ماددىلار تېخىمۇ كۆپ بولىدىكەن.

بىر قېتىم قىزدۇرغان ياغنى تەكرار ئىشلىتىش زىيانلىق:

ياغنى قايتا قىزدۇرغاندا ئۇنىڭدا قايتىلانما ياغ كىسلاتاسى ۋە زەھەرلىك ياغ ئوكسد ماددىسى پەيدا بولىدىكەن. بۇنداق قورۇمىنى ئىستېمال قىلغاندا راك كېسىلى بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرىلايدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى