قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قانداق جايلارغا توختىتىشقا بولمايدۇ؟ 

2018-07-10 16:00:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. توختىتىشنى مەنئىي قىلىش بەلگە سىزىقى بار يول بۆلىكى، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى بىلەن ماتورسىز قاتناش ۋاستىسى، پىيادىلەر يولى ئارلىقىدا ئايرىش ئەسلىھەسى بار بولغان يول بۆلىكى، شۇنىڭدەك پىيادىلەر يولى، قۇرلۇش قىلىنىۋاتقان يول بۆلەكلىرىدە قاتناش ۋاستىسىنى توختىتىشقا بولمايدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى پىيادىلەر يولىغا توختۇتۇشقا بولمايدۇ، لىكىن توختۇتۇش سىزىقى ئىچىگە توختۇتۇلغان ئاپتوموبىللار بۇنىڭ سىرتىدا، يولغا توختاتقاندا باشقا ماتورلۇق قاتاش ۋاستىسى ۋە پىيادىلەرگە تەسر يەتكۈزمەسلىك كىرەك.

2. كېسىشمە يول ئېغىزى، تۆمۈر يول ئېغىزى، جىددىي ئايلانما يول، كەڭلىكى 4 مېتىر كەلمەيدىغان تار يول، كۆۋرۈك، تىك داۋان، تونىل، شۇنىڭدەك يۇقىرقى جايلار بىلەن بولغان ئارىلىقى 50 مېتىر ئىچىدىكى يول بۆلىكىدە قاتناش ۋاستىسىنى توختىتىشقا بولمايدۇ.

3. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، ئاممىۋى ئاپتۇبۇس بىكىتى، جىددىي قۇتقۇزۇش ئورنى، ئوت ئۆچۈرۈش جۈمىكى ۋە ئوت مۇداپىيە ئەترىتىنىڭ دەرۋازىىسى ئالدىغا، شۇنىڭدەك، يۇقىرىقى جايلار بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 مېتىر كەلمەيدىغان يول بۆلىكىدە قاتناش ۋاستىسىنى توختىتىشقا بولمايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى