قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«سىز ماختاشقا شۇنچە موھتاجمۇ؟»

2018-07-10 19:14:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كىشى مۇنەۋۋەر بولمىغاچقا، كۆڭۈلدىكىدەك قىلمىغاچقا، ماختاشقا ئېرىشەلمەيدۇ. مۇنەۋۋەر بولغاندا نۇرغۇن تەرىپلەش ۋە ماختاشلارغا ئېرىشەلەيدۇ. دەل مۇشۇنداق لوگىكا بولغاچقا، ماختالماي قالساق بىز دائىم ئۆزىمىزنى تۆۋەن كۆرىمىز ياكى ئاچچىقلىنىپ قالىمىز. سىز شۇنچە تىرىشقان، شۇنچە جان تىككەن ۋاقىتتا كۆڭلىڭىزنىڭ بىر يەرلىرىدە مەن راست ياخشى قىلدىممۇ؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. ھەر قېتىم سىز يېڭى بىر چارىنى تېپىپ چىققاندا ياكى يېڭى بىر ماھارەتنى ئىگىلىگەندە، بەلگىلىك نەتىجىگە ئېرىشىپ ھەمدە ئۆزىڭىزنى نامايەن قىلماقچى بولغاندا، كۆڭلىڭىزنىڭ بىر يەرلىرىدە ئۇ ماڭا ھەۋەس قىلارمۇ؟ دەيدىغان ئۈمىد ئارزۇلار تۇغۇلىدۇ.

@ ئەمەلىيەتتە ماختاش ياكى ماختىنالماسلىقنىڭ سەۋەبى پەقەت مۇنەۋۋەر ياكى ئەمەسلىكتىن ئەمەس. ماختىلىش ئىككى ئادەمنىڭ ئىشى. يەنى، سىز ماختاشقا لايىقمۇ؟ ئۇ سىزنى ماختامدۇ؟ بۇ ئىككى ئادەمنىڭ ھەمكارلىشى بىلەن تاماملىنىدىغان جەريان.

@ بىز قانداق ۋاقىتتا باشقىلارنى ماختايمىز؟

بىرىنچى، سىز ھەقىقەتەن قالتىس، مەندىن خېلى ئېشىپ كەتتىڭىز. بۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمدىكى سىزگە بولغان ھەۋەس قىلىش، ھۆرمەتلەش تۇيغۇسىنى ئىپادىلىگىلىم كېلىدۇ. مەسىلەن، نامەلۇم بىر ئادەمدىن بىرەرسىنىڭ ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش- ئىزلىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمىزدا، ۋاھ، نېمىدېگەن قالتىس، دەپ ئۇ ئادەمگە قول قويىمىز، ئۇنىڭ نەتىجىلىرىدىن ھوزۇرلىنىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىڭغا يېتەلمەسلىكىمىزنى نومۇس ئەمەس، ئىنتايىن نورمال دەپ بىلىمىز.

@ ئىككىنچى، ئەگەر سىز ھەقىقەتەن مۇنەۋۋەر بولسىڭىز، مەندە بۇ ئارتۇقچىلىق پەقەت بولمىسا، مەن پەقەتلا پىسەنت قىلمايمەن. مەسىلەن، ناخشا ئۇسسۇلغا ماھىر، قولى گۈل بىر كىشىگە ئۇچرىغاندا، بىزدە ئۇنداق ھۈجەيرە پەقەت بولمىغاچقا، ئۇنىڭغا چىن كۆڭلىمىزدىن قايىل بولىمىز.

@ ئۈچىنچىدىن، مەن ھەقىقەتەن مۇنەۋۋەر بولۇپ، سىزدىن خېلى ئېشىپ كېتەلىگەن ئەھۋالدا، ئاندىن كەمتەرلىك قىلالايمەن، ئۆزۈمنى تۆۋەنگىرەك قويۇپ، سىزدىن ھوزۇرلىنىپ، سىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ سىزگە مەدەت بېرەلەيمەن. بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ باشقىلارنى ماختىغىنىمىز ئۆزىمىزنى ماختىغىنىمىزدۇر. قانچە كەمتەر بولغىنىڭىز، ئۆزىڭىزنى شۇنچە ماختىغىنىڭىزدۇر. سىز باشقىلار ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى ئېتىراپ قىلىشقا مۇھتاج بولمىغاندا، ئاندىن باشقىلار سىزنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

@بىز قانداق ۋاقىتتا باشقىلارنى ماختىمايمىز؟

نۇرغۇن ۋاقىتتا، بىز باشقىلارنى پەقەت ماختىيالمايمىز، چۈنكى ئۇلار بىزدىكى نومۇس تۇيغۇسىنى قوزغاپ قويغانىدى، كۆپچىلىكنىڭ يېشىمۇ، باشلىنىش نۇقتىسىمۇ ئوخشاش، ھەتتا بەزى جەھەتلەردە ماڭا يەتمەيدىغان تۇرۇپ، نېمىشقا مەندىن ئېشىپ كېتىدۇ، دەپ ئويلاپ قالىسىز. شۇڭا باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىز ئىنتايىن خىجىل بولۇپ كېتىمىز، ئۆزىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرەلمەيمىز. شۇڭا كۆڭلىمىزدە قارشى تەرەپكە ھەۋەس قىلساقمۇ، چىش يېرىپ ماختىيالمايمىز. بۇ ۋاقىتتا يوشۇرۇن ئېڭىمىزدا: «سېنى ماختىغىنىم ئۆزۈمنى ھاقارەتلىگەنلىك» دېگەن سادا پەيدا بولىدۇ. بەزى چاغلاردا كەڭ قورساق، پىسەنت قىلمايدىغان كۆرۈنۈش ئۈچۈن باشقىلارنى زورلاپ ماختاشقا مەجبۇر بولىمىز. بۇنداق ۋاقىتتا ماختاش سۆزلىرى تەبىئىي بولماي قالىدۇ.

@ ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرمەيدىغان ئادەملەر باشقىلارنى ئاسان ماختىيالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەسلىدىنلا ئۆزىگە ئىشەنمەيدۇ. ئۆزىنىڭ ئوسال ھالىتىنى قوبۇل قىلالمايدۇ، شۇڭا ئۇلار باشقىلارنى ماختىيالمايدۇ. باشقىلارنى ماختاش ئۇلار ئۈچۈن ئۆزىنى ھاقارەتلەشتەك بىلىنىدۇ.

@ دېمەك، مۇنەۋۋەر بولۇپ ماختالمىغىنىڭىز باشقىلارنىڭ سىزنى ئېتىراپ قىلغىنىدۇر. بۇ ياخشى بولۇش- بولماسلىق، مۇنەۋۋەر بولۇش- بولماسلىق بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىزدۇر. ئەگەر سىز ئىنتايىن مۇنەۋۋەر تۇرۇپمۇ، يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدا ئۆزىڭىزنى تۆۋەن كۆرسىڭىز، باشقىلار بىلەن بىلىپ- بىلمەي رىقابەتلىشىسىز، ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرىسىز، باشقىلار بىلەن توختىماي كۈچ سىنىشىسىز، بەسلىشىش، سېلىشتۇرۇش ئېنىقكى، يوشۇرۇن ئېڭىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ سەۋىيىسى بىلەن باشقىلارنىڭ سەۋىيىسىنى تەڭ ئورۇنغا قويۇۋالغانلىقىمىزدىندۇر.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى