قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى

2018-07-10 19:15:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى سۆزلەشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئىش قىلغاندا نېمە ئۈچۈن ئاسانلا يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قالىدىغانلىقنىڭ سەۋەبىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز. بۇنىڭ ئاساسلىق مۇنداق نەچچە خىل سەۋەبلىرى بار:

@ (1) كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزۇن ۋاقىت خىزمەت قىلىدىغان ئادەم ئادەتتە كومپيۇتېر ئېكرانىغا بەك يېقىن بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئادەمنىڭ كۆز قىسمى مۇسكۇللىرىمۇ جىددىي ھالەتنى ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆز ھېرىپ-چارچايدۇ.

@ (2) كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرىدىغان ئادەمنىڭ ئولتۇرۇش قىياپىتىنىڭ دۇرۇس بولماسلىقى تۈپەيلىدىن كۆزى ئاسانلا ھېرىپ چارچاپ قالىدۇ.

@ (3) بەزىلەرنىڭ كومپيۇتېرىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەنلىكتىن كومپيۇتېر ئېكرانى كونىراپ، ئېكراننىڭ كۆرۈنۈشى سۈزۈك بولمىغانلىقتىن ئاسانلىقچە ئېنىق كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلغۇچىنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۈچەشكە مەجبۇر قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆز ئوڭايلا ھېرىپ-چارچايدۇ.

@ (4) ئۇزۇن مەزگىل كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ كۆز قىسمىدا ئېغىر دەرىجىدە غىدىقلىنىش پەيدا بولىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆزنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىغا بولغان زىيىنىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

@ يۇقىرىدا كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئىش قىلغاندا نېمە ئۈچۈن ئاسانلا يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قالىدىغانلىقنىڭ سەۋەبىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق، تۆۋەندە كۆپچىلىككە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۇسۇل ۋە تەدبىرلەرنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.

@ بىرىنچى ئۇسۇل: ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلماقچى بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى چوقۇم ئارىلىقتا ۋاقىت ئاجرىتىپ كۆزىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇڭ. كۆزىڭىزنى بىردەم يۇمۇپ ئارام ئالدۇرسىڭىزمۇ ياكى يىراققا نەزەر تاشلاپ قاراپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

@ ئىككىنچى ئۇسۇل: كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئېكرانىنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى بىلەن سۈزۈكلۈك، ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ياخشى تەڭشەڭ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ يورۇقلۇقىنىمۇ ئوبدان تەڭشەڭ. يەنە كومپيۇتېر قويغان ئۈستەل بىلەن ئورۇندۇقنىڭ ئېگىزلىكىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ. ئامال بار ئوبيېكتىپ ئامىللارنىڭ تەسىرىنى كىچىكلىتىڭ.

@ ئۈچىنچى ئۇسۇل: ۋىتامىن A كۆپرەك بولغان يېمەكلىكلەرنى ھەمدە كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىڭ. بۇ كۆزنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاسراشتا ياخشى رول ئوينايدۇ. مەسىلەن: سۈت، تۇخۇم، تورت، سەۋزە، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، ئاپېلسىن، چىلان قاتارلىقلار.

@ تۆتىنچى ئۇسۇل: قوغداش رولى بار يوشۇرۇن كۆزەينەكلەرنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. توغرا ئولتۇرۇش قىياپىتىنى ساقلىغان ھالدا كۆز بىلەن كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ ئارلىقىنى 35 سانتىمېتىردىن 40 سانتىمېتىرغىچە ئارلىقتا ساقلاش كېرەك.

@ بەشىنچى ئۇسۇل: جۈخار گۈلى چېيىنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىش كېرەك. بۇنىڭ كۆزدىكى ئىششىقنى ياندۇرۇپ، ھېرىپ-چارچاشنى تۈگىتىش رولى بار. جۈخار گۈلى چېيىنى كۆز قىسمىغا سۈركەپ كۆز قىسمىنىڭ ھارغىنلىقىنى يېنىكلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى