قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ساغلاملىق دەستۇرى

2018-07-10 19:04:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىسسقتىن قورقىدىغانلار ياز كىرگەن ھامان شامالدۇرغۇچ بىلەن ھەپىلىشىدۇ، ھەتتا بەزىلەر شامالدۇرغۇچنى كېچىچە توختاتمايدۇ. بىراق مۇتەخەسسىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، شامالدۇرغۇچقا تايىنىۋىلىش ئادەمنىڭ ئاشقازىنىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن. ئادەم بىر كېچە شامالدۇرغۇچنى توختاتمىسا، ئەتىسى قورسىقى ئاغرىپ، چىرايى تاتىرىپ تەرگە چۆمۈلۈپ كېتىدىكەن، چۈنكى بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئاشقازىنى تارتىشىپ قالغان بولىدىكەن. يوتقان يېپىنماسلىق، شامالدۇرغۇچ ياكى ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ قويۇش ئاشقازان تارتىشىش كېسىلىنى پەيدا قىلىپلا قالماستىن، مۇزلىتىلغان ئېچىملىك ئىچىش، پۇتنى سوغۇق سۇدا يۇيۇشمۇ بۇ خىل كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ. ئەھۋال ئېغىرلاشسا، باشقا ئەزالارمۇ زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىنكەن.
ئادەتتە بوۋاقلار ئالتە- يەتتە ئايلىق بولغاندا ئۆمىلەشكە باشلايدۇ. لېكىن بەزى ئاتا- ئانىلار «بالا ئۆمىلەشنى ئۆگىنىۋالسا بىر جايدا جىم تۇرمايدۇ، بەك ئاۋارىچىلىق» دەپ قارىسا، بەزى ئاتا-ئانىلار «نېمە قىلىدۇ بالىلارغا ئۆمىلەشنى ئۆگىتىپ، قالايمىقان ئۆمىلەپ كىيىملىرىنى مەينەت قىلىۋەتكەننى ئاز دەپ بالىنىڭ ئۆزىمۇ بەك ھېرىپ كېتىدۇ» دەپ بالىسىنى ئۆمىلەتمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۆمىلەش بالىلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشنى ئۆگىنىشىدىكى بىر جەريان بولۇپ، پۇت- قوللارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى بىلەن پۈتۈن بەدەننىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە بوۋاقلارنىڭ ئۆمىلەش جەريانىدا ئۇچرىشىدىغان جىسىملىرى كۆپ بولىدۇ، بۇ چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى