قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دەسلەپكى مەقسەتنى ئويغۇتۇش

2018-07-10 19:16:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دەسلەپتە، تۇرمۇش ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان چاغلاردا تولىمۇ ھاياجانلىق تۇيغۇدا بولاتتىم. تاغلارنى كۆرسەم زوقلىنىپ، دەريالارنى كۆرسەم ھەيران قالاتتىم، دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەرگە قىزىقىش ئىچىدە مۇئالمىلە قىلاتتىم. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئازراق تەجرىبە توپلاندى، قەلبىمدە دۇنيانىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسى شەكىللەندىدە، ئانچە ھاياجانلىنىپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدىم. لېكىن، يېقىندىكى بىر قېتىملىق «تۇرمۇش ئۆگىنىش» پائالىيتى مەندە ئاز بولمىغان تەسىراتلارنى پەيدا قىلدى.
ئۇ «ناشىدىكى يازغۇچىلارنىڭ كىتاپ ئوقۇش پائالىيىتى» بولۇپ، مەن ئۆمەككە ئەگىشىپ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لۇجۇ شەھىرى بەيجيې بازىرى داۋاڭجۇخەي ساياھەت رايونىغا كەلدىم. پۈتۈن تاغنى قاپلىغان بامبۇكزارلىققا يىراقتىن نەزەر سالدىم، ئۆزۈمنى بۇ بىپايان يېشىللىق ئىچىگە چۆكۈپ كەتكەندەك، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۈزۈپ كېتىۋاتقاندەك ھىس قىلىپ، قەلبىم چەكسىز ھاياجانلاندى. داۋاڭجۇخەيدىن قايتىپ، بەيجې بازىرىغا كېلىپ، شائىرلار جەمىيىتىنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇق.
سىم- سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، تاشيول بازارنىڭ ئۆتتۇرسىدىن كېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، شائىرلار جەمىيىتىنىڭ ئورنى تاشيول بويىدىكى يىگىرمە كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان بىر ئۆي ئىدى. بۇنداق قاتناش قولايلىق جايدا، يېزىلاردا كۆپىنچە شاخماتخانا تەسىس قىلىناتتى. لېكىن، بۇيەردە بولسا ۋىۋىسكا ئېسىلىپ شائىرلار جەمىيىتى قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇراتتى.
كىشىلەر يول بويىدا توپلىشىپ تۇراتتى، بەزىلىرى گۈللۈك كۈنلۈك تۇتىۋالغان، بەزىلىرى سۈزۈك يامغۇرلۇق يېپىنچا يېپىنچاقلىۋالغان ئىدى. شائىرلار جەمىيىتىنىڭ ئالدىدا ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر تۇراتتى. «بازارلىق ھۆكۈمەت»، «رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنەتچىلەر بىرلەشمىسى»، «كەنت كومىتېتى».... ئۇلار تۈرلۈك بەلگە تاختىلىرىنى كۆتۈرۈپ سىم- سىم يامغۇردا تۇراتتى، چىراي ئىپادىسى مەيدانغا كىرىشنى كۈتۈپ تۇرغان تەنھەرىكەتچىلەردەك قىلاتتى.
شائىرلار جەمىيىتىنىڭ ئىشىك ئالدىغا قىزىل يىپەك لوزۇنكا ئېسىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا: «شەنۋېن شائىرلار جەمىيىتىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى» دەپ يېزىلغان ئىدى. تۇرقىدىن تاغلىقلىقى چىقىپ تۇردىغان ئۈچ بوۋاي قولىنى ساڭگىلىتىپ سەل قورۇنۇپ، ئۆرە تۇراتتى. ئايال بازار باشلىقى ئۇلارنى شەنۋېن شائىرلار جەمىيىتىنىڭ ئاساسلىق شائىرلىرى دەپ تونۇشتۇردى. مەن ھەيران قالدىم. ئادەتتە بىز ھەر خىل شەھەر شائىرلىرىنى كۆرۈپ كۆنۈپ قالغان، ئۇلارنىڭ يۈرۈشـتۇرۇشى، گەپ- سۆزى قويۇق كەسپىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى. بۇ چاغدا تاغ شائىرلىرىنىڭ ئوبرازى مەندە ئەزەلدىن بار بولغان «مۇقىم تەپەككۇر ھالىتىم» نى بۇزۇپ تاشلىدى. بېشىدىن كۆپ ئىسسىق- سوغۇقلار ئۆتكەن، چاچلىرى چالا ئاقارغان، تېرىسى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن، ئوتتۇرىغا بوي، ئورۇق، قارىماققا ئاتمىش ياشقا يېقىنلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى، گەپ قىلماي، كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. ئەگەر ئېتىز قىرلىرىدا ئۈچ تاغلىق بوۋاي بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالسام، مەن ئۇلارنى ھەرگىز شائىر دەپ ئويلىمايتتىم.
بۇ دەل تاغلىق شائىرنىڭ ئوبرازى ئىدى، ئۇلار ئادەتتە يەر تېرىپ، ئوتۇن كېسىپ، قىغ توشۇيدۇ.... ئۇلار ئالدى بىلەن ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقان، ئاندىن شائىر. شەنۋېن شائىرلار جەمىيىتىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئاددىي ھەم تەنتەنىلىك بولدى. قىزىل يۇپۇقنى ئېچىپ، پوجاڭزا ئېتىپ، خەلق ئارىسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بايراملىق تۈس ئالدى.
بۇ كىشىگە «نەزمىنامە» نى ئەسلىتىدۇ، قەدىمىي ئۇسلۇبنى، خەلق ناخشىسى خەلق قوشاقلىرىنى، جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخى سەھىپىسىدە ساقلىنىپ قالغان ھەر خىل ئەسەرلەرنى ئەسلىتىدۇ. بۇ ئەسلىدە ئەل ئارىسىدىكى تۇپراقتا ئۆسۈپ چىققان ياۋا ئوت- چۆپلەر بولۇپ، ھازىرغىچە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالغان. جاڭ ۋېنچۈەن، لۇڭ چۈەن، ۋاڭ شاڭشيەن قاتارلىقلار شەنۋېن شائىرلار جەمىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممسى سېپى ئۆزىدىن دېھقان بولۇپ، نەچچە يۈز پارچە شېئىر ئىجاد يازغان. ئۇلارنىڭ شېئىر- نەزمىلىرىنى يۇرتنى مەدھىيىلەش تېمىسىدىكى ئەسەرلەر بولۇپ، ھېسسىياتى چىن، قىزغىن ئىدى. «داڭلىق تاغ، يېشىل بامبۇك تۇرار تۇمان ئارا، بۇلاق چىقتى شەرقى كەنتتىن، يىپەك مېلەڭزە ئارتىپ ئۇ جايغا. خەتەرلىك يوللار، ئېگىز قىيالار تۇرار بەھەيۋەت، يۈرەكنى ئاغدۇرار ئېگىز چوققا، چوڭقۇر جىلغىلار». يېشىل بامبۇك، سۈزۈك بۇلاق، تىك قىيا، چوڭقۇر جىلغىدىن ئىبارەت تەبىئەت مەنزىرىلىرى بۇ شېئىردا شۇنچىلىك ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن. بۇ شېئىرنىڭ ھەر بىر مىسراسىدا يۇرتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە بولغان مېھىرى- مۇھەببەت، قەدىمى بازارنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئۈمىتۋارلىق ئىزھار قىلىنغان. بۇ شېئىرلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن، بۇنىڭ ھەقىقى دېھقان شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغىلى بولاتتى.
جۇڭخۇا شېئىرلىرى بىلەن تويۇنغان بۇ شەنۋېڭ شېئىرلار جەمىيىتىدە، مەن جۇڭخۇا ئەنەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنىڭ ئاستا- ئاستا زورىيىۋاتقانلىقى، دېھقانلارنىڭ ئالدىراقسانلىق قىلماي، نام- ئاتاق، پايدا- مەنپەئەت قوغلاشماي، تەرەققىياتنى قوغلىشىپ، بارىغا شۇكرى قىلىدىغان خاراكتېرىنى ھىس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماڭا تولىمۇ ئاددىي بولغان: «تۇرمۇش» دىگەن سۆزنى ئەسلىتىپ قويدى .
دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە ئۇلار قىش- ياز بولۇشىدىن قەتىينەزەر، ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىدۇ. ئائىلىنىڭ بەختدىن ھوزۇرلىنىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئاددىي تۇرمۇشى ئىچىدە يەنە لى بەي، دۇ فۇ، بەي جۈيى، سۇ شى، لۇ يۇۋ، شىن چىجى، يەنە سان ساناقسىز جۇڭگو شائىرلىرى بار. ئۇلار لاي پۇتلىرى بىلەن يېزىنىڭ چىغىر يوللىردا خۇددى ئەدەبىياتنىڭ مۇقەددەس سارىيىدا مېڭىۋاتقاندەك كېتىپ بارىدۇ.
بەلكىم، ئۇلارنىڭمۇ ئازراق نام- مەنپەئەت ئىدىيىسى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ نام ئەدەبىيات سەۋەبىدىن خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت؛ ئۇ پايدا، ئەدەبىيات سەۋەبىدىن قولغا كەلتۈرگەن جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقتۇر. ئۈچ تاغلىق شائىر مېنىڭ ئويلىنىشىمنى قوزغىدى: «پەقەت نام- مەنپەئەت ئىدىيەسىدىكى يۈكنى چۆرۈپ تاشلىغاندىلا، ئاندىن دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇپ قالماي، ئەدەبىي يېزىقچىلىقىدىكى پاكلىقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
«شەنۋېن شائىرلار جەمىيىتى» نىڭ تېمىغا «شەنۋېن شائىرلار جەمىيىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى»، «جەمىيەت باشقۇرۇش پرىنسىپى»، «ئەزالارنىڭ ھوقۇقى»، «ئەزالارنىڭ مەجبۇرىيىتى» دېگەن خەتلەر ئېسىلغان بولۇپ، ناھايىتى مۇنتىزىم ئىدى.
قارىغاندا كەنت- يېزىلاردا جانلىنىپ كەتكەن دېھقانلار شېئىرلىرىنىڭ ئاپتورلىرى بىر توپ بولۇپ ئۇيۇشقان بولۇپ، بۇ ئۈچ تاغلىق بوۋاي پەقەت ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى؛ شەنۋېن شائىرلار جەمىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەرگىزمۇ كۆرۈنۈشنى بېزەيدىغان يۈزەكى ھەرىكەت ئەمەس ئىدى. بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدىكى دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى. ھالبۇكى بۇ تۇرمۇش ئەسلىدىنلا ئۇلارنىڭ ئەدەبىي تۇرمۇشى ئىدى.
ئۇ يېزىنىڭ چوڭقۇر تۇپرىقىغا يىلتىز تارتقان بولۇپ، بۇ يەردە ئاتالمىش ئەدەبىيات ئەندىشىسى يوق. ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات ئېڭى خۇددى بامبۇكقا ئوخشايدۇ، بامبۇك نوتىسى ئۆسۈپ چىققاندا يىلتىز تارتىدۇ، غول ئۆسىدىغان چاغدا غول تارتىپ، بىخ چىقىرىدىغاندا يېڭىدىن بىخ چىقىرىدۇ. ئۇلار قۇياش نۇرىغا قاراپ ئۆسىدۇ. ئۈچ تاغلىق بوۋاي بىرلىشىپ چىقارغان شېئىرلار توپلىمى «تاغلىق دېھقانلار شېئىرلار توپلىمى» خۇددى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەردەك خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى.
زېمىن ئانىسى ئەدەبىيات روھىنى ئوزۇقلاندۇرۇش كۈچىگە ئىگە، شەنۋېن شائىرلار جەمىيىتىدە تۇرۇپ، مەن بۇ قېتىمقى سەپەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. گۈل لوڭقىسىغا سانجىغان گۈللەر ئۇزاققىچە خۇشپۇراق تارقىتالمايدۇ. زېمىن بارلىق مەۋجۇداتلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ ئەدەبىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مانا بۇ «سەنۋېن شېئىرلىرى» جەمىيىتىدىكى جۇڭگولۇق دېھقان شائىرلارنىڭ دەسلەپكى مەقسىتى مېنى ئويغاتتى، تاغ ئارىسىدا سىم- سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى