قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 پىۋىنىڭ ئىستېمال قىلىشتىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك رولى بار

2018-07-11 18:49:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پىۋا بىلەن تۇزنى ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.

تازىلاش سۇيۇقلۇقى تەييارلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى باسقۇچ، ئالدى بىلەن بىر پۈركۈگۈچ تەييارلىۋېلىپ، ئىچىگە تۇز قۇيىمىز.

ئىككىنچى باسقۇچ، ئارقىدىن پىۋىنى قۇيۇپ، پۈركۈگۈچنىڭ ئاغزىنى ھىم ئېتىپ، ئارىلاشتۇرىمىز.

گاز ئوچاقنى تازىلاش:

يۇقىرىدا تەييارلىۋالغان تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى ئوچاق ئەتراپىدىكى ماي، يۇقۇندىلارغا چېچىپ، ئارقىدىن لاتا بىلەن سۈرتىۋەتسەكلا بولىدۇ.

مۇنچىدىكى سۇ داغلىرىنى تازىلاش:

مۇنچىنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن سۇ دېغى پەيدا بولۇپ تازىلاش قىيىنغا توختايدۇ. ئەگەر تۇز قوشۇلغان پىۋىنى ئىشلەتسەك سۇ دېغى تېزلا چىقىپ كېتىدۇ.

فارفۇر خىشلارنىڭ بۇرجەكلىرىنى تازىلاش:

فارفۇر خىشلارنىڭ بۇرجىكىنى پاكىز تازىلاش تولىمۇ قىيىن. ئەگەر تۇز قوشۇلغان پىۋا ئارقىلىق تازىلىغاندا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى