قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سېرىك سەنئىتى

2018-07-11 17:53:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

5 قىز ئىككى قولىغا ياغاچ تاياق ئېلىپ، ئىككى قولىنى ماس ھالدا ھەركەتلەندۈرۈپ، پېقىرىغۇچنى پېقىرىتىۋاتاتتى. پېقىرىغۇچ ئۇلارنىڭ قولىدا ئاجايىپ تۈسكە كىرگەنىدى. يەنە بىر تەرەپتە، ئىككى تال خادىدىن شەكىللەنگەن شوتىنىڭ ئىگىزلىكى 3 مېتىر بولۇپ، 60 گىرادۇسلۇق بۇلۇڭ شەكىللەندۈرگەنىدى. ئىككى ئوغۇل بالا بىر خادىنى مۇقىملاشتۇرۇپ تۇرىۋىدى يەنە بىر بالا يىراقتىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، شوتىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە باردى ھەمدە 360 گىرادۇسلۇق ھالقىش ھەركىتىنى ئورۇندىدى.
بۇ-- جۇڭگو سېرىك ئۆمىكىنىڭ مەشىق زالىدىكى كۈندىلىك ئىشلار ئىدى. مەشىق زالىدا، «ئەڭ ياخشى سېرىك ھەركىتىنى دۇنياغا نامايان قىلايلى!»، «ۋەتەنگە شان- شەرەپ كەلتۈرۈشكە تىرىشايلى!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قىزىل پىلاكات ھەممىدىن بەك كۆزگە چېلىقاتتى. بۇ-- ئارتىسلارنىڭ تىرىشىش نىشانى شۇنداقلا ئېلىمىزدىكى سېرىكچىلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ تىرىشىش نىشانى ھىساپلىناتتى.
ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەتنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش مۇساپىسىدە، «دۇنيا سېرىكچىلىكىدىكى ئالتۇن مىدال زاپاس ئىسكىلاتى» دەپ ئاتالغان جۇڭگو سېرىكچىلىكى باشتىن- ئاخىر ئېلىمىزنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تاشقى ئالاقىسىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. جۇڭگو سېرىك ئۆمىكى بولسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەركىزىي ھۆكۈمەت تەشكىللەپ قۇرغان تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك سېرىك ئۆمىكى، ئېلىمىزگە ۋاكالىتەن تۇنجى بولۇپ چەتئەللەردە ئۇيۇن قويغان سەنئەت ئۆمىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېلىمىز سېرىكچىلىكىنىڭ تەرەققىيات كارتىنىسى ۋە شاھىدى ھىساپلىنىدۇ.
بۈگۈنكى دۇنيادىكى سېرىك ساھەسىدە، ئەنئەنىۋى سېرىك ئويۇنى تەرەققىيات سەھنىسىگە قەدەم قويدى. يېڭىچە سېرك ئويۇنىنىڭ تۈسى ۋە ئۇسلۇبى يېڭى بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو سېرىكچىلىكى قانداق قىلغاندا، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا يېتىشىپ مېڭىپ، يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلالايدۇ؟ قانداق قىلغاندا، قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭخۇا ئېلىنىڭ ئىستىتىكىسىنى دۇنيا سېرىكچىلىك ساھەسىدە قەد كۆتۈرگۈزەلەيدۇ؟ جۇڭگو سېرىك ئۆمىكىنىڭ ئىجادىيەت يولىدىن بۇلارغا جاۋاپ تاپالىشىمىز مۇمكىن.
كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ.
ماھارەت يېتىلدۈرۈپلا قالماي، بەدىئىيلىكنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
سېرىك-- بەدىيئىلىك جەھەتتە تېپىش ئەڭ تەس تېپىشماق ھىساپلىنىدۇ. سەنئەت ساھەسىدە، سېرىكنىڭ ماھارەت ياكى بەدىئىيلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا، ئىلگىرى ھەقىقەتەن تالاش- تارتىش بولغان. ھازىر، ئېلىمىزدىكى سېرىكچىلەر نۇقۇل ماھارەتكە ئىنتىلىشتىن ھالقىپ كەتتى.
جۇڭگو سېرىكچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى، جۇڭگو سېرىك ئۆمىكىنىڭ ئىجادىيەت باش نازارەتچىسى سۈن لىلى مەشىق زالىدا، ئارتىستلارغا «چىراي ئىپادىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، كۈلۈمسىرەڭ» دېگەن سۆزلەرنى كۆپ قىلاتتى. «قىيىنلىق دەرىجىسىنىلا كۆزلەپ، ئۆزى شۇنچە جاپا تارتىپ تۇرۇپ، كۆرۈرمەنلەرگە ھىچقانداق گۈزەللىك تۇيغۇسى ئاتا قىلالمىسا، بۇنىڭ نىمە پايدىسى؟». سۈن لىلى مۇشۇ سۆزلىرى ئارقىلىق، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئىستىتىك ئىھتىياجىدىكى ئۆزگىرىشنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: كىشىلەر ھازىر سېرىك ئۇيۇنىدىن ئاجايىپ ماھارەتنى كۆرۈشنى ئەمەس بەلكى ئىستىتىك زوق ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان بولدى.
«بىرىكىش»-- جۇڭگو سېرىكچىلىكىنىڭ تۇغما ئالاھىدىلىكى. «خەن ۋېندى خاتىرىسى» دە خاتىرلىنىشىچە، سېرىك ماھارىتى چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدە يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، نۇرغۇن تۈرلەرنى شەكىللەندۈرگەن. جۇڭگو سېرىك ماھارىتى ئەل ئارىسىدىن باشلانغان بولۇپ، قازان- كورا، چىنە- قاچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشلەتكەن. ھازىرچۇ؟ ھازىر، سېرىك ئىجادىيەت ئۇسۇلى كۈندىن- كۈنگە بېيىۋاتىدۇ، ئىجادىيەت تەرتىپى كۈندىن- كۈنگە مۇرەككەپلىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا، تۈرلۈك سەنئەت بايلىقى، ئامىلى ۋە ھالقىلارنى بىرىكتۈرۈشكە؛ ئۇسسۇل، تىياتىر، مۇزىكا قاتارلىق باشقا سەنئەت ئامىللىرى، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى ئەپچىللىك بىلەن ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. دۇنيا سېرىكچىلىكىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ياۋروپادىكى «يېڭى سېرك» نىڭ گۈللىنىشى سېرىك ئىجادىيىتىنىڭ «بىرىكىش» يۈزلىنىشىنى دەلىللىدى. بۇنىڭدا، ئىزچىللاشقان باش تېما بولۇپ، كۆپ خىل سەنئەت شەكلى بىرلەشتۈرۈلىدۇ. جۇڭگو سېرىك ئۆمىكىنىڭ باشلىقى جاڭ خۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو سېرىكچىلىكىدە، ياۋروپانىڭ «يېڭى سېرىك» ئەندىزىسىنى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ كېلىشكە بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆرنەك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى سېرىك ماھارىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئۆزىمىزدە يىلتىز تارتقۇزۇشىمىز كېرەك. قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ئۇسلۇبى بىلەن دۇنيا ئېقىمى، ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەت بىلەن ھازىرقى زامان ئېستېتىكىسىنى بىرلەشتۈرگەندىلا، جۇڭگو سېرىكىگە تەۋە مىللىي سالاپەت ۋە ئېستېتىك ئۇسلۇب ياراتقىلى بولىدۇ.
10- نۆۋەتلىك جۇڭگو سېرىكچىلىكى ئالتۇن جۇخار مۇكاپاتى مەملىكەتلىك سېرىك مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن، 4- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقارا سېرىك سەنئەت بايرىمىنىڭ ئالتۇن يولۋاس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سېرىك نۇمۇرى «9 قەۋەتلىك دولقۇن»-- جۇڭگو سېرىك ئۆمىكىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىجادىي ئەسىرى. بۇ نۇمۇردا، ئەنئەنىۋى ئىجادىيەت ئەندىزىسى بۇزۇپ تاشلىنىپ، تۈرلۈك سېرىك ماھارەتلىرى سىڭدۈرۈلدى. رېژىسسور جاڭ جىگاڭ روسىيە ماي بوياق رەسىم ئەسەرلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، بىپايان دېڭىزدىكى ئۈمىدۋار، باتۇر ياش ماتروسلارنىڭ ئوبرازىنى سۈرەتلەپ بەردى. بۇ نۇمۇر ئۆزگىچە ئىجادىيىتى ئارقىلىق، خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىجاد قىلىنغان ئەڭ ياخشى ئەسەر» دېگەن يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.
ئەمما، شۇنى تۇنۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، سېرىك ئىجادىيىتىدە، سەنئەت جەھەتتىكى بىرىكىش-- ھۆسۈن ئۈستىگە ھۆسۈن قوشىدىغان ئىش بولۇشى، ھەرگىزمۇ باش پېرسۇناژدىن ئېشىپ كېتىدىغان ئىشنى قىلماسلىقى كېرەك. سەھنىدىكى ئاۋاز، فوتو ئېلېكتىر، يېڭى پەن- تېخنىكا قاتارلىق ۋاسىتىلەر سېرىكتىن ئىبارەت «مۇتلەق باش پېرسوناژ» نى بېسىپ كەتسە بولمايدۇ. سېرىكنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش ۋە ئۈنۈملۈك ئېچىش، شۇنداقلا سېرىك بىلەن باشقا قېرىنداش سەنئەتنىڭ پەرقىنى تونۇش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، يېڭىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ياخشى سېرك ئويۇنىنى تېخىمۇ چىداملىق، قىزىقارلىق، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
تىرىشىپ ئۆزگىچىلىك يارىتىش.
ۋەتەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ ئويۇن قويۇش؛ 132 دۆلەت ۋە رايوندا زىيارەتتە بولۇش؛ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ دۆلەت ئىچى ۋە دۇنيادىكى ئاساسلىق مۇسابىقە مەيدانلىرىدا 63 ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشىش... جاڭ خۇڭ جۇڭگو سېرىك ئۆمىكىنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدا كۆپ قېتىم ئەلا نەتىجىگە ئېرىشىشىدىكى «سىر» نى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: بارلىق نۇمۇرلاردا ئەسلى تارقىتىش ئىقتىدارىغا ئەھمىيەت بېرىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىندى. بولۇپمۇ، نۇمۇرلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش دەرىجىسى، كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆرۈش سېزىمىنىڭ يېڭىلىق دەرىجىسى ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىگە دىققەت قىلىندى. ئارتىسلار قايتا ئىجادىيەتكە ئاتلىنىپ، نۇمۇرنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى.
يېڭىلىق يارىتىش بىر كۈندە پۈتىدىغان ئىش ئەمەس. دەسلەپكى ئىجادىيەتتىن تارتىپ مۇكەممەل ئەسەر ئوتتۇرىغا چىققۇچە، جۇڭگو سېرىك ئۆمىكى بىر نومۇرنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققۇچە تەخمىنەن ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى. ھەركەتنى ماسلاشتۇرۇش، مۇزىكا ئىجادىيىتى، يېڭى قورال- جابدۇقلارنى ئىشلەش، ئورۇنداش شەكلىنى يېڭىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى تەپسىلىي ئىشلەندى.
«بىرىنچى بولۇشنى ئەمەس، بىردىنبىر بولۇشنى ئويلاش؛ ھەشەمەتلىك بولۇشنى ئەمەس، نەپىس بولۇشنى ئويلاش». بۇ جۇڭگو سېرىك ئۆمىكىنىڭ باش ئىنژېنېرى، سەھنە جابدۇق لايىھەلىگۈچىسى ۋاڭ جيەنمىننىڭ لايىھە ئىدىيەسى.
2004- يىلى، جۇڭگو سېرىك ئۆمىكى «13 كىشىلىك چىنە ماھارىتى» دىگەن نۇمۇرغا تايىنىپ، تۇنجى قېتىم «ئالتۇن ھەييار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. شەرق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان لايىھە دەل ۋاڭ جيەنمىننىڭ لايىھىسى ئىدى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇسابىقىلەردە ئالتۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن «ئاق- قارا دۇنيا» نۇمۇرىدا، ئۇ بىر قوللۇق مۇزىكا كۇنۇپكا تاختىسىدىن پايدىلىنىپ، بۇ جەھەتتە ئۈلگە ياراتتى. پۈتكۈل سەھنە جابدۇقلىرىنى قۇراشتۇرۇش ئاددىي ھەم قولايلىق بولۇپ، ھەر قايسى ئىقتىدارلىق زاپچاسلارنى قۇراشتۇرۇش ئۈچ سېكۇنت ئىچىدە تاماملاندى.
«ھەممەيلەن چوڭ دەرۋازىدىن ماڭغاندا، سەن كىچىك ئىشىكتىن ماڭساڭ، يېڭىلىق ياراتقان بولىسەن». سۈن لىلىنىڭ قارىشى بويىچە، يېڭىلىق يارىتىش-- سېرىك تەرەققىياتىنىڭ جان تۇمۇرى. پېقىرىغۇچ ئۇيۇنىدىكى ئارتىسلارنى 9 ئاي جىڭجۈ تىياتىرى ئۆگىنىشكە تەشكىللەش ئارقىلىق، يېڭى نۇمۇر ئىجاد قىلىندى. ماھارەتتە يېڭىلىق يارىتىشتا، مول تەسەۋۋۇر بولۇشتىن سىرت، كۈندە يېڭىلىق يارىتىش ئىرادىسى بولۇش كېرەك. ئوخشاش بىر نۇمۇر 2013- يىلدا بىر خىل ئورۇندالغان بولسا، بۇ يىل بىر خىل ئورۇندالدى.
نۆۋەتتە، جۇڭگودىكى سەر خىل ئىجادىي نۇمۇرلار يەنىلا كەمدىن كەم بولماقتا. يېقىنقى 10 يىلدا، جۇڭگو سېرىكچىلىكى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇپ، سېرىك كېچىلىكى، سېرىك تىياتىرى قاتارلىقلار ئارقا- ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. ئەمما، سەر خىل ئىجادىي نۇمۇرلار يەنىلا ئاز بولۇپ، بۇ سېرىكچىلىكنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي ئەھۋال ھىساپلىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىجادىي ئىدىيە، نەشىر ھوقۇقى ئېڭىنى پۈتكۈل سېرىكچىلىك ساھەسىدە يەنىلا كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. سېرىك ئۇيۇنىدا ئىجاد قىلىنغان مۇزىكا، كىيىم- كېچەك، سەھنە جابدۇقلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بار. لېكىن، كۆچۈرۈش ئەھۋاللىرى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، ھەتتا بەزى تەشكىلاتلار بۇنداق «ئۆرنەك قىلىش»نى ھەقلىق دەپ قارايدۇ. جاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: ئەگەر بۇ مەسىلە ھەل قىلىنمىسا، ئەسلىي ئىجادىيەتنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى بارغانسېرى ئاجىزلايدۇ. ئەسلىي ئىجادىيەتكە ياتىدىغان تېخنىكىلىق ھەركەتلەرگە قارىتا، گىمناستىكا ھەركىتىگە ئوخشاش نام بېرىش ۋە قوغداشنى ئويلىشىش لازىم. ئەسلىي ئىجادىيەت-- سېرىكچىلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، سېرىكچىلىك ئىشلىرىنىڭ ساغلام ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو سېرىكچىلىكى-- دۇنياۋى سەھنىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ مۇقىم ئالغا ئىلگىرلىشىنى ئويلىشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە.
ئىگىزدە تۇرۇپ، يىراققا نەزەر سېلىش.
بەزىلەر «جۇڭگو سېرىكچىلىكى-- جۇڭگودا ئەمەس بەلكى چەتئەللەردە ئالقىشقا ئېرىشمەكتە. ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نۇمۇرلارنىڭ بازىرى يوق» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلماقتا. بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، بازار بىلەن مۇسابىقە مەيدانىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. «تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات» ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كۆرۈرمەنلەر بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئىستىتىك زوق ئېلىشىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش-- جۇڭگو سېرىكچىلىكىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلە ھىساپلىنىدۇ.
جاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو سېرىك ئۆمىكى كۆپ يىللىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش تەجرىبىسىگە ئاساسەن، «مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئۆزى بازار» دېگەن قانۇنىيەتنى خۇلاسىلەپ چىقتى. بولۇپمۇ، ھازىر خەلقارا سېرىك بازىرى ۋە مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئېھتىياجى كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ. بىز ھازىر «سىرتقا چىقىرىش» تا، مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە زاكاز تالونىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.
بۇ يەردىكى بازار-- خەلقئارا بازارنىلا ئەمەس، دۆلەت ئىچى بازىرىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو سېرىك ئۆمىكى ئوخشاشمىغان كىشىلەر توپىغا ئاساسەن «ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىش» شەكلىدىكى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ سېرك ئويۇنىغا يېقىنلىشىپ، سېرك ئويۇنىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىشى ئۈچۈن، سېرىكچىلەر «ئۆزىنى ئاساس قىلىش» تىن «كىم ئۈچۈن ئىجاد قىلىش» قا يۈزلەندى.
1999- يىلى، جۇڭگو سېرىك ئۆمىكى «ئۆمەك سىنىپقا يېتەكچىلىك قىلىش» ئاساسىدا بېيجىڭ شەھەرلىك سېرىك مەكتىپىنى قۇردى. ئوقۇغۇچىلار سېرىك ماھارىتىنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە مەدەنىيەت دەرىسى بويىچە ئاساسىي مائارىپنى قوبۇل قىلدى. مەكتەپ ئۇسسۇل، گۈزەل سەنئەت، ئورۇنداش ۋە چامباشچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى بىرىكمە سەنئەت ئىختىساس ئىگىلىرىگە ئايلاندۇردى. بۇلتۇر، بۇ مەكتەپ بېيجىڭ شۆيۈەنى بىلەن ھەمكارلىشىپ، سېرك ئىختىساسلىقلىرىنى باشلانغۇچتىن تولۇق كۇرسقىچە تۇتاشتۇرۇپ تەربىيەلەش سىستېمىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ تەرەققىيات ئىزىدىن جۇڭگونىڭ سېرىكچىلەرنى يېتىشتۈرۈش يۆنىلىشىنىڭ «ماھارەت» مەشىقى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى؛ ئۇنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپا يېتىلدۈرۈش، «بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر» بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سېرىك ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشتە، مەنبەنى كېڭەيتىپلا قالماي، ئىقختىساسلىقلارنىڭ ئېقىپ كېتىشنى ئازايتىش كېرەك. ئېگىز ھاۋا بوشلۇقى، ھايۋاناتلارنى كۆندۈرۈش ۋە ھەييارلىق ماھارىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان غەرب سېرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ سېرىك نومۇرلىرىدا ئاساسلىقى سەھنىدە ماھارەت كۆرسىتىش گەۋدىلەندۈرۈلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن چاۋاك ئاۋازى، كۈلكە ئاۋازى يېتەرلىك بولمىغاچقا، «چارلىز چاپلىن» شەكلىدىكى شەخسلەر كەمچىل. بۇ خىل ئويۇن قارىماققا ئەركىن، جانلىق كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا مول تۇرمۇش تەجرىبىسى ۋە سەنئەت جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشتىن توپلىنىدۇ. بۇ دەل جۇڭگو سېرك تەربىيەسىنىڭ كەلگۈسىدىكى تىرىشىش يۆنىلىشى.
بىر ھەقىقىي سېرىك ئارتىسى-- سېرىكنى ئۆمۈرلۈك كەسىپ سۈپىتىدە تۇتۇپ، سېرىك ئويۇنىغا ئۆزىنى بېغىشلىشى؛ سېرىك ئارتىسلىرى تىرىشىپ سېرك سەنئەتكارىغا ئايلىنىش ئۈچۈن، ھەم سېرىك ئىشلىرىغا بولغان چوڭقۇر تونۇش ۋە چوڭقۇر ھېسسىياتقا ئىگە بولۇشى، ھەم قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئۇنىۋېرسال ساپانى يېتىلدۈرۈشى؛ سېرىك ئويۇنى لايىھىلەش، نەزەرىيە تەتقىقاتى، سەھنە جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىغا نىسبەتەن «تىپ ئۆزگەرتىش» ئىشەنچىسىدە بولۇشى كېرەك.
سېرىك-- بىر خىل «ئادەم» سەنئىتى. سېرىك ئويۇنى-- روھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئارتىسلار سېرىك سەنئىتىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى بىلەن، تاماشىبىنلارغا گۈزەللىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىشقا تىرىشىشى لازىم. بۇ جۇڭگودىكى سېرىك ئارتىسلىرىنىڭ نىشانى ۋە مەقسىدى بولۇشى كېرەك. كەلگۈسىدە جۇڭگو سېرىكچىلىرى يەنە داۋاملىق «ھالقىش» قا تىرىشىشى؛ «سىرتقا يۈزلىنىش» ئارقىلىق باشقىلارنى جەلپ قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئەل قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ، يېڭىچە ئىجادىيەت شەكلى ئارقىلىق، يېڭى زىمىن قىلىشى؛ ئەسلىي مەقسەدنى ئۇنۇتماي، ۋارىسلىق قىلىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ سەرخىل ئەسەرلەر ئارقىلىق، سەنئەت يۈكسەكلىكىنى يارىتىشى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى