قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۇزاققىچە تارقىلالايدىغان تىياتىرنى بارلىققا كەلتۈرۈش

2018-07-11 18:41:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، قەدىمكى گرېتسىيە تىياتىر دراماتورگى ئارىسستوفېننىڭ «قۇش» دېگەن كومىدىيەسى مەن ۋە لو تۇڭنىڭ بىرلىكتە رېژىسسورلۇق قىلىشى نەتىجىسىدە، دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىدا تۇنجى قېتىم قويۇلدى. بەزىلەر، نېمە ئۈچۈن 2 مىڭ 500 يىللىق تارىخقا ئىگە مۇشۇنداق بىر قەدىمكى گېرىتسىيە كىلاسسىك كومىدىيەسىنى قويۇسىلەر؟ دەپ سورىدى. مېنىڭچە، مەيلى ۋاقىت بىلەن بوشلۇق ئارىلىقى قانچىلىك يىراق بولسۇن، بۇ كومىدىيەدە مۇھاكىمە قىلىنغان نۇرغۇن رېئال مەسىلىلەر يەنىلا ئومۇمىيلىققا ئىگە بولۇپ، ھازىرقى دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىشىغا توغرا كېلىدۇ.
ئارىسستوفېن قەدىمكى گېرىتسىيەنىڭ كونا كومېدىيەدىن يېڭى كومىدىيەگە ئۆتۈش دەۋرىدىكى داڭلىق دراماتورگ، بۇ ئۇنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىكى ئىپادىلەش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان مەزگىلدىكى رىۋايەت تۈسىنى ئالغان كومىدىيە ئەسىرى بولۇپ، بۇنىڭدا ئەينى چاغدىكى ئافېنا جەمئىيىتىدىكى ناچار ھادىسىلەر مەسخىرە قىلىنىپ، دراماتورگلارنىڭ غايىۋى ئارزۇسى ئىپادىلەنگەن. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. مەن دەل شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئىنسانلاردا غايە بولۇپلا قالماي يەنە ئەمگەك ئارقىلىق غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئەستايىدىل ئىشلىشى كېرەك. بۇ دەل مېنىڭ ئويۇندا تەكىتلىمەكچى بولىۋاتقان رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە بىز قەدىمكى گرېتسىيە كىلاسسىك تىياتىرلىرىنى قايتا رەتكە تىزىشتا ھەقىقەتەن دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، تىل-مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە قىيىنچىلىققا يولۇقتۇق. 1986- يىلى مەن تۇنجى قېتىم قەدىمكى گرېتسىيە تىياتىرىنى جۇڭگو سەھنىسىگە ئېلىپ چىققاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، رېپېتىتسىيە قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدىكى ئاچقۇچ، رېژىسسورنىڭ ئەسلىدىكى تىياتىردىن ھازىرقى «كاتاسىرس» غا ئىگە رولىنىڭ يادرولۇق ئامىلىنى تېپىش ياكى تاپالماسلىقى ھەمدە بۇنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئاساسىي تېمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
«كاتاسىرس» دېگەن نېمە؟ «كاتاسىرس» نى قەدىمكى گېرىتسىيە پەيلاسوپى ئارىستوتېل ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئاساسلىقى تىياتىرنىڭ ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىنى تەۋرىتىش رولىنى كۆرسىتىدۇ. ئارىستوتىل مۇھىتىدا ئاساسلىقى تاماشىبىنلارنىڭ تىياتىردىكى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش، ئىدىيەسىنى ساپلاشتۇرۇش، مىجەز- خۇلقىنى تاۋلاش ئارقىلىق روھىنى يۈكسەلدۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. رېژىسسورنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئېچىشتىكى كۈچەش نۇقتىسى «كاتاسىرس» رولىغا ئىگە مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش- تۇتماسلىقى، نېمىنى كۆپتۈرۈش، نېمىنى سۇسلاشتۇرۇشتا. شۇڭا، بەزىلەر رېژىسسور بولسا كۆپتۈرۈش ۋە مۇبالىغە قىلىش سەنئەتچىسى دەيدۇ.
رېژىسسور تىياتىر ئارقىلىق تاماشىبىنلار بىلەن ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك. مەن «بۇ تىياتىرنى كېيىنكى ئەسىردىكى تاماشىبىنلار ئۈچۈن تەييارلىغان» ياكى «كۆرۈپ چۈشىنەلمەسلىك تاماشىبىنلارنىڭ سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولغانلىقىدىن» دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىمدا ناھايىتى بىزارلىق ھېس قىلىمەن. مېنىڭچە، مەيلى كىلاسسىك تىياتىر ياكى ھازىرقى زامان تىياتىرى ۋە ياكى ئاتالمىش ئاۋانگارت تىياتىر بولسۇن، تاماشىبىنلارنى چوقۇم بۇنىڭدىن چۈشەنچكە ئىگە قىلىش كېرەك. بولمىسا بۇ رېژىسسورنىڭ غەلىبىسى بولماستىن بەلكى مەغلۇبىيىتى بولۇپ قالىدۇ. قانچە كلاسسىك، تاماشىبىنلاردىن يىراق بولغان تىياتىر بولسا، رېژىسسور تېمىسىنى شۇنچە كېڭەيتىپ، كۆرۈش، ئاڭلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھازىرقى تاماشىبىنلارغا بۇنى چۈشىنىشلىك قىلىپ ئىشلىشى كېرەك. «كەچلىك تاماق» زامانىمىزدىكى دراماتورگ كابانەللى ھوما تارىخىغا ئاساسەن ئىجاد قىلغان تىياتىر بولۇپ، تاماشىبىنلارغا بۇ خىل ھېسسىياتنىڭ ئىچكى مەزمۇنىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ھەر بىر مەيدان ئويۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇ بۇ ئويۇننىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە شەخسلەر مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرگىلى بارىدۇ. ھايات- ماماتلىق جېڭى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نۇرغۇن ياشلار تارقىماستىن ماڭا: رېژىسسور بىز ئويۇندا چىقمىدۇققۇ؟ بۇ ئويۇن تۇنجى قېتىم قويۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 120 مەيدان قويۇلدى، دېدى.
مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇم، داڭلىق تىياتىر رېژىسسورى جياۋ جۈيىن ئەپەندى تىياتىرلارنى مىللەتلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئىدىيەسىنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ناھايىتى چوڭ دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگونىڭ دىراما ۋە ئەلنەغمە ئېستېتىكىسىدىن ئوزۇق ئېلىپ، مىللىي درامىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەن باشتىن- ئاخىر غەرب تىياتىرلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جۇڭگو ئامىللىرىغا سىڭدۈرۈپ كەلدىم. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قەدىمكى گرېتسىيە تراگېدىيەسىنىڭ ئاددىي، ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك ئالاھىدىلىكى ۋە قەدىمكى گرېتسىيە كومېدىيەلىرىنىڭ مەسخىرىلىك، يۇمۇرىستىك، ئاقىلانە ئالاھىدىلىكلىرىنى جۇڭگونىڭ دىراما ۋە ئەلنەغمە تەسۋىرى، مەۋھۇم، سىمۋوللۇق ئېستېتىك ئۇسلۇبى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش» ئۈنۈمىگە يەتتىم. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگولۇق تاماشىبىنلار بۇنى كۆرگەندە ناھايىتى ئاسان چۈشىنىپلا قالماي، چەتئەلگە چىقىپ ئويۇن قويغاندا، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلدى. ئالايلى، مەن گىرىتسىيە ئوپىرا مۇتەخەسسىسى سوپكولۇسنىڭ «ئودىپوس پادىشاھى» نى رېپېتىتسىيە قىلغاندا، ئۇنىڭغا جۇڭگونىڭ نۇرغۇن تىياتىر ئامىللىرىنى بىرلەشتۈردۈم. مەسىلەن، ئودىپوسنىڭ ئۆز كۆزىنى ئويۇپ چىقىشرىشتەك قانلىق كۆرۈنۈشنى ئىپادىلىگەندە، مەن غەربنىڭ تىياتىر رېئالىزملىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى چۆرۈپ تاشلاپ، جۇڭگونىڭ دىراما ۋە ئەلنەغمەلىرىدىكى «قارا يىپ» دىن ئىبارەت مۇشۇنداق مەنىنى يېزىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىپادىلىدىم. بۇ ھەم گۈزەل بولۇپلا قالماي، كىشىلەرنى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى. فىرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ئاكادېمىكى، قەدىمكى گرېتسىيە ئەدەبىياتى مۇتەخەسسىسى بوتتېرس: سىلەرنىڭ ئويۇنۇڭلارنى كۆرۈپ، مەندە ھەر خىل خىياللار پەيدا بولدى. مېنىڭچە، پەقەت جۇڭگوغا ئوخشاش مۇشۇنداق قەدىمىي مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەتلا قەدىمكى گېرىتسىيەنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى چۈشىنەلەيدۇ، دېدى.
جۇڭگو ئىجادىي تىياتىرلىرىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشىمۇ مەن ئىزچىل ئويلىنىۋاتقان مەسىلە. نېمىشقا بىزنىڭ ئىجادىي تىياتىرلىرىمىزدا «يۇقىرى پەللە مەزگىلى» كەمچىل بولىدۇ؟ تۇرمۇشقا بولغان كۆزىتىش ۋە چۈشىنىش يېتەرلىك بولمايلا قالماي، ئىجادىيەتچىدە پەلسەپە ۋە ئېستېتىك يۈكسەكلىك كەمچىل، بۇنىڭ بىلەن تەبىئىيلا كىشى قەلبىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئەسەرلەرنى يازغىلى بولمايدۇ؟. ئۇنىڭدىن قالسا، بىر قىسىم يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتى ئەدەبىي تۈسنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما كومىدىيە تۈسىنى ئالمىغان. ئۇلار تىياتىر ئادەتتە دىئالوگنى ئاساس قىلىدۇ، سەھنە سۆزىنى يېزىپ چىقساقلا تىياتىر ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تىياتىر توقۇنۇشى، تىياتىر ھەرىكىتى، گەپنىڭ ئىچىدە مەنا بولۇش شۇنداقلا سۆزنىڭ پەلسەپەسى تىياتىرنىڭ يادرولۇق ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا بۇلار بولمىسا سەھنە ئەسىرى پەقەت تۇرمۇش تەسەۋۋۇرىنىلا ئىپادىلەپ، ھاياتىي كۈچى كەمچىل بولىدۇ.
جۇ ئېنلەي زۇڭلىمۇ درامىنى ياخشى كۆرەتتى، 1958- يىلى بىز بىلەن كۆرۈشكەندە جۇ ئېنلەي زۇڭلى ئويۇن قويۇش سەنئىتىنى «يالغاننى راست دەپ قاراش، يالغاننى راست قىلىپ كۆرسىتىش» دېگەندەك سۆزلەرگە مۇجەسسەملىگەنىدى. بۇ سۆزلەرنىڭ ماڭا بولغان تەسىرى بەك چوڭ بولدى. مەن شۇنىڭدىن كېيىن بۇنى ئۆلچەم قىلىپ، ھازىرقى تىياتىر نومۇرلىرىنى ئۆلچەپ، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بايقىيالايدىغان بولدۇم. درامىدا ئاۋاز تىلى ئارقىلىق تاماشىبىنلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ياخشى دىرامما ئارتىسى سەھنىدە سۆز قىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى رەتتىكىلەرمۇ ئۇنىڭ سۆزىنى ئېنىق ئاڭلىيالىشى كېرەك. شۇڭا، ئادەتتە ئارتىسلاردىن ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ ئاۋاز مەشىقى قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. دۆلەت ئورتاق-تىلىنىڭ تەلەپپۇزى خەت بېشى، خەت ئوتتۇرىسى ۋە خەت ئاخىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئارتىسلار ناۋادا ئاۋاز مەشىق قىلمىسا، سەھنە سۆزىنى ئوقۇغاندا سۆزى جايىغا چۈشمەي نۇرغۇن تاماشىبىنلارنىڭ ئېنىق ئاڭلىيالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كىلاسسىك سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدۇ، ھەر بىر تەپسىلاتنى ئىنچىكە سىلىقلاشقا توغرا كېلىدۇ. مەن مەيلى رېژىسسور، دراماتورگ ياكى ئارتىسلىرىمىز بولسۇن تىياتىر ئىجادىيىتىكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈشىنى، تىياتىرنى قايتا- قايتا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، بىلىمنى ئۈزۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى يەنىمۇ تاكامماللاشتۇرۇپ، تىياتىر ئىجادىيىتى، سەنئەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ يېتەرلىك ۋاقىت ۋە بوشلۇق سەرپ قىلىشىنى ھەمدە ھەقىقىي تۈردە ئاممىنى جەلپ قىلالايدىغان شۇنداقلا ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان تىياتىرلارنى ئىجاد قىلىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى