قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خېجىڭ ناھىيەسى دېھقانلىرى ئۈچۈن «بالدەك شېرىن بېيىش يولى» ئاچتى

2018-07-11 18:56:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ شەلمىربوخ بازىرىدىكى «قېرىنداشلار ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپراتىپى» نىڭ 120 ساندۇق ھەسەل ھەرىلىرىدىن ئېلىنىۋاتقان ھەسەللەر شەلمىربوخ دېھقانلىرنىڭ «بالدەك شېرىن بېيىش يولى» نى ئاچماقتا.
ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ھەسەل ھەرىسى ساندۇقىدىن يۈز نەچچە ساندۇق رەتلىك تېزىلغان، ھەر قاچان ئۇچۇپ كىرىپ- چىقىۋاتقان ھەرىلەر توختىماي غوڭۇلدايتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى جاۋ شياۋيۇڭ ئالدىراشلىقتىن يېتىشمەيلا قالغان بولۇپ، بىر تەرەپتىن ھەسەل يىغسا، يەنە بىر تەرەپتىن كۆپچىلىككە ھەرە باقمىچىلىق تەجرىبىسنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۋاتاتتى.
ئىگىلىنشىچە، نۆۋەتتە خېجىڭ ناھىيەسىدىكى بىردىنبىر ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھېساپلىنىدىغان بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇ يىل قۇرۇلغان بولۇپ، شەرقىي شىمالنىڭ قارا ھەرىسى بىلەن ئىتالىيە ھەرىسىدىن جەمئىي 120 ساندۇق بېقىۋېتىپتۇ، ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرىدىن: تۈرلۈك گۈل ھەسىلى، ئانا ھەرە ھەسىلى، ھەرە يېلىمى، ھەرە گۈل چېڭى قاتارلىقلار بولۇپ، يىللىق كىرىمىنىڭ 300 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەرلىكتىكى بەش دېھقاننى ئەزالىققا قوبۇل قىلىپ، ھەرە بېقىشنىڭ ئاساسىي قائىدە- قانۇنىيەتلىرىدىن تارتىپ ھەرە كۆپەيتىش تېخنىكىسى، ھەسەل يېغىشقىچە بولغان تېخنىكىلارنى بۇ ئەزالارغا قولمۇ- قول ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ بۇ كەسىپكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاپ، كۆپچىلىككە ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىقىنىڭ تاتلىق تەمىنى تېتىتىپ، بال كەبى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولى ئاچتى.
«قېرىنداشلار ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى» نىڭ مەسئۇلى جاۋ شياۋيۇڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: مەن ئالدىنقى يىلدىن باشلاپلا بىر قانچە ساندۇق ھەسەل ھەرىسى بېقىشنى باشلىغان، بېقىپ كۆرۈپ بولىدىغانلىقىنى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىدىن قارىغاندا تەرەققىياتقا يول ئاچقىلى بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، بۇلتۇردىن باشلاپ باقمىچىلىق دائىرەمنى كېڭەيتتىم. بۇ يىل مەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشنى ئېلتىماس قىلدىم. ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ ئەزاسى بەشكە يەتتى. 100 نەچچە ساندۇق ھەسەل ھەرىسى بېقىۋاتىمىز، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىمىزمۇ ھەر ھالدا ياخشى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، تور سودا يوللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سېتىپ چىقىرىپ، ھەسەل ھەرىسىنى يەرلىكتىكى دېھقانلارنىڭ بېيىشتىكى ھەقىقى ياردەمچىسىگە ئايلاندۇرۇپ، كەنتتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئورتاق بېيىش يولىغا يىتەكلەيمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى