قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

توخۇ بېقىشتا تېخنىكىغا تايانغاندا، بېيىشنىڭ يولىنى ئاچقىلى بولىدۇ

2018-07-11 18:57:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزا ئاقچىكە كەنتىدىكى توخۇ فېرمىسىدا 8 مىڭدىن كۆپرەك چۈجە بار. بۇ فېرما ئاقچىكە كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى جانلاندۇرۇش ۋە زورايتىش مەقسىدىدە قۇرۇلغان. كەنت ئاھالىسى خېڭ شياۋچۇڭ ۋە ئۇنىڭ يولدىشى ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى باقمىچىلىق تەجرىبىسى ۋە ئىگىلىگەن كەسپىي باقمىچىلىق تېخنىكىسىغا تايىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن توخۇ فېرمىسىنى ھۆددىگە ئالدى. ئۇلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ بېقىشىدا، چۈجىلەر تېز چوڭيىپ، ئەي بولۇش نىسبىتى ئاساسىي جەھەتتىن %100 كە يەتتى.
خېڭ شياۋچۇڭ مۇنداق دېدى: يەنە 25 كۈنلەردىن كېيىن بۇ چۈجىلەرنى قولدىن چىقىرىپ ئاقچىكە كەنتىدىكىلەرگە سېتىپ بېرىمىز. دېھقانلار ئۈچ ئاي باققاندىن كېيىن، ئېغىرلىقى ئۆلچەمگە توشقاندا يەنە قايتۇرۇپ يىغىۋالىمىز، بۇنىڭدا كەنت ئاھالىلىرى چۈجە بېقىش ئارقىلىق شەخسىي كىرىمىنى ئاشۇرالايدۇ، مەنلا بېيىماستىن، كەنتىمىزدىكى ھەممەيلەن تەڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىيمىز.
خېڭ شياۋچۇڭ يەنە مۇنداق دېدى: چۈجىلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى ئەمەلىيەتتە ئۇنچە قىيىنمۇ ئەمەس، پەقەت چۈجە ۋاقتىدا چۈجىخانىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ياخشى كونترول قىلىش، چۈجىلەرنى ۋاقتى- قەرەلىدە ئىممۇنىتىلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، تېخىمۇ مۇھىمى كۆڭۈل قويۇپ تۈجۈپىلەپ بېقىش كېرەك. شۇندىلا چۈجىلەرنى ياخشى ئەي قىلىپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
خېڭ شياۋچۈڭنىڭ چىرايىدىن ئىپتىخارلىق ۋە بەخت تۇيغۇسى جىلۋېلىنىپ تۇراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى كۈندىن كېيىن، كەنت كومىتېتى مېنى كەنتتىكىلەرگە توخۇ باقمىچىلىقى توغرىسىدا دەرس ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. مەن توخۇ بېقىش تېخنىكامنى كەنتىمىزدىكىلەرگە ئۆگەتسەم، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئازراق بولسىمۇ ئەمەلىي ماھارەتكە ئىگە بولالىسا، ئىككى قولىغا تايىنىپ بېيىدۇ ئەمەسمۇ.
گۈلباغ يېزا ئاقچىكە كەنتىدىكى توخۇ فېرمىسىنىڭ ھېكايىسى ھازىر بۇ يەردىكى قىزىق پاراڭ تېمىسى بولۇپ قالدى. بۇ بىر توخۇ فېرمىسىنى ھۆددىگە ئالغۇچى شەخسنىڭلا مۇۋەپپەقىيىتى بولماستىن، يەنە گۈلباغ يېزىسى ئاقچىكە كەنتىدىكىلەرنىڭ بېيىش يولىدىكى ئەقىل- پاراسىتىنىڭ نامايەندىسىگە ئايلاندى.
پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان تۇرمۇش پوزىتسيەسى شۇنداقلا گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىش-- ئۇلارنىڭ روھىي تۈۋرۈكىگە ئايلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىدا ئۆزلىرىگە خاس كەڭ زېمىن ئاچالايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەنىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى