قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ يىگىرمە تۆت مەۋسۈمى

2018-07-11 19:02:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  24 مەۋسۈم جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدە دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا قارىتا قوشۇمچە تۈزۈلگەن كالىندار، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەجرىبە توپلىشى ۋە ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدا بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭدا دۆلىتىمىزنىڭ تۆت پەسلىنىڭ كېلىماتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە دېھقانچىلىق قانۇنىيىتى يىغىنچاقلانغان. جۇڭگولۇقلار قۇياشنىڭ يىللىق ئايلىنىش ھەركىتىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، بىر يىل ئىچىدىكى پەسىل، كېلىمات، فىنولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرىنى بىلىپ، بارا- بارا 24 مەۋسۈمنىڭ بىلىم سېستىمىسى ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتى شەكىللەنگەن. ئۇ تۆت پەسىلنىڭ ئالمىشىپ تۇرىدىغان كېلىمات ئالاھىدىلىكىنى ئىنچىكە ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، تەركىبىدە پەسىللەرنىڭ رەت تەرتىۋى، فىنولوگىيە ئۆزگىرىشى، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى قاتارلىقلار بار بولۇپ، بەلگە خارەكتىرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى مىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. بۈگۈنگە قەدەر يەنىلا ھەممە ئائىلىنىڭ يىمەك- ئىچمەك، كىيىم- كىچەك، تۇرالغۇلىرىغا تەسىر قىلماقتا. 24 مەۋسۈمنىڭ ئىنسانلار پائالىيىتىگە بولغان يىتەكچى ئەھمىيىتى ئاساسلىقى شۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىمات ئالاھىدىلىكى بولغانلىقىدا. «باھار يامغۇرى زىرائەتلىرىنى سىيپاپ ئۆتتى، يازدا ھەر يەر مول ھوسۇلغا تولدى، كۈزدە شەبنەم، قىراۋلارغا تولار ھەريان، قىشتا قار ياغار سوغۇق بولار». بۇ شېئىرنى بالىلار ھەممىسى يادقا بىلىدۇ. لېكىن، قانداق قىلغاندا بالىلارغا 24 مەۋسۈمنىڭ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا بولغان تەسىرىنى چۈشەندۈرگىلى ھەم ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ 24 مەۋسۈمنىڭ ئاستا- ئاستا چۈشۈنۈش ۋە ھېس قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ بالىلارغا سىڭدۈرۈپ چۈشەندۈرىدىغان بىلىم ئەمەس، ئۇ ئالدىراشلىق رېتىم ئىچىدە، بىزنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئاجىزلىشىۋاتقان ھېس قىلىش كۈچىمىزنى مەلۇم دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىنكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدۇ. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تېرىمىز ۋە بەدىنىمىز تۆت پەسىلدىن ئوزۇق ئالىدۇ. دېھقانلارغا نىسبەتەن 24 مەۋسۈم دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ مۇھىم يۈزلىنىشىگە ئايلانغان، ئۇرۇق سالغاندا، كۆڭلىمىزنى مول ھوسۇل بىلەن ئاۋۇندۇرىدۇ. «سۇس قار ياغقاندا كۆكتات چىلايمىز، قېلىن قار ياغقاندا گۆش تۇزلايمىز» نۇرغۇن جايلاردىكى پۇقرالار مۇشۇ بويىچە ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەييارلايدۇ؛ يەنە چوكانتالدا كۆك كومىلاچ يەيدىغان باش كۈزدە تاۋۇز يەيدىغان ئۆرپ- ئادەتمۇ بار. بولۇپمۇ، ھەر يىلى قىشلىق كۈن- تۈن توختاش مەزگىلى يېتىپ كەلگەندە، زادى تۈگۈر يېيىش كېرەكمۇ ياكى يېپىشقاق گۈرۈچ كومىلىچى يېيىش كېرەكمۇ؟ مۇشۇ سوئال توغرىسىدا جەنۇپ ۋە شىمالدىكى تورداشلار ھەر يىلى دېگۈدەك مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ، ئۆز ئارا كىلاسسىك ئەسەرلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، كۆپ تەرەپتىن ئىسپاتلايدۇ. دەل مۇشۇنداق «مۇنازىرە» دە، ۋارىسلىق قىلىش ۋە تارقىتىش ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللىي مەدەنىيەتنى تونۇش تۇيغۇسى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى. ئەمما، تورداشلارنىڭ بۇ خىل «مۇنازىرە» گە قاتنىشىش قىزغىنلىقى، دەل «24 مەۋسۈم» نىڭ ھازىرقى جەمئىيەتتە يەنىلا چوڭقۇر تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى. 24 مەۋسۈمنىڭ ئېكلىپتىكىدىكى ئورنى قۇياشنىڭ ئېكلىپتىكتىكى ئورنى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قۇياشنىڭ ئېكلىپتىكتىكى ئورنى نۆل گىرادوستىن باشلىنىپ، ئېكلىپتىك ئۇزۇنلۇقىنى بويلاپ ھەر 15 گىرادوس يۆتكەلسە بۇ بىر مەۋسۈم بولىدۇ. ھەر يىلى 36 گىرادوس ئايلىنىدىغان بولۇپ، بىر ئايدا ئىككى قېتىمدىن جەمئىي 24 مەۋسۈم بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ھەر ئاينىڭ تۇنجى مەۋسۈمى مەۋسۈم دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن: باش باھار، جانلىقلارنىڭ ئويغىنىشى، چوكانتال، باش ياز، ئورما ۋاقتى، باش تومۇز، باش كۈز، ئاق شەبنەم، سوغۇق شەبنەم، باش قىش، قېلىن قار ۋە قەھرىتان قاتارلىق 12 مەۋسۈم؛ ھەر ئاينىڭ ئىككىنجى مەۋسۈمى «ئوتتۇرا مەۋسۈم» دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن: يامغۇر، ئەتىيازلىق كۈن- تۈن تەڭلىشىش، قىزىلكوس، سەرەتان ئىسسىقى، يازلىق كۈن- تۈن توختاش، تومۇز، كۈزگى تېرىم، كۈزلۈك كۈن- تۈن تەڭلىشىش، قىرو چۈشۈش، سېرىق قار، قىشلىق كۈن- تۈن توختاش، قەھرىتان سۇغۇق قاتارلىق 12 مەۋسۈم. مەۋسۈم بىلەن ئوتتۇرا مەۋسۈم ھەر 15 كۈندە بىر ئالمىشىپ تۇرىدۇ، ھازىرغا كەلگەندە كىشىلەر «مەۋسۈم» بىلەن «ئوتتۇرا مەۋسۈم» نى بىرلەشتۈرۈپلا مەۋسۈم دەيدىغان بولدى.

     2016- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېتىنىڭ 11- قېتىملىق قاراپ چىقىشى ئارقىلىق، جۇڭگو ئىلتىماس قىلغان «24 مەۋسۈم» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئۇزاق يىللاردىن بېرى، بۇ مەۋسۈملەرگە نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئاسرىشى چوڭقۇر سىڭگەن. ئۇ بىزگە ئىقلىملارنى توغرا ئىپادىلەپ بېرىدۇ. مىڭ يىللىق كەچۈرمىش جەريانىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەربىر نۇقتىلىرىغىچە سىڭىپ كىرگەن. شۇڭا، ئۇ بىر مۇرەككەپ ئىدىيىۋى ھالەت، بىر خىل مۇلايىملىق، شۇنداقلا بىزگە تەۋە بىر خىل مەدەنىيەت.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى