قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 دۆلەتلىك «5 ئا» دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قاناس كۆلى ساياھەتنىڭ بېسىق مەزگىلىگە قەدەم قويدى

2018-07-11 19:18:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. نۆۋەتتە، دۆلەتلىك «5 ئا» دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قاناس كۆلى ساياھەتنىڭ بېسىق مەزگىلىگە قەدەم قويدى، ئېگىز تاغ، دەريا، ئورمان، كۆل، يايلاق قاتارلىق 33 خىل تەبىئىي مەنزىرە رايونى جاي- جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. قاناس كۆلى مەنزىرە رايونى قاناس كۆلى بويىدىكى قاناس كەنتىنى قوغداش يىرىك پىلانى ۋە گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى تەلىپى بويىچە، «ساننى كۆپەيتمەسلىك»، «چېقىش- كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش» تىن ئىبارەت تۈزەش تەدبىرىنى قوللاندى. ئەنئەنىۋى كەنتلەرنىڭ تارىخىي قىياپىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلاپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەنت ئاھالىلىرىنى ساياھەت كەسپىگە پائال قاتنىشىپ، ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادەتلەرنى قاناسنىڭ يەنە بىر ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى