قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دىققەتنى، كۈچنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىمەن 

2018-07-12 12:58:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كەلپىن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەھكىمە باشلىقى تۇرسۇن توختى

 يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. لېكىن، «ئۈچ خىل كۈچ» گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قارا نىيىتىدىن يانغىنى يوق. مەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئىلگىرى سۈرىمەن.

  دادام پېشقەدەم سودىيە بولۇپ، خىزمەتتە ناھايىتى ئېھتىياتچان ئىدى، ئومۇمنىڭ ئىشى بىلەن شەخسىي ئىشنى ناھايىتى ئېنىق ئايرىيتتى، ئۇنىڭ تەسىرىدە، مەن داشۆدە قانۇن كەسپىنى تاللىغان، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن خەلق سوت مەھكىمىسىدە خىزمەت قىلدىم. خەلق سودىيەسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ياردەمچى سودىيەلىككە تەيىنلەنگەن چېغىمدا، دادامنىڭ ماڭا قىلغان مۇنۇ نەسىھىتىنى باشتىن- ئاخىر ئېسىمدە مەھكەم ساقلاپ كەلدىم: «چوقۇم ياخشى سودىيە بولغىن، شۇنداق قىلالىساڭ، ئاندىن تەشكىلنىڭ ساڭا بولغان ئىشەنچىسىگە يۈز كېلەلەيسەن». 21 يىل جەريانىدا، مەن قەدەممۇ قەدەم ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. ئۆسۈپ يېتىلىشىمدىكى ھەر بىر قەدىمىمگە پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەشكىلنىڭ كۆيۈنۈشى مۇجەسسەملەنگەن، مەن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ۋە شان- شەرەپلەر پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەسىدىن كەلگەن. مەن كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك كادىر، مەن قەسىمىمنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولىمەن.

  مەن قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتكە تۈرتكە بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش جەھەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلايمەن. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرىمەن، قەتئىي بوشاشماي، قىلچە تەۋرەنمەي، كەم- كوتسىز ھالدا باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قەلب ۋە كۈچۈمنى سەرپ قىلىپ، نىشانلىق كۈچەپ، داۋاملىق كۈچەپ، ھەرۋاقىت ھوشيارلىقنى ساقلاش، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى دائىم ياڭرىتىش، تەۋرەنمەسلىك، بوشاشماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرىمەن.

  مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى ۋە «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشكە يېتەكلەيمەن.

  يېڭى مۇساپىدە، مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرىمەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ھالقىلىق پەيتتە سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىمەن، زەربىدارلىق بىلەن ئاتاكىغا ئۆتىمەن، قورقمايمەن، چېكىنمەيمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»نى يوقىتىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قېزىپ چىقىمەن، پارتىيەگە، دۆلەتكە بارلىقىمنى بېغىشلايمەن، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن، ئىنتىزامنى شەرتسىز ئىجرا قىلىش، قائىدىگە شەرتسىز بويسۇنۇش، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ چەكتىن ھالقىپ كەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئېتىقادى مۇستەھكەم زېرەك كىشى، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك سەمىمىي كىشى، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان قائىدىلىك كىشى بولىمەن.

  يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات بولۇشى كېرەك، يېڭى مۇساپىدە يېڭى نەتىجىلەر يارىتىلىشى كېرەك، بۇرچ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىرىدۇ، بۇرچ كەلگۈسىگە يېتەكلەيدۇ. مەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، مۇقىملىقنى كەم- كوتسىز قوغداپ، ئۆزگىرىشچان بولماي، شەكىلۋازلىق قىلماي، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش جاسارىتى بىلەن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ ئىلگىرىلىگۈچىلىرىدىن بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى