قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەنت ئاھالىلىرى ئىشىكى ئالدىدىلا «چوڭ دوختۇرخانا» مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى

2018-07-12 12:50:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

−قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسى كەنتلەرگە سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى يەتكۈزدى
مۇخبىرىمىز چېن چېن

 قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسى يىڭىچىكە كەنتىدىكى 38 ياشلىق دېھقان مېھرىبانگۈل ھىمىت 7- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يېزىلىق شىپاخانىدا ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە، يېپيېڭى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە قاراپ تۇرۇپ: بۇلتۇر سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە، بۇ يەردە بۇنداق كۆپ، بۇنداق ياخشى ئۈسكۈنىلەر يوق ئىدى، دېدى. دوختۇر ئابلىكىم مەمەت مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن كەنت ئاھالىلىرى ئىشىكى ئالدىدىلا «چوڭ دوختۇرخانا»نىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ! 

 بۇلتۇر 7- ئايدا، شېنجېننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن قۇرۇلۇش ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىپ، ئاۋات يېزىلىق شىپاخانىنىڭ يېڭىدىن 800 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە ئىككى قەۋەتلىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش بىناسى سېلىشىغا ياردەم بېرىپ، رېنتىگېن، رەڭلىك B تىپلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتى، ئېلېكتىرو كاردىيوگرامما ئاپپاراتى، تولۇق ئاپتوماتىك بىيوخىمىيەلىك ئانالىز ئەسۋابى، رەقەملىك تەسۋىر ھاسىل قىلىش سىستېمىسى قاتارلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلىدى. شېنجېن شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىغا قاراشلىق چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يەنە ھەر يىلى قەرەلسىز ھالدا ئاۋات يېزىلىق شىپاخانىغا كېلىپ، دوختۇرلارنى قولمۇقول تەربىيەلىدى. ھازىر، ئاۋات يېزىلىق شىپاخانىدىكى دوختۇر- سېسترالار يېڭىدىن سەپلەنگەن داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى مۇستەقىل ئىشلىتەلەيدىغان بولدى. 

 ئاۋات يېزىلىق شىپاخانا «ھەممە كىشىنى ساغلاملىق، ساقلىقنى ساقلاشتىن بەھرىمەن قىلىش»نى كەنت ئاھالىلىرىگە كۆيۈنۈش ۋە مۇلازىمەت قىلىشتىكى پۈتۈن جەرياننىڭ مۇھىم نىشانى، ئاساسىي جامائەت ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاساسىي جامائەت ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىنىڭ 19 كەنتنى تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يېزىدىكى 34 مىڭ ئاممىنى ساغلاملىق جەھەتتە كۆيۈنۈشتىن تولۇق بەھرىمەن قىلدى.  ئاۋات يېزىلىق شىپاخانا يەنە دوختۇر- سېسترا «1+1» كەنتتە تۇرۇپ قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش، يۆلەش، ئۆمەك تەشكىللەپ كەنتكە چۈشۈپ خالىس كېسەل كۆرۈش ۋە كەنت دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل يول ئارقىلىق يېزىلارغا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى يەتكۈزدى ھەم تولۇقلىما پۇل بېرىش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە كىرىش پائالىيىتىنى «ھەرىكەت»كە ئايلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ساغلاملىققا ئېرىشىدىغان، كەنت دوختۇرلىرى تېخنىكا، ماھارىتىنى ئۆستۈرىدىغان، دوختۇرلار ئالقىشقا ئېرىشىدىغان كۆپ تەرەپ پايدا ئېلىشتەك ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى. 

 مېھرىبانگۈل ھىمىت بىلەن بىللە يەنە 354 كەنت ئاھالىسى سالامەتلىك تەكشۈرتكىلى كەلگەنىدى. مەن دوختۇر- سېسترالارنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش بىلەن بىللە، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرۈپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئاساسىي سانلىق مەلۇماتى ۋە ماتېرىيالىنى دېھقانلارنىڭ شەخسىي ساغلاملىق ئېلېكتىرون ئارخىپىغا كىرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن ئارخىپ تۇرغۇزۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. دېھقانلارنىڭ ساغلاملىق ئېلېكتىرون ئارخىپى ئاساسلىقى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى، جەمەتىنىڭ كېسەل تارىخى، بالىلارنى پىلانلىق ئىممۇنىتېتلاش قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدا دېھقانلارنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى ۋە ساغلاملىق ئەھۋالى خاتىرىلەنگەن، ئۇنىڭدىن باشقا دوختۇر- سېسترالارنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى قاتارلىقلارمۇ بار، ناۋادا كەنت ئاھالىلىرى ئالاھىدە ئەھۋالغا يولۇقسا، بىۋاسىتە تېلېفون قىلىپ سورىسا بولىدۇ. دوختۇر- سېسترالار يېزا شىپاخانىسى ۋە كەنت داۋالاش ئۆيىدە كېسەل كۆرگەندە، دېھقانلارنىڭ ساغلاملىق ئېلېكتىرون ئارخىپىدىكى ئالاقىدار ئۇچۇر ئارقىلىق كېسەلگە توغرا دىياگنوز قويالايدۇ. 

 يېزىلىق شىپاخانىنىڭ دوختۇرى ھەجەرگۈل مەمەت مۇنداق دېدى: دېھقانلارنىڭ ساغلاملىق ئېلېكتىرون ئارخىپى بولغاچقا، دېھقانلار سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە ياكى كېسەل كۆرسىتىشكە كەلگەندە، كىملىكنى سۈركىسىلا بىز ئاغرىقنىڭ كېسەل تارىخى ۋە ساغلاملىق ئەھۋالىنى بىلەلەيمىز. 

 ئاۋات يېزىلىق شىپاخانىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈنچاڭ مۇنداق دېدى: ساغلاملىق − بەخت مەنبەسى. ئومۇمىي خەلق ساغلام بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بولمايدۇ. ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق «بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلالايمىز.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى