قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قايسى خىل ئاپتوموبىللار 6 يىللىق تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمان بولالايدۇ؟

2018-07-12 19:10:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى تۇنجى قېتىم ئالغان پىراۋىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 6 يىل ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەمما ئادىل پىراۋىنى ئەمدىلا ئالغان بولۇپ، يېقىندا بىر ئاپتوموبىل سېتىۋالغان، ئۇ 6 يىللىق تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش رەسمىيىتى بېجىرگىلى بارغاندا كەسپىي خادىملار بېجىرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، يەنە تېخى 20 يۈەن جەرىمانە قويغان، ئۇنداقتا نېمىشقا ئۇنداق قىلىدۇ؟

كەسىپ بېجىرگۈچى خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئادىلنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىگە 7 كىشلىك دەپ يېزىلغانىكەن، ئېلىمىزنىڭ قاتناش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، پەقەت 6 كىشىلىكتىن تۆۋەن تىجارەتكە ئىشلىتىلمەيدىغان ئاپتوموبىللارلا 6 يىللىق تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، 7 كىشىلىك ئاپتوموبىللارغا پەقەت 2 يىللىق تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

ئۇنداقتا قايسى خىل ئاپتوموبىللار ئالتە يىللىق تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمان بولالايدۇ؟

تۆۋەندىكى تۆت شەرتنى قانائەتلەندۈرگەن ئاپتوموبىللار بۇ خىل مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولالايدۇ:

1. چوقۇم 2010- يىلى 9- ئايدىن كېيىن تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇشى كېرەك؛

2. تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن سېلىشقا بولىدىغان ئادەم سانى 6 كىشىلىكتىن تۆۋەن (6 كىشىلىكنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) بولۇشى كېرەك.

3. ماشىنا تىجارەتكە ئىشلىتىلمەيدىغان بولۇشى كېرەك؛

4. چوقۇم پىكاپ ياكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى بولۇشى كېرەك؛

ئۇنىڭدىن باشقا، يىللىق تەكشۈرتكەن ۋاقىتتا چوقۇم ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ كىملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتمىسى، مەجبۇرىي سۇغۇرتا ئىسپاتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتمىسى، ئاپتوموبىل بېجى تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى قاتارلىق ماتېرىياللارنى تەمىنلەش زۆرۈر، چوقۇم ئالدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن بېرىپ رەسمىيەت بېجىرىش كېرەك، ئەگەر قاتناش ساقچىسى يىللىق تەكشۈرتۈلمىگەن ئاپتوموبىللارنى تۇتۇۋالسا جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە پىراۋىدىن نومۇر تارتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى