قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ داشۆنىڭ ئامانلىق ساقلاش، يېشىللاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلىرىغا كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەردىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى

2018-07-12 19:15:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنجاڭ داشۆسىنىڭ قاغىلىق ناھىيە بارىن يېزىسىنىڭ كۆلئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە كۈچ قوشتى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانىنى بىر ئائىلىگە بىر لايىھە بويىچە تۈزۈپ چىقىپلا قالماي، يەنە نامرات ئائىلىلەرنىڭ يىللىق كىرىمىنى 3 مىڭ 500 يۈەندىن ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى. كەنتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ھەقسىز دۇكان ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بىر قىسىم كىشىلەرنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ھويلا- ئارام قۇرۇلۇشىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۈنۈمى تۆۋەن بولغان باغلارنى پارنىكقا ئۆزگەرتىپ، ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇردى. يەنە شىنجاڭ داشۆنىڭ ئامانلىق ساقلاش، يېشىللاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلىرىغا كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەردىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى