قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ بوغاز يېزىسىدىكى 10 مىڭ مو يەردىكى قوغۇندىن مول ھوسۇل ئېلىندى

2018-07-12 19:16:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھازىر دەل قوغۇننىڭ ياخشى سېتىلىش مەزگىلى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قوغۇن ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق بازىلارنىڭ بىرى-- قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ بوغاز يېزىسىدىكى 10 مىڭ مو يەردىكى قوغۇندىن مول ھوسۇل ئېلىندى. جايلاردىكى سودىگەرلەر بەس- بەستە بۇ يەرگە قوغۇن سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلمەكتە. قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى بوغاز يېزىسى قوغۇن ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ بىرى. بۇ يىل يېزا بويىچە 14 مىڭ 600 مو يەرگە قوغۇن تېرىلىپ، مو بېشى مەھسۇلاتى 1 مىڭ 700 كىلوگرامغا يەتتى، تېرىلغۇ كۆلىمى قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىدى. لەنجۇدىن كەلگەن قوغۇن سودىگىرى بۇ يەرنىڭ كونا خېرىدارى ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن 200 توننا قوغۇننى لەنجۇ بازىرىغا يۆتكىمەكچى. بۇ يىلقى قوغۇنلارنىڭ سۈپىتىدىن ناھايىتى رازى بولدۇم. بۇ يىلقى قوغۇنلارنىڭ سۈپىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ياخشى ئىكەن، باھاسى سەل يۇقىرراق بولسىمۇ، بازاردا خېلى ياخشى سېتىلدى. لەنجۇدا بىر جىڭىنى 2 يۈەندىن ساتقىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى