قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نوپۇسنى يۆتكىمەكچى بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تۆۋەندىكىلەرنى بىلىۋېلىڭ

2018-07-12 19:17:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار پات ئارىدا چاقىرىق قەغىزىنى قوبۇل قىلىشقا باشلايدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نوپۇس ئىشلىرىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نوپۇسىنى يۆتكەش- يۆتكىمەسلىكى ئۆز ئىختىيارلىقىدا، ئۇلار نوپۇسىنى ئۆزى قوبۇل قىلىنغان ئالىي مەكتەپكە يۆتكىسىمۇ، ياكى يۆتكىمىسىمۇ بولىدۇ.

@ يۆتكىمەكچى بولغانلار ئالدى بىلەن «مەكتەپكە كىرىشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار»نى ئەستايىدىل ئوقۇشى كېرەك. ئۇنىڭدا نوپۇسنى يۆتكەيدىغان ئادرېس ئېنىق يېزىلغان بولىدۇ. ناۋادا يېزىلمىغان بولسا، مەكتەپ بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ، نوپۇسنى يۆتكەپ بارىدىغان ئادرېسنى ئېنىقلاش كېرەك. ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار نوپۇسنى يۆتكىمەكچى بولسا نوپۇس دەپتىرى، چاقىرىق قەغىزى ۋە «مەكتەپكە كىرىشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار»نىڭ ئەسلى نۇسخىسى، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئېلىپ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ج خ ئورگانلىرىغا بېرىپ، نوپۇس يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ. ج خ ئورگانلىرى ماتېرىيالنى تەكشۈرگەندىن كېيىن «نوپۇس يۆتكەش گۇۋاھنامىسى» چىقىرىپ بېرىدۇ.

@ شۇنى ئەسكەرتىمىزكى «نوپۇس يۆتكەش گۇۋاھنامىسى»نىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 30 كۈن.

خەلق ساقچىلىرى مۇنداق ئەسكەرتىش بەردى: «نوپۇس يۆتكەش گۇۋاھنامىسى»نىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 30 كۈن، شۇڭا ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىش ۋاقتى ۋە نوپۇس يۆتكەش ۋاقتىنى ئوبدان ھېسابلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، نوپۇس دەپتىرىدىكى بوي ئېگىزلىكى، قان تىپى قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇشى، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولسا، كەسىپ بېجىرگەن ساقچى بىلەن ئالدىن پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك، نوپۇس يۆتكەلگەندىن كېيىن ئۇچۇرنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى