قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «ئاياللارنىڭ ئۆز- ئۆزىنى كونترول قىلىشىنىڭ رولى»

2018-07-12 19:20:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كونترول قىلىش كۆپ ھاللاردا ئۆز كەيپىياتىنى كونترول قىلىشنى ۋە ئاچچىقلانماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خانىم- قىزلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. زەردىسى قايناپ تازا كوتۇلدىغۇسى كەلگەندە، ئېغىزىنى كونترول قىلالايدىغان ئايال ھەقىقىي ئېسىل ئايالدۇر. ئېرىنى سوراققا تارتىپ، ئېرىنىڭ ھەر بىر ئىشىنى يىپىدىن يىڭنىسىگىچە ئېنىقلىماقچى بولغاندا، ئۆزىنىڭ گۇمانى ۋە كەيپىياتىنى تىزگىنلىيەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي ئېرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئايالدۇر. ئىشىكنى قاتتىق ياپماقچى بولغاندا، ئاچچىقىنى باسالايدىغان ئايال- ھەقىقىي ھۆرمەتلىك ئايالدۇر.

ئۆتكەن كۆڭۈلسىز ئىشنى تەگىگۈسى كەلگەندە، ئۆز نارازىلىقىنى باسالايدىغان ئايال -ھەقىقىي ئەقىلىق ئايالدۇر.

@ ئەمىلىيەتتە ھەرقانداق بىر ئىشنى سۆزلىمەك ئاسان، قىلماق تەس. بولۇپمۇ سىز مەلۇم بىر كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقۇپ ئاچچىق سىزگە چىرماشقاندا، ئىلگىرى ئۆز كەيپىياتىڭىزنى كونترول قىلىش توغرىسىدا ئۆزىڭىزگە قايتا- قايتا بەرگەن ۋەدىلىرىڭىز ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كېتىدۇ، ئۆز ئوبرازىڭىز، سالاپىتىڭىزدىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بىراق مۇشۇ سىزنى تاۋلاپ چىقىدىغان ئالتۇن ۋاقىت. مۇشۇنداق بىر پۇرسەت بولمىسا، بىر ئادەمنىڭ ئېغىر- بېسىقلىقى ۋە كەڭ قورساقىقىنى قانداق بىلگىى بولىدۇ؟ شۇڭا خانىم- قىزلار دەل مۇشۇنداق ئاچچىقى كەلگەندە، بىرەر ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغاندا، ئالاقزادە بولۇپ ئاللا- توۋا كۆتۈرمەيدىغان، سۆز ھەركىتىمىز تەبىئىي، نورمال بولغان تەمكىن روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرۈپ چىقىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر.

@ مەيلى ئەتراپىڭىزدىكىلەر سىز توغرىلىق قانداق سۆزلەرنى قىلىشسۇن، مەيلى بالىڭىز سىزگە قانداق ئاۋارىچىلىقلارنى تېرىپ بەرسۇن، مەيلى ئېرىڭىز قانچىلىك سەپرا مىجەز بولسۇن، مەيلى ئالدىڭىزدا سىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قانچە كۆپ بولسۇن... ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزىڭىزنى كونترول قىلىشنى بىلىڭ.... ئۆزىڭىزنى يېڭىڭ، كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەڭ، بۇنىمۇ قىلالمىسىڭىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە قايتا- قايتا: «مەن ئۆزۈمنى كونترول قىلالايمەن، ئۆزۈمنى تۇتىۋاللالايمەن، مەن چوقۇم قىلالايمەن» دەڭ. ھەر كۈنى مۇشۇ سۆنى بىرقانچە قېتىم تەكرارلاڭ، ئۆزىڭىزنىڭ مۇشۇنداق قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنسىڭىز چوقۇم قىلالايسىز. شۇندىلا سىز ئەتراپىڭىزدىكى كىشىنىڭ، بالىڭىزنىڭ ئىنتايىن سۈيۈملۈك ئىكەنلىكىنى، خىزمىتىڭىزنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، تۇرمۇشىڭىزنىڭ مەنىلىك ئىكەنلىكىنى، ئېرىڭىزنىڭ سىزنى ئىنتايىن سۆيىدىغانلىقىنى بايقايسىز.

@ مۇشۇلارنى قىلالىغان خانىم- قىزلار ھەرقانداق ۋاقىتتا بەختىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرالايدۇ، يولۇققان ھەرقانداق ئىشلارنى كۆڭۈلدىكىدەك بىر تەرەپ قىلىپ كېتەلەيدۇ. چۈنكى ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلالىغاندىلا باشقىلارنى قايىل قىلغىلى بولىدۇ. مەيلى ئائىلىڭىزدىكىلەر بولسۇن، ياكى دوست-بۇرادەر، خىزمەتداشلىرىڭىز بولسۇن، سىزنىڭ قابىلىيىتىڭىزنى ھۆرمەت قىلىدۇ.

دېمەك،خانىم- قىزلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى قانچىلىك بولسا، باشقىلارنى قايىل قىلىش سەۋىيەسىمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ، بۇ خانىم- قىزلارنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك بەختى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى