قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئادەتتىكى بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ئېغىر كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ سېستىرالار باشلىقلىقاغا تەيىنلىنلەنگەن ۋاڭ ۋېيچۇڭ

2018-07-12 20:50:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ۋاڭ ۋېيچۇڭ فۇكاڭ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا پەرۋىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 9 يىلدا، ئادەتتىكى بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ئېغىر كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ سېستىرالار باشلىقلىقاغا تەيىنلىنىپ، ھاياتلىق ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.
9 يىل ئىلگىرى، ۋاڭ ۋېيچۇڭ خېيلوڭجياڭ جۇڭگو تىبابىتى دورىگەرلىك داشۆسىنى پۈتتۈرۈپ، فۇكاڭ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كېلىپ خىزمەت قىلدى. دەسلەپتە خىزمەت ئورنىغا كەلگەندە، ئۇ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، ھەر كۈنى ھايات- ماماتلىق ئېلىشىشقا دۇچ كەلگەندە ئازراقمۇ قورقۇپ قالمىدى. ۋاڭ ۋېيچوڭ مۇنداق دېدى: شۇ ۋاقىتلاردا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئادەتتە ئېغىر، جىددىي كېسەللەر ئېلىپ كېلىنەتتى، بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ بىز دوختۇر- سىستېرالارنىڭ ئىقتىدارىغا بولغان تەلىپى باشقا بۆلۈمنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ دەپ قارايتتىم. شۇڭا، بۇ ئىش ئورنىدا چېنىقىش ئۈچۈن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە ئىشلەشنى ئىلتىماس قىلدىم.
ۋاڭ ۋېيچۇڭ 4 يىلدىن كېيىن، پۇختا نەزەرىيە ئاساسى ۋە پەرۋىش تەجرىبىسىگە تايىنىپ، شۇ چاغدا يېڭىدىن قۇرۇلغان بۆلۈم ــــ ئېغىر كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى بولۇپ تەيىنلەندى. ھازىرمۇ ئۇ يەنىلا دوختۇرخانىدىكى ئەڭ ياش سېستىرالار باشلىقى ھىسابلىنىدۇ. بۇ يىل 3- ئايدا، ۋاڭ ۋېيچۇڭ تۇرۇشلۇق بۆلۈم كۆپ خىل ئورگانىزم ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتكەن بىر ياشانغان كىشىنى قوبۇل قىلدى. كانايغا نەيچە كىرگۈزگەندە، بوۋاي قاتتىق بىئارام بولۇپ، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى قان ۋە بەلغەم بىۋاستە ۋاڭ ۋېيچۇڭنىڭ يۈزىگە چاچراپ كەتتى. ئۇ سۈرتۈشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي، دوختۇرغا ماسلىشىپ بەلغەم سۈمۈرۈش، نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى بىلەن نەپەسلەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، بوۋاينىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشقا پۇرسەت ياراتتى. بۇ بوۋاينىڭ قان بېسىمى باشتىن- ئاخىر تۇراقسىز بولۇپ، ۋاڭ ۋېيچۇڭ ھەر 10 مىنۇتتا بىر قېتىم قان بېسىمىنى ئۆلچىدى ھەم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا تەڭشەپ، 6 سائەتتىن كۆپرەك جىددىي قۇتقۇزغاندىن كېيىن، بوۋاي ئاخىرى خەتەردىن قۇتۇلدى.
ۋاڭ ۋېيچۇڭ ئۇدا نەچچە يىل دوختۇرخانا تەرىپىدىن «ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالاندى. ئۇ تۇرۇشلۇق بۆلۈممۇ فۇكاڭ شەھىرىدىكى «ئاياللار ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنى»، «1- ماي ئەمگەك مېدالى» ۋە «ئىشچىلار ئاۋانگارتلىرى» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى. ۋاڭ ۋېيچۇڭ مۇنداق دېدى: مەن نۇرغۇن ئېغىر كېسەلنى قۇتقۇزدۇم. كوللېكتىپىمىز ئېغىر كېسەللەرنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلغان ۋاقىتتا، مەندە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، شۇنداقلا خۇشاللىققا ئېرىشىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت ئورنۇمدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەيمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى