قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەكبەر ئابلىمىتلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى

2018-07-12 20:51:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

7-ئاينىڭ 12-كۈنى نەشىردىن چىققان شىنجاڭ گېزىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەلق سارىيى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مېھرىگۈل تاھىر، كۇچا ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، سۇ مەمۇرىيىتى سۇ بايلىقى رېۋىزىيە چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئەكبەر ئابلىمىتلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.

 مېھرىگۈل تاھىرنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بايرىقىم روشەن ھالدا خىزمەتچىلەر ئارىسىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە خىزمىتى، ئىتتىپاق خىزمىتىنى پائال كۈچەيتىپ، مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان بەرپا قىلىمەن. خىزمەتداشلىرىم بىلەن ۋاقتىدا سىردىشىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيىۋى ھالىتىنى ئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىدىيەسىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.

ئەكبەر ئابلىمىتنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بەنزە ئەزالىرى بىلەن بىللە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، قائىدە- يوسۇنغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق، باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان كادىرلار قوشۇنى، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قوشۇن قۇرۇپ، ئۆزەمنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىدىغان، پاك-دىيانەتلىك، مەسئۇلىيەتنى بەجاندىل ئادا قىلىدىغان، قانۇننىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدايدىغان لاياقەتلىك قانۇن ئىجرا قىلغۇچى بولىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى