قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك تاڭبۇلا يايلىقى چېدىر مۇزىكا كۆرىكى بولسا يايلاق ساياھەتچىلىكىگە تېخىمۇ ھۆسىن قوشۇپ، جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

2018-07-12 20:52:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
7- ئايدىكى تاڭبۇلا يايلىقىدا ئوت- چۆپلەر ياپيېشىل، قوي- كالىلار توپ- توپ بولۇپ، دەريا ۋادىسىدىكى قىچا گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، سېرىق، يېشىل رەڭلەر ئارىلىشىپ، يۈز چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى ھاسىل قىلغانىدى. تۇنجى نۆۋەتلىك تاڭبۇلا يايلىقى چېدىر مۇزىكا كۆرىكى بولسا يايلاق ساياھەتچىلىكىگە تېخىمۇ ھۆسىن قوشۇپ، جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
ياز پەسلىدىكى تاڭبۇلا يايلىقى خۇددى غايەت زور رەڭلىك گىلەمگە ئوخشاش، ئېگىز- پەس تاغ باغرى ۋە ئەگرى- بۈگرى دەريا ۋادىسىدا يېيىلغانىدى. كالا- قويلار سېرىق مارجان، ئاق مەرۋايىتلارغا ئوخشايتتى. نىلقا ناھىيەسىنىڭ ئۇلاستاي يېزىسىدىكى نەچچە ئون مىڭ مو يەردە قىچا گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، يىراقتىن قارىغاندا نەچچە ئون كلومېتىرلىق دائىرە خۇددى ئالتۇن رەڭلىك دېڭىزغا ئوخشاش، تيانشان بىلەن تۇتاشقانىدى. گۈزەل مەنزىرە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا، كۆپچىلىك فوتو ئاپپاراتلىرىنى ئېلىپ بۇ گۈزەل دەقىقىلەردىن خاتىرە قالدۇردى. شەندۇڭلۇق ساياھەتچى سۈن خانىم گۈل دېڭىزىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كېلىشىم، ھەقىقەتەن بەك گۈزەل ئىكەن. خۇددى تەبىئەتكە ھەقىقىي سىڭىپ كىرگەندەك، گۈزەل رەسىمنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقاندەك ھېسسىياتتا بولدۇم، بۇ يەرگە كېلىپ توغرا قىپتىمەن.
قۇياش غەربكە پېتىشى بىلەن، تاڭبۇلا يايلىقىدا مۇزىكا ياڭراپ، يايلاقتىكى چېدىرلار مۇزىكا بايرىمىنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. يىراقتىن كەلگەن مېھمانلار يايلاققا جەم بولۇپ، مۇزىكا ساداسىغا ئەگىشىپ، تاڭبۇلا يايلىقىنىڭ كەچكى شەپەق مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغاچ، يايلاقنىڭ ئۆزگىچە تائاملىرىغا ئېغىز تېگىپ، بۇ جاينىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىنى چوڭقۇر ھىس قىلدى. جياڭسۇلۇق ساياھەتچى ماۋ فاڭفاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەر ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەن. بىر قېتىم ساياھەت قىلىشقا ئەرزىيدىكەن، مەنزىرىسىمۇ، ئادەملىرىمۇ گۈزەلكەن. بۈگۈن بۇ مۇزىكا بايرىمىنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇزىكا بايرىمى بىر ئاي داۋاملىشىدىكەن. بۇ جەرياندا ساياھەتچىلەر مول، رەڭدار يايلاق مۇزىكىلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھىس قىلالايدىكەن. نىلقا ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسى سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ياردەمچىسى خۇ خۇاجىڭ مۇنداق دېدى: تاڭبۇلانى تەشۋىق قىلىپ، نىلقا ناھىيەسىنى تونۇشتۇرۇپ، سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە يەرلىك ئاممىنى يازلىق يايلاق مەدەنىيىتى، مۇزىكا پائالىيىتى بىلەن تەمىنلەپ، ياز پەسلىدە مۇزىكا، مەدەنىيەت جەھەتتە ناھايىتى ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى