قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار  مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتىنى سېتىپ، دۆلەتنىڭ 4ئا دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنىڭ تىجارەت ئەندىزىسىنى باشلىدى

2018-07-12 20:53:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
بىر ھەپتىگە يېقىن سىناق قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار 7-ئاينىڭ 11-كۈنى مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتىنى سېتىپ، دۆلەتنىڭ 4ئا دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنىڭ تىجارەت ئەندىزىسىنى باشلىدى.
شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرى، چوڭ بازار بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە ساياھەت ئۆمەكلىرى، سودا ساياھەت ئۆمەكلىرىگە بېلەت كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، سىرتتىكى تارقاق ساياھەتچىلەرگە بىلەت ساتىدۇ. بېلەت باھاسى ھەر بىر ئادەمگە 10 يۈەن بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى 100 يۈەن قىممىتىدىكى مۇلازىمەت جۈملىدىن شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار زىياپەت سەنئەت ئۆمىكىنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئويۇن قويۇش بېلىتى ۋە خەلقئارا چوڭ بازار سوۋغا قىلغان سوۋغاتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. خۇنەنلىك ساياھەتچى ليۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى:- مەنزىرە رايونىغا كىرىش ئۈچۈن 10 يۈەن تۆلەش كېرەك. ئون يۈەنلىك كىرىش بېلىتى يۈز يۈەنگە باراۋەر بولىدۇ يەنە بىر ۋاخ تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ يەر مېنىڭ نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتتى. بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.
بۇنىڭدىن يېرىم يىل ئىلگىرى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار بىناكارلىق مەنزىرە مەدەنىيىتى، مىللىي ئۆرپ- ئادەت ناخشا- ئۇسسۇل مەدەنىيىتى، يېمەك- ئىچمەك، ئېسىل تائام مەدەنىيىتى قاتارلىق بەش چوڭ مەدەنىيەت كەسپى قاتلىمىدىن مەنزىرە رايونىدىكى بارلىق كەسىپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى نىڭ چى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:- بېلەت سېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بىر قىسىم مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ يەنى بۇ پۇل بىلەن مەنزىرە رايونلىرىنى رېمونت قىلىپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى ئەلالاشتۇرۇشقا بولىدۇ. بىز ھازىر مۇقام گۇرۇپپىسىنى كىرگۈزدۇق. ساياھەتچىلەر ناخشا- ئۇسسۇل، سۇنايدا ئورۇندالغان سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلىنىدۇ. يەنە بەزى ساياھەت مۇلازىمەت تۈرلىرىمۇ بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەنزىرە رايونىدىكى يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ساياھەت ئىدارىسى ساياھەت خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يۈ جيەنۋۇ مۇنداق دېدى:- كېيىنكى قەدەمدە شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كىرگۈزۈپ نەق مەيداندا نامايان قىلىدۇ. «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن شىنجاڭنىڭ كەشتە بۇيۇملىرى، تېرە يۇڭ رەسىملىرى مەنزىرە رايونىغا كىرگۈزۈلۈپ، ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى، شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ، چوڭ بازارنى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ نام كارتىسىغا ئايلاندۇرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى