قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكى دۆلەت جىڭجۈ تىياتىرى يۇرتى بىلەن بىرلىشىپ تاماشىبىنلارغا بىر قاتار جىڭجۈي تىياتىرى ئويۇنىنى تەقدىم قىلىدۇ

2018-07-12 20:55:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
2018- يىللىق «دۆلەت ئاھاڭى» جىڭجۈي تىياتىرى ئويۇنى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچىدە باشلىنىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكى دۆلەت جىڭجۈ تىياتىرى يۇرتى بىلەن بىرلىشىپ تاماشىبىنلارغا بىر قاتار جىڭجۈي تىياتىرى ئويۇنىنى تەقدىم قىلىدۇ.
ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ئەتىدىن مۇشۇ ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. پائالىيەتتە «قىزىل تۇلپار»، «ئەلچى»، «ئەجدىھا قورۇسى»، «خانىشنىڭ مەست بولۇشى» قاتارلىق 7 نادىر تىياتىر ئورۇنلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەتىدىن 15- كۈنىگىچە بولغان ئۈچ تىياتىرنى دۆلەت جىڭجۈي تىياتىرى يۇرتى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار بىللە ئورۇندايدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې تيېجۈن مۇنداق دېدى:- جىڭجۈي تىياتىرى پائالىيىتىگە نومۇر تاللاش جەريانىدا، ئىككى ئۆمەكنى ئەتراپلىق پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇردۇق. ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، نومۇرلارنىڭ تۈرى ۋە ھەر خىل روللار تولۇق بولۇپ، داڭلىق ئارتىسلار يىغىلغان سەرخىل پائالىيەت دېيىشكە بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكى بىلەن دۆلەت جىڭجۈ تىياتىرى يۇرتى ھەمكارلىشىپ ئورتاق قۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ھەمكارلىق ئىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت جىڭجۈ تىياتىرى يۇرتى يەنە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تىياتىر ئىجادىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكىگە ياردەم بېرىدىكەن. دۆلەت جىڭجۈ تىياتىرى يۇرتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ تۇڭ مۇنداق دېدى:- بىز ئۈچ يىللىق ھەمكارلىق پىلانى تۈزدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە، ھەمكارلىشىپ ئويۇن قويۇشتىن سىرت، يەنە داڭلىق مۇتەخەسسىسلەرنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكىدىكى ياش ئارتىسلارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكىنىڭ تىياتىر قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلايمىز.
نۆۋەتتە، 2018- يىللىق «دۆلەت ئاھاڭى» جىڭجۈي تىياتىرى ئويۇنىنىڭ بېلىتى سېتىلىشقا باشلىدى. شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى ۋېنخۈيكا ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى ئارقىلىق، نومۇرلار ۋە مەيداننى تەكشۈرەلەيدۇ ھەم توردا بېلەت سېتىۋالالايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى