قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قاتناش ساياھىتى ساھە ھالقىپ ھەمكارلىشىپ ساياھەت سەپىرىدىكى «ئىللىق ئۆتەڭ»نى بەرپا قىلدى

2018-07-18 18:51:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

باشقا ئۆلكە، رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، يول تورى زىچ، شەھەر، مەنزىرە رايونىنىڭ بوشلۇق ئارىلىقى يىراق، ئۇزاق ۋاقىت ئاپتوموبىل ھەيدىگەن شوپۇرلار ياكى ساياھەتچىلەر مۇۋاپىق پەيتتە ئارام ئېلىشقا مۇھتاج. شىنجاڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 3 يىلدا ھازىر بار بولغان 78 تاشيول مۇلازىمەت رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تەدرىجى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىللىق ئۆتەڭ» بەرپا قىلىپ، ئاممىنىڭ سەپەر جەريانىدىكى ئازادىلىك دەرىجىسى ۋە قولايلىقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ.   
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى، ئۈچ يىل ئىچىدە، شىنجاڭ دۆلەت يولى 30G لىنىيەسىدىكى شىڭشىڭشيادىن قورغاسقىچە، دۆلەت يولى 3012G لىنىيەسىدىكى تۇرپاندىن خوتەنگىچە، دۆلەت يولى 7G لىنىيەسىدىكى مىڭشۈيدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان لىنىيەلەر ئاساس قىلىنغان شىنجاڭغا كىرىپ- چىقىش يوللىرى، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ ئىقتىساد كارىدورى بەلبېغى، قاتناش تۈگۈنى، ساياھەت مەنزىرە رايونى، شەھەر ئەتراپلىرىدا ئۆزگىچە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت رايونلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى مۇلازىمەت رايونلىرىنى تەدرىجىي قاپلايدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭ شارائىتى يار بېرىدىغان مۇلازىمەت رايونلىرىدا ئۆي ساياھەت ئاپتوموبىلى توختىتىش ئۇنىۋېرسال رايونى تەسىس قىلىش، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىققۇچىلار لاگىرى، پىيادە يول يۈرگۈچىلەر ئۆتىڭى، ساياھەت مەنزىرە يولى، ساياھەت نۇقتىسى قاتارلىقلار تەسىس قىلىدىكەن. شارائىتى بار يول ئاسراش پونكىتى، ئوچاستىكىلار ساياھەت ئاپتوموبىلى توختىتىش مەيدانى، ساياھەت بېكىتى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر، ئۆي ساياھەت ئاپتوموبىلى لاگېرى، پىيادە يول يۈرگۈچىلەر، ۋېلىسىپىت چەۋاندازلىرى يازلىق لاگېرى قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدىكەن، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، يېزا، كەنتلەردە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى تەسىس قىلىنىپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ چاتما مۇلازىمەت قاتارلىق ئىقتىدارلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.
شىنجاڭ تاشيول ترانسپورتى دۆلەت ئۆلكە غول لىنىيە تاشيولى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپ قىسىم يولۇچى توشۇش مىقدارىنى كۆتۈرۈۋالغان. شىنجاڭ بۇ يىل 10- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئادەتتىكى دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى غول لىنىيە تاشيولىدىكى 16 مۇلازىمەت رايونىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملاشنى پىلانلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ قاتناش- تىرانسپورت تارماقلىرى ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، يۇمشاق- قاتتىق دىتال مۇئەسسەسەلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تەدرىجىي يولغا قويۇپ، باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ياخشىلاپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، تاشيول مۇلازىمەت رايونىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى