قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى بىر تۈركۈم ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ

2018-07-18 18:53:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق بەش تارماق «<ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست> قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەت پىلانى»نى تۈزدى ( 2018- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە)، سېلىنما كۆپەيتىلىپ، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست« قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى زور كۈچ بىلەن ياخشىلىنىپ، كىرگۈزۈشچانلىق ۋە كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تىزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە مىللەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېغىر نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
«ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» شىزاڭ ئاپتونوم رايونى، چىڭخەي، سىچۈەن، گەنسۇ، يۈننەندىن ئىبارەت تۆت ئۆلكىدىكى زاڭزۇلار رايونى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستى، سىچۈەن لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، يۈننەن نۇجياڭ لىسۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، گەنسۇ لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى تۈزگەن ھەرىكەت پىلانىغا ئاساسەن، بۇنىڭدىن كېيىن «ئۈچ ۋىلايەت، ئۈچ ئوبلاست» ئاساسىي يول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان تىرەك كۈچەيتىلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز قەشقەردىن خوتەنگىچە بولغان G3012 نومۇرلۇق دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان يول بۆلەكلىرى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى تېزلىتىدۇ؛ كورلا- گولمۇد تۆمۈريولى، قاراماي- چۆچەك تۆمۈر يولىدىكى تېچاڭگۇ- چۆچەك بۆلىكى، ئالتاي- كۆكتوقاي- شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تۆمۈريول تارماق لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ؛ خوتەندىن چاقىلىققىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ كورلىدىن قەشقەرگىچە بولغان بۆلىكىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ؛ يەرلىك باش بولۇپ قۇرۇلۇش قىلىدىغان ئاقسۇدىن ئارالغىچە بولغان تارماق لىنىيەلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ.
«13- بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىغا بىر تۈركۈم ساياھەت ئۇل سېلىنما تۈرلىرى قوشۇلۇپ، مەخسۇس ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ساياھەت تۈر قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا ئىشلىتىلىپ، تاشيول، پىيادىلەر يولى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، سۇ، توك بىلەن تەمىنلەش، جىددىي قۇتقۇزۇش، ساياھەتچىلەر ئۇچۇرى قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ھەقىقىي ياخشىلىنىدۇ، بىر تۈركۈم ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللەشكەن، جەلپكارلىقى كۈچلۈك، مۇلازىمەت سۈپىتى ياخشى مەنزىرە رايونلىرى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قۇرۇلۇپ، يەرلىك ئاھالىنى ئۇنىۋېرسال يېتەكلەش رولى كۈچەيتىلىدۇ. «13- بەش يىللىق پىلان» دا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللايدىغان قېلىپلاشقان قۇرۇلۇش تۈرى لايىھەسىنى ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاپ تەڭشەشتە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ساياھەت تۈرلىرى قېلىپلاشتۇرۇش لايىھىسىگە كىرگۈزىلىدۇ ۋە پائال ياردەم بېرىلىدۇ.   
«<ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست> قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەت پىلانى»نى ( 2018- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە) غا ئاساسەن، جەمئىيەت كاپىتالىغا يېتەكچىلىك قىلىنىپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىدۇ. جەمئىيەت كاپىتالىنى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن، باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن نوپۇس كۆپ قاتناشقان، كۆپ مەنپەئەت بېرىدىغان ساياھەت تۈرلىرىنى ئېچىشقا يېتەكلەپ، يەرلىكتىكى مېھمانخانا، ئاشخانا، مەنزىرە نۇقتىلىرى، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ باشقا جايدىن كۆچۈرۈلگەن نامرات ئاممىنى ئالدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، ساياھەت تاشيولى، مەنزىرە يولى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، ئائىلە ئاپتوموبىلى، ئۆي ئاپتوموبىل ساياھەت لاگېرى ۋە ئالاقىدار يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىشكە ياردەم بېرىلىپ، ئائىلە ئاپتوموبىلى، ئۆي ئاپتوموبىل ساياھەت لىنىيەلىرى ئېچىلىپ، لىنىيە بويىدىكى ۋە ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى