قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» ئوبزورچىسى «شارائىت يار بەرسە شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلايلى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدى

2018-07-18 18:54:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» ئوبزورچىسى دەن رېنپىڭ «شارائىت يار بەرسە شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلايلى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى يېقىندا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ، كۇچا، كورلا قاتارلىق جايلاردا زىيارەت قىلىش داۋامىدا، شىنجاڭدىكى مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىككە ئائىت ياخشى ۋەزىيەتنى ھەقىقىي ھىس قىلدى. بىز شەھەرلەردىكى كەچلىك بازارلارنىڭ ئاۋاتلاشقانلىقى ۋە مەيدان مەدەنىيىتىنىڭ جانلانغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ھەقىقىي بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇق. ساياھەتچىلىكنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. باشقا جەھەتلەردىكى ئۇچۇرلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، بىز جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىقتىسادى شارائىتى يار بەرگەن ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭنى يېقىنقى مەزگىللىك ساياھەت مەنزىلىگە كىرگۈزۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى: دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا تېررورلۇق دۇنيادىكى نۇرغۇن رايونلاردا باش كۆتۈردى. شىنجاڭ بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئەڭ چوڭ ئۈنۈم ھاسىل قىلغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. غەربتىكى بەزى كۈچلەر شىنجاڭغا بۇ جەھەتتە نەشتىرىنى سانچىدى. ئۇلار شىنجاڭنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش نەتىجىسى ئۇلارنى مەڭگۈ خاتىرجەم قىلمايدۇ.  
شىنجاڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە مەنسۇپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن جۇڭگو خەلقىگە مەنسۇپ. بىز ئۇ يەردىكى ئاكتىپ ئۆزگىرىشلەرگە خۇشاللىق بىلەن يۈزلىنىپ، شىنجاڭنى ئۆزىگە تەۋە ئۈنۈملۈك مۇقىملىقنى قوغداش ۋە تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز. بىز غەربتىكى بەزى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشقا ئائىت قانداق نومۇر قويۇشىغا پەرۋا قىلمايمىز.     
بىز يەنە مۇنداق دەپ قارايمىز: شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس. ئۇ ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسى بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمتۈرتكە بولۇشقا موھتاج. ساياھەتچىلىكنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش شىنجاڭنى پائال ئۇنىۋېرسال ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا، بىز شارائىتى يار بېرىدىغان ئىچكىرىدىكى كىشىلەرنى شىنجاڭنى ساياھەت مەنزىلىگە كىرگۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى