قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خوتەننىڭ كەچلىك بازىرى ساياھەت نام كارتىسىغا ئايلىنىپ، دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە قىزغىن، مېھماندوست خوتەننى تونۇشتۇرىدىغان كۆزنەك بولۇپ قالدى

2018-07-19 19:11:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ياز ئاخشىمى، تومۇز ئىسسىق ئاستا- ئاستا پەسىيىپ، خوتەن شەھىرى غەربىي خەلق يولىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى كەچلىك بازار تازا قىزىشقا باشلىدى. كەچلىك بازاردىكى ئوتتا قاقلاپ پىشۇرۇلغان تۆگىقۇش، غاز تۇخۇمى، سۇنداقلا تونۇر كاۋاپ، ئۆپكە- ھېسىپلارنىڭ مەززىلىك پۇراقلىرى، ئەنبەلگە تىزىلغان قوغۇن- تاۋۇزلار خوتەنگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ تېتىپ بېقىشقا جەلپ قىلاتتى.
خوتەن شەھىرى كەچلىك بازىرىدىكى ھاۋانىسا ئۇرايىمنىڭ قېتىق تاڭزۇڭزا يايمىسى ئالدىدا، تاڭزۇڭزا سېتىۋالىدىغان ساياھەتچىلەر ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئەمدىلا خوتەن سەپىرىنى باشلىغان ئىچكى موڭغۇللۇق ساياھەتچى يۈ لىپىڭ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ خوتەندىكى تۇنجى بېكىتىنىڭ كەچلىك بازاردىن باشلانغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئۆيدە يېگەن تاڭزۇڭزىدا پەقەت شېكەر بىلەن چىلانلا بار ئىدى. قېتىق ۋە ئەنجۈر قىيامى ئارىلاشتۇرغان بۇنداق تاڭزۇڭزىنى يەپ باقماپتىكەنمەن، راستلا بەك تەملىك ئىكەن.
خوتەن شەھىرىدىكى كەچلىك بازارنىڭ كۆلىمى 4 مىڭ 662 كۇۋادىرات مېتىر كىلىدىغان بولۇپ، 260 تىجارەتچى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەت تىجارەتچىسى 180، خەنزۇ تىجارەتچى 80 بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تائاملىرى ۋە گۇاڭدۇڭ، خۇنەن، شەندۇڭ، گەنسۇ، شەنشى قاتارلىق جايلارنىڭ ئالاھىدە يېمەكلىكلىرىنى ساتىدۇ.
كەچلىك بازاردا ھەر كۈنى لەرزان ناخشا ساداسى ياڭراپ تۇرىدۇ. خوتەن شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىدىن كەلگەن ئارتىسلار كەچتە كەچلىك بازار مەركىزىدىكى كىچىك سەھنىدە ساياھەتچىلەرگە ئويۇن قويۇپ بىرىدۇ. ئويۇننىڭ ئاخىرىدا ئارتىسلار بىلەن ساياھەتچىلەر بىرلىكتە ئۇسسۇلغا چۈشىشىدۇ. خوتەن شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى ئادىلجان ھىسام مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى 3 مەيداندىن 5 مەيدانغىچە ئويۇن قويىمىز، ناخشا- ئۇسسۇل قاتارلىق 10 نەچچە نومۇر تەييارلىدۇق.
ھازىر خوتەننىڭ كەچلىك بازىرى ساياھەت نام كارتىسىغا ئايلىنىپ، دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە قىزغىن، مېھماندوست خوتەننى تونۇشتۇرىدىغان كۆزنەك بولۇپ قالدى. تىجارەتچى شۆ مەنلى مۇنداق دېدى: بۇ كەچلىك بازار ناھايىتى پاكىز، تىجارەتچىلەر ئىنتايىن ئىناق، كۆپچىلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىمىز. 260 يايما ئورنىمىز سىرتقا خوتەن شەھىرىمىزنىڭ گۈزەل ئوبرازىنى نامايەن قىلىدىغان كۆزنەككە ئايلاندى.
خوتەن شەھەرلىك بازار نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ كادىرى ليۇ خۇي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتىكى خوتەن شەھىرى كەچلىك بازىرى ئىتتىپاق مەيدانى ئەتراپىدا بولۇپ، كۆلىمى كىچىك بولۇپلا قالماي، يەنە يولنى ئىگىلىۋېلىش ۋە تازىلىق ئەھۋالى ناچار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىدى. 2015- يىلى 5- ئايدا، خوتەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى غەربىي خەلق يولىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن كەچلىك بازارنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇردى. ھەر بىر يايما ئورنىنىڭ كۆلىمى ئوخشاش، ئاشپەزلەرنىڭ كىيىم- كېچىكى بىردەك، پاكىز ۋە رەتلىك بولدى. ھازىر 500 دىن ئارتۇق ئادەم خوتەن كەچلىك بازىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى. خوتەن كەچلىك بازىرىدا 260 يايما ئورنى بار، ھەر ئاخشىمى 4، 5 مىڭ خېرىدارنى كۈتۈۋالىدۇ. خوتەن كەچلىك بازىرىدىكى ھەر بىر تىجارەتچى ھەر كۈنى كەچتە تەخمىنەن 700، 800 يۈەن كىرىم قىلىدۇ. كەچلىك بازارنىڭ كۈندىلىك تىجارەت سوممىسى 200 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ.
سەھەر سائەت 2 دىن باشلاپ، خوتەن كەچلىك بازىرى ئاستا- ئاستا تىنجىشقا باشلايدۇ، ساياھەتچىلەر كۆزى قىيمىغان ھالدا بۇ يەردىن ئايرىلىدۇ. خاڭجۇدىن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ خوتەنگە كەلگەن ساياھەتچى ۋۇ خېجيەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ تائاملىرى ئېسىل، مەنزىرىسى گۈزەل بولغاچقا، خوتەندە تۇرۇش ۋاقتىمىز پىلاندىكىدىن ئېشىپ كەتتى، كېيىن يەنە كېلىمىز. كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىقىمىز يېقىنلاشتى، بۇ يەردىكى كىشىلەر ناھايىتى قىزغىن ھەم مېھماندوست ئىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى