قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شارائىتىڭىز يار بەرسە، شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلىڭ

2018-07-19 16:01:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ياز پەسلىدە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ مىليون مولۇق قىچىزارلىقىدا قىچىلار بەس- بەستە چېچەكلەپ، جاي- جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر، فوتوگرافلارنى جەلپ قىلدى.

  سۈرەتتە: 7- ئاينىڭ 16- كۈنى، ساياھەتچىلەر قىچىزارلىقتا سەيلە قىلىپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. ( ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى)

  «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىدىكىلەر يېقىندا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ، كۇچا، كورلا قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ قايتىدىن بىخەتەر بولغانلىقىنى ئەمەلىي ھېس قىلدى. بىز شۇ جايلاردا كەچلىك بازارلارنىڭ ئاۋاتلىقى ۋە مەيدان مەدەنىيىتىنىڭ جانلانغانلىقىنى كۆرۈپ، شىنجاڭدىكى پۇقرالارنىڭ بۈگۈنكى تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان تولۇق ئىشەنچىنى ھېس قىلدۇق، بىز يەنە شۇنىمۇ كۆردۇقكى، ساياھەتچىلىك جەنۇبىي شىنجاڭدا تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىۋېتىپتۇ. باشقا جەھەتلەردىكى ئۇچۇرلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، بىز جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋاقىت چىقىرالايدىغان، ئىقتىسادى يار بېرىدىغان ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭنى يېقىنقى مەزگىللىك سەپەر مەنزىلى قىلىشنى ئويلىشىپ بېقىش تەكلىپى بېرىمىز.

  شىنجاڭغا ساياھەتكە بېرىش تىلغا ئېلىنسا، خېلى كۆپ كىشى ئۇ يەر بىخەتەر ئەمەس، دەپ قارايدۇ. ئۇلار شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كوچىلاردا نۇرغۇن ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتى بارلىقىنى، چارلىغۇچى ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭمۇ ئىچكىرى جايلاردىكىدىن كۆپلۈكىنى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئاڭلىغان. ئۇلار شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىدا يەنىلا مەسىلە بارلىقى ئېنىق تۇرمامدۇ، ھازىر ئىش چىقمىغان تەقدىردىمۇ، كېيىن ئىش چىقىدىغان- چىقمايدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ، ساياھەتكە بارغاندا ئىش چىقىپ قالسا قانداق قىلىمىز، دەپ ئەنسىرىشىدۇ.

  ھالبۇكى، شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، شىنجاڭنىڭ ھازىر بىخەتەر ئىكەنلىكى ئەمەلىيەت، كوچىلاردا ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتىنىڭ كۆپ بولۇشى شىنجاڭدا ھەر ۋاقىت ئىش چىقىش ئېھتىماللىقىدىن دېرەك بەرمەستىن، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە ئېغىر جەمئىيەت ئامانلىقى ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى تۈگىتىش ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

  زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇمى شىنجاڭدا ئاللىقاچان تىزگىنلەندى، بۇ، شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تونۇشى. ئۇزاقتىن بۇيان تەقەززا بولۇۋاتقان كاپالەتكە ئىگە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە خاتىرجەملىكنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ناھايىتى قەدىرلەيدۇ. ۋاھالەنكى، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭدا ئالدىنقى يىللاردىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى پەيدا قىلغان تەسىرنى تەلتۆكۈس تۈگىتىش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ھەم پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.

  بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان پەۋقۇلئاددە تەدبىرلەر مۇھىم ئۆتكۈنچى تەدبىرلەر ھېسابلىنىدۇ، بۇ تەدبىرلەر كۈچلۈك چۆچۈتۈش رولىنى ئويناپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا يوشۇرۇن ئۇرۇنۇۋاتقانلارنى ئۈنۈملۈك چەكلەيدۇ. ھازىرقى شىنجاڭدا بۇ تەدبىرلەر جەمئىيەتنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنىڭ سىگنالى بولماستىن، ئەكسىچە ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىگە قەتئىي يول قويمايدىغان ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ، دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت بىخەتەر بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى.

  ھەممىگە مەلۇمكى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش، قەبىھ قىلمىشلارنى سادىر قىلغان زوراۋان - تېررورچىلارنى قوغلاپ يوقىتىش قۇدرەتلىك ھاكىمىيەت ئۈچۈن تەس ئىش ئەمەس. لېكىن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى تۈگىتىش باشقا ئىش. بۇ تەننەرخنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، ئەمەلىيەتتە بىر جەمئىيەت ئۈچۈن ناھايىتى زور ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قۇرۇلۇشىدۇر.

  بۈگۈنكى شىنجاڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ھادىسىدىن تۈزەش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ماھىيەتتىن تۈزەشتىن ئىبارەت تېخىمۇ يۇقىرى نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. ھازىر دۇنيادا ھەرقانداق بىر جاي ئۆزىنى «مۇتلەق بىخەتەر» دەپ ئېيتالمايدۇ، لېكىن، تېررورىزمنى ماھىيەتتىن تۈزەش كەسكىن ئىنتىلىش بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئىلگىرىلەش ئۇسۇلى بولالايدۇ. بۈگۈنكى شىنجاڭ دەل شۇنداق.

  شىنجاڭدىكىلەر بۈگۈنكى كۈندە كوچىلاردىكى ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتلىرىنى كۆرسە، ھەرگىز «بۇ يەر بىخەتەر ئەمەس» دەپ ئويلىمايدۇ، ئەكسىچە بۇ ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتلىرىنى بىخەتەرلىكنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ ھازىرقى بىخەتەرلىك ئەھۋالى كۈچلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ، بۇزغۇنچىلىق ئامىللىرىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە كۈچىيىش بوشلۇقىنى تارايتىپ، ئاكتىپ كۈچنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا پۈتۈنلەي يېڭى شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

  دۇنياغا نەزەر سالساق، ئىلگىرىكى يىللاردا تېررورىزم دۇنيادىكى نۇرغۇن رايوندا باش كۆتۈردى، شىنجاڭ بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن رايونلارنىڭ بىرى. غەربتىكى بەزى كۈچلەر توختىماي شىنجاڭدىن قۇسۇر ئىزدىدى، ئۇلار زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش نەتىجىلىرىنىڭ قانداق قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن قەتئىينەزەر ئۇلار بىئارام بولىدۇ.

  ھالبۇكى، شىنجاڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شىنجاڭى، شۇنداقلا بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ شىنجاڭى. بىز شىنجاڭدىكى ئىجابىي ئۆزگىرىشلەردىن سۆيۈنىمىز، بىز شىنجاڭنى ئۆزىگە تەۋە، ئۈنۈملۈك مۇقىملىقنى قوغداش ۋە تەرەققىيات يولىنى تېپىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز. بىز غەربتىكى بەزى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشقا قانداق باھا بېرىشىگە پەرۋا قىلمايمىز.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنداق قارايمىزكى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى يەككە- يېگانە ئەمەس، ئۇ ۋەتەن چوڭ ئائىلىسى بىلەن تېخىمۇ قويۇق ياخشى ھەمتۈرتكىلىككە موھتاج. ساياھەتچىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش شىنجاڭنى ئىجابىي ئۇنىۋېرسال ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا، بىز ئىچكىرى جايلاردىكى شارائىتى يار بېرىدىغان كىشىلەرگە شىنجاڭنى يېقىنقى مەزگىللىك ساياھەت مەنزىلى قىلىشنى ئويلىشىپ بېقىشنى تەشەببۇس قىلىمىز.

  ئىچكىرى جايلاردىكى كىشىلەر ھازىر شىنجاڭغا ساياھەتكە بارسا، بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىن ئەنسىرىشى ھاجەتسىز. شىنجاڭنىڭ كوچىلىرىدا ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتلىرىنى كۆرۈپ ئەندىشە قىلىشمۇ ھاجەتسىز. دەل بۇ ماقالىنىڭ بېشىدا ئېيتىلغىنىدەك، شىنجاڭ ھازىر كىشىنى ئىپتىخارلاندۇرغۇدەك ئىمكانىيەتلىك سىجىل تىنچ، خاتىرجەم ۋە گۈللەنگەن ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە، بىز ئىچكىرى جايلاردىكىلەر پۇرسەت بولسىلا، بۇ ئۇلۇغۋار ئىشقا ئاۋاز قوشالىساق، بۇنىڭدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغان بولاتتۇق.

  (ئاپتور «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئوبزورچىسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى