قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدە قىچا گۈللىرى ئېچىلدى ‏

2018-07-21 13:01:01     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

 

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى (قۇمۇل گېزىتى مۇخبىرى ساۋ شىنجا خەۋىرى، فوتوسى). 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى فوتوسۈرەت ھەۋەسكارى ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ ئات مەيدانى ئەتراپىدىكى قىچىزارلىقنى سۈرەتكە تارتتى. ھازىر ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مو يەردىكى ئارپا ئېتىزلىقىغا كىرىشتۈرۈپ بەرپا قىلىنغان قىچىزارلىقتىكى قىچا گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى، يىراقتىن قارىغاندا سېرىق گۈللەر قېنىق يېشىل رەڭلەر ئارىسىدا كۆزنى تېخىمۇ قاماشتۇرۇپ، كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.

  قىچا گۈلىنىڭ ئېچىلىش مەزگىلى قىسقا بولۇپ، قىچا گۈلى ئېچىلغان مەزگىلدە كىشىلەر ئۆزلىرى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ياكى نۆۋەتچى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ بۇ يەرگە كېلىپ، بۇ يەرنىڭ سالقىن ھاۋاسىدا گۈزەل قىچا گۈللىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، يازنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈشىدۇ.

 

 

 

 

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى