قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باغراش ناھىيەسى «ساياھەت بىلەن مەدەنىيەتنى بىرلەشتۈرۈش» ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، ئىستىراھەت ساياھىتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ساياھىتى قاتارلىق ئۆزگىچە ساياھەت شەكىللىرىنى تېز ئىلگىرى سۈردى

2018-07-30 21:19:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ياز پەسلىدە باغراش ناھىيەسىدىكى باغراش كۆلى دەريا ئېغىزى مەنزىرە رايونىدا، بىپايان كۆل سۈيى ئاسمان كەبى بىر خىل رەڭنى ھاسىل قىلغانىدى. زۇمرەتتەك دولقۇن مەۋج ئۇراتتى، گۈزەل مەنزىرە نۇرغۇن ساياھەتچىنى مەپتۇن قىلىۋالغانىدى. سىچۈەنلىك ساياھەتچى شياۋ يۆشىڭ مۇنداق دېدى: دەريا ئېغىزى سەيلىگاھىنىڭ مەنزىرىسى بەك گۈزەلگەن، كۆرۈپ ھەيران قالدىم، كۆڭلۈم يايراپ كەتتى.
باغراش ناھىيەسىدە ساياھەتچىلەر گۈزەل مەنزىرىنى تاماشا قىلغاندىن باشقا يەنە باغراش كۆلىنىڭ مەززىلىك ياۋا بېلىق زىياپىتىگە داخىل بولالايدۇ. بېلىقچىلىق كېمىسىگە چىقىپ، بېلىقچىلار بىلەن بىللە، تور تاشلاپ بېلىق تۇتۇش خۇشاللىقىدىن ھوزۇرلىنالايدۇ. شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە مىللىي ناخشا- ئۇسسۇللىرىدىن بەھرىلىنىلەيدۇ.
باغراش كۆلى بويىدا، شۇ جايدىكى ئامما ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىم- كېچەكلىرىنى كىيىشىپ ئورۇندىغان ساۋۇردىن ئۇسسۇلى نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. نۇرغۇن ساياھەتچى ھاياجانلىنىپ مەيدانغا چۈشۈپ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۇسسۇل ئوينىدى. خېبېيلىق ساياھەتچى جۇ خۇا مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كېلىشىم، ساياھەتچىلەرنىڭ بۇنداق كۆپلىكىنى ئەسلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، ئۇسسۇلچىلارنىڭ كىيىم- كىچىكى ئۆزگىچە، رەڭگارەڭ ئىكەن.
نۆۋەتتە، باغراش ناھىيەسى 5 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئەسلى پۇراقتا ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش، ئۆزگىچە ئىجادىي مەززىلىك تائاملار، يېزا- كەنت ساياھەت ئۈلگە نۇقتىلىرى، ئۆزگىچە ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش قاتارلىق 17 تۈرگە مۇكاپات ۋە ياردەم پۇلى بېرىپ، ئىستىراھەت ساياھىتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ساياھىتى، تەنتەربىيە مەدەنىيەت ساياھىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم مەدەنىيەت- ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى رۇياپقا چىقىرىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈردى. باغراش ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جەن لىجۈن مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ بىرىكىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىدا سەيلى- ساياھەت قىلىشى، يېزىلارغا بېرىپ دەم ئېلىشى، كۆڭۈل ئېچىشىغا تۈرتكە بولىمىز. باغراشنىڭ ساياھەتچىلىك كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر چوقۇم تاللايدىغان، ئىچكىرىدىكى ساياھەتچىلەر ئىنتىلىدىغان جايغا ئايلاندۇرىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى