قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاقتۇدىكى تۆۋەن كەڭلىك مۇزلۇق باغچىسىدا قار كۆچۈش ئاجايىپ مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ

2018-07-30 21:20:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئويتاغ مۇزلۇق باغچىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ئويتاغ بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاقتۇ ناھىيە بازىرى بىلەن ئارىلىقى 100 كېلومېتىردىن كۆپرەك كېلىدۇ، ھەر يىلى يازدا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قارلىق تاغ، مۇزلۇق، شارقىراتما، ئورمان، يايلاق قاتارلىق كۆپ خىل گۈزەل مەنزىرە گىرەلەشكەن بۇ باغچىدا ساياھەت قىلىدۇ.
ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى بارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل ئاقتۇ ناھىيەسى مۇفېڭ ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دۇەن ۋېيچاۋ مۇنداق دېدى: ئويتاغ مۇزلۇق باغچىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 230 كۇادىرات كېلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3 مىڭ 100 مېتىر كېلىدۇ. باغچىنىڭ ئۈچ تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان بولۇپ، ئېگىز خەتەرلىك تاغ چوققىلىرى، قاتمۇ- قات مۇزلۇق چوققىلار قەد كۆتۈرۈپ، دەريا سۈيى ئۆركەشلەپ ئېقىپ تۇرىدۇ.
دۈەن ۋېيچاۋ مۇنداق دېدى: باغچا ئىچىدىن يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان ئايلانىش قارلىق تېغىنى كۆرگىلى بولىدۇ، دۇنيادىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك ھەم ئاز ئۇچرايدىغان تۆۋەن كەڭلىكتىكى ھازىرقى زامان مۇزلۇقى چىكراز مۇزلۇقىنىمۇ تاماشا قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2 مىڭ 804 مېتىر بولۇپ، ئېلىمىز تەۋەسىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزىلىكى ئەڭ تۆۋەن مۇزلۇق؛ تەلىيى ئوڭدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدا قار كۆچۈشتەك ھەيۋەت مەنزىرىنى كۆرەلەيدۇ.
دۈەن ۋېيچاۋ مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەرنىڭ جىددىيلىشىشىنىڭ ھاجىتى يوق، باغچىدىكى قار كۆچكۈنى پەقەت تاماشا قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە مەنزىرە. ھەر يىلى 7-، 8- ئايلاردا مۇزلۇقتىكى جۇغلانما قارنىڭ قېلىنلىقى 100 مېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ، قار كۆچۈش كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئاستىدا مۇزلۇق ئۈستىدىكى چوڭ بىر پارچە قار دۆۋىسى ئېرىگەندىن كېيىن تاغ ئېتىكىگە قاراپ سىيرىلىپ چۈشۈش جەريانى بولۇپ، ساياھەتچىلەر تاغدىن سەككىز كېلومېتىر يىراقلىقتىكى مەنزىرە كۆرۈش پەشتىقىدا تۇرۇپ بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ، بىخەتەرلىككە مۇتلەق كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
مۇزلۇق باغچىسىنىڭ مەسۇلى ئابابەكرى مۇنداق دېدى: ئەگەر ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدا ئويناپ ھېرىپ كەتسە، ساياھەتچىلەر مەركىزى ئەتراپىدىكى كىگىز ئۆيلەردە ئېسىل تائاملارغا ئېغىز تەككەچ ئارام ئالسا، كەچلىكى كىگىز ئۆيدە قونۇپ، ئۆزگىچە مۇزلۇق باغچىسىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى تاماشا قىلسا بولىدۇ.
 ئىگىلىنىشىچە، ئويتاغ مۇزلۇق باغچىسى ھەر يىلى 30 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتىۋالىدىكەن. بۇ يىل 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ چارۋىچىلار مەنزىرە رايونىدا ساياھەت كوپىراتىپى قۇرۇپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت مۇلازىمىتىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىۋېتىپتۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى