قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

غەربتىكى كىچىك شەھەر-- شىنجاڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسى

2018-07-30 21:21:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئۇچتۇرپان ناھىيىسى غەربىي قىسىمدىكى بىر كىچىك شەھەر بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ساپ، مەنزىرىسى گۈزەل. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ، بۇ يەردە بىر گۈزەل باغچە ۋە مۆلجەر تېغى بار. ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ «يېرىم شەھەر تاغ، يېرىم شەھەر بۇلاق» دېگەن گۈزەل نامى بار، ئاقسۇ شەھىرىدىن ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە بارىدىغان قاتناش ناھايىتى قولايلىق، لىنىيە ئاپتوموبىلى قاتنايدۇ، بېلەت باھاسى 33 يۈەن، ناھايىتى ئەرزان.
 ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە ياۋا جىغان كۆپ چىقىدۇ، ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ يەنە جۇڭگونىڭ جىغان ماكانى دېگەن گۈزەل نامىمۇ بار، بۇ يەردىن نوقۇت كۆپ چىقىدۇ، نۇقۇت يەنە ماش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بەلگىلىك دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.
 ياز پەسلىدە ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، سالقىن جاي ھېسابلىنىدۇ. مۆلجەرتاغ باغچىسىنىڭ شىنجاڭدىمۇ خېلى نامى بار، باغچىنىڭ ئىشىكتىن كىرىش بېلىتى 30 يۈەن بولۇپ، ئىچىدە سىمسىز تور ئېچىۋېتىلدى.
 باغچىدىن باشقا، سىز يەنە جىغانلىق سۇلۇق يەر باغچىسىغا بېرىپ كۆرۈپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئاۋۋال جىغانلىق بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىڭىز كېرەك. ئۇچتۇرپان جىغانلىقى ئاقسۇ شەھىرى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئوت بېشى يېزىسى تەۋەسىدىكى توشقان دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە 26 كېلومېتىر كېلىدۇ. شۇ جايدا كۆلىمى 67 كۋادرات كېلومېتىر كېلىدىغان ياۋا جىغان ئورمانلىقى بار. بۇ يەردە كىچىك ئېقىنلار كۆپ بولۇپ، ياۋا توخۇ، ياۋا توشقان، ياۋا ئۆردەك، غاقىلداق توخۇ قاتارلىقلارنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇ يەردە يەنە يۇلغۇن، سۆگەت قاتارلىق چاتقال ۋە پاكار غوللۇق ئوت- چۆپلەر ئۆسىدۇ. كۈزدە پىشىپ كەتكەن جىغان پۈتكۈل ئورمانلىقنى قىپ- قىزىل رەڭگە پۈركەيدۇ، بۇ ھەقىقەتەن تېپىلغۇسىز تەبىئىي گۈزەل مەنزىرە ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مارجان كۆلىمۇ بار بولۇپ، مارجان كۆلى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئوت بېشى يېزىسىنىڭ شىمالىدىن بىر يېرىم كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان، ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىغا يەتتە كېلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 160 مودىن ئاشىدۇ، بۇ يەردە سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، ساياھەت كېمىسى، بېلىق بېقىش كۆلچىكى قاتارلىقلار بار، مارجان كۆلى ئارامگاھى ئىچىدە ئۆرۈكلۈك باغ، نەشپۈتزارلىق، ئۈزۈم كارىدورى، كىگىز ئۆي، مىللىيچە تاماق قاتارلىقلار بار. ئارامگاھتا بىرلا ۋاقىتتا 500 ئادەم غىزالىنىپ كۆڭۈل ئاچالايدۇ.
 سۆگەت بۇلاققا بىر بېرىشقا ئەرزىيدۇ، سۆگەت بۇلاق ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى ئاقتوقاي يېزىسىنىڭ 1- كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى مىڭ مو كېلىدۇ. سۆگەت بۇلاقنىڭ بىر تەرىپى تاغقا، بىر تەرىپى دەرياغا يانداش جايلاشقان، يېشىللىققا پۈركەنگەن، بۇلاق سۈيى ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدۇ. مۇھىتى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، ھەر يىلى ئەتىيازدا ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، ئات ئۈستىدە كۈچ سىنىشىش قاتارلىق رەڭدار تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى