قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بايىنبۇلاق يايلىقى

2018-07-30 21:22:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  بايىنبۇلاق يايلىقى باينغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى بايىنبۇلاق رايونى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ بايىنبۇلاق يايلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ تىيانشان تېغىنىڭ ئوتتۇرا بۆلەك ئېگىز تاغلىرى ئارىسىدىكى ئويمانلىق بولۇپ، تۆت ئەتراپىنى قارلىق تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 2 مىڭ 500 مېتىر، كۆلىمى 23 مىڭ 835 كۋادرات كىلومېتىر كىلىدۇ، ئىچكى موڭغۇلدىكى ئوردوس يايلىقىدىن قالسىلا، جۇڭگودىكى ئىككىنچى چوڭ يايلاق.   بايىنبۇلاقنىڭ موڭغۇل تىلىدىكى مەنىسى «مول بۇلاق» بولۇپ «سۈيى مول بۇلاق» دېگەن مەنىدە. يايلاقنىڭ يەر شەكلى تەكشى، سۇ ،ئوتلىرى مول، تىپىك باشاقلىق چىملىق يايلىقى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم چارۋىچىلىق بازىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ يەردە قارلىق تاغلار بولۇپلا قالماي يەنە «ئەگرى- توقاي» قاراشەھەر دەرياسى، تېخىمۇ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئاققۇ كۆلى بار.
  بايىنبۇلاق يايلىقى ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ تەسىرىگە بىرقەدەر ئاز ئۇچرىغان بولۇپ دۇنيا بويىچە ئاز ئۇچرايدىغان كۆپ خىل تۈرلەر ساقلىنىپ، ئاققۇ قاتارلىق ياۋايى قۇشلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك كۆپىيىش ماكانى بولۇپ قالغان. مەنزىرە رايون ئاساسىي جەھەتتىن ئىپتىدائىي ھالەتتە بولۇپ، مونوپول خاراكتېرلىك ۋە ئالماشتۇرۇشقا بولماسلىقتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇ يەردىكى قاراشەھەر تيانشان ئېتى، بايىنبۇلاق چوڭ قۇيرۇقلۇق قويى، جۇڭگونىڭ مېرىنوس قويى ۋە «ئېگىزلىكتىكى تانكا» دەپ نام ئالغان قوتاز «يايلاقتىكى تۆت گۆھەر» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ھەر يىلى يازدا، ئوتلاقتا گۈللەر بەس- بەستە ئېچىلىپ، قوي پادىسى خۇددى ئاق بۇلۇتتەك لەيلەپ، قار لەيلىسى كەبى قاتار- قاتار كىگىز ئۆيلەر بۇ يەرگە جايلىشىدۇ.
  بايىنبۇلاق يايلىقىدا يەنە جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ياۋا ئاققۇ توپىنى قوغداش رايونى، سالقىن مەنزىرىلىك جاي- كۈنەس ئورمان باغچىسى بىلەن كېسەل داۋالىغىلى بولدىغان ئارشاڭ-- ئائېرشا مەنزىرە رايونى قاتارلىقلار بار. ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ مايتاغ كۇچا تاشيولى ئارقىلىق بايىنبۇلاققا بارغىلى بولىدۇ. بايىنبۇلاق يايلىقى مۇڭغۇل تېلىدا «مۇنبەت بۇلاق» دېگەن مەنىدە، بۇنىڭدىن بايىنبۇلاقتا بۇلاقنىڭ ناھايىتى كۆپلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.    بايىنبۇلاقنىڭ ھەممە يېرىدە بۇلاق بار. مىڭ بۇلاق تارقالغان پۈتكۈل يايلاق خۇددى يەرگە ئەينەك پارچىسى تاشلىۋېتىلگەندەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ،  بۇلاق سۈيىنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ يايلىقنىڭ قار ـ مۇز سۇلىرى بايىنغۇلىننىڭ ئانا دەرياسى-- قاراشەھەر دەرياسىنى شەكىللەندۈرگەن. «ئەگرى- توقاي» قاراشەھەر دەرياسى بايىنبۇلاق يايلىقىنى سۇغۇرىدۇ.     مەشھۇر ئاققۇ كۆلى مۇشۇ يايلاققا جايلاشقان.  ئاققۇ كۆلى ئەمەلىيەتتە نۇرغۇنلىغان كىچىك كۆللەرنىڭ ئۆز ئارا بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن سازلىق بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ياۋا ئاققۇ توپىنى قوغداش رايونى.   ھەر يىلى 3-، 4- ئايلاردا چوڭ ئاققۇ، كىچىك ئاققۇ ۋە سۆگەل بۇرۇت ئاققۇنى ئاساس قىلغان ئون مىڭدىن ئارتۇق ئەتىۋارلىق قۇشلار ئۇچۇپ كېلىپ بۇ يەردە يېرىم يىلدەك ياشاپ، 10-، 11- ئايلاردا يەنە ئۇچۇپ كېتىدۇ.   ھەر يىلى يازدا بايىنبۇلاق يايلىقى قاتمۇ- قات ئوتلاقلار بىلەن يېشىللىققا پۈركىنىپ، گۈللەر ئېچىلىپ كەڭ كەتكەن چىمەنزارلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ يەردە كۆللەر كۆپ بولۇپ، كالا قويلار ھەممە يەرنى قاپلاپ، كىگىز ئۆيلەر قار لەيلىسىدەك ھەممە يەرگە ئورۇنلۇشۇپ، ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ.   2005- يىلى 10- ئايدا، «جۇڭگو دۆلەت جۇغراپىيىسى» ئۇيۇشتۇرغان، «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل جاي» نى باھالاش پائالىيىتىدە بايىنبۇلاق جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل 6 چوڭ سۇلۇق يەرنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.
  1771- يىلى، مۇڭغۇللارنىڭ مىللي قەھرىمانى ئوباش 170 مىڭدىن ئارتۇق تۇرغۇت قەبىلىسىدىكى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، چاررۇسىيەگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، سەككىز ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ۋولگا دەرياسىنىڭ غەربىدىن شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى چيەنلۇڭخان ئوباشنىڭ ھەققانىي ھەركىتىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، بۇ گۈزەل بايىنبۇلاق يايلىقىنى تۇرغۇت قەبىلىسىگە ئىنئام قىلغان. ئۇلار ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد مۇشۇ يەردە ياشاپ كەلمەكتە .   جاھاندىكى بارلىق گۈزەللىكنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بايىنبۇلاقتا بولۇپ، تاغ ئارىسىدىكى بۇلاقلارنىڭ شىلدىرغان ئاۋازى ھەر ۋاقىت سىزنىڭ يۈرەك تارىڭىزنى چىكىپ تۇرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى