قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى ئارىشاڭ تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىنىڭ مەنزىرە كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى 10- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا تاماملىنىدۇ

2018-08-01 18:54:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ئارىشاڭ تېغىنىڭ شىمالى ئېتىكىنىڭ مەنزىرە كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى 10- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدۇ. نۆۋەتتە بۇ تۈرنىڭ يېرىمى تاماملىنىپ بولدى.
يېقىندا، شىمىگو باغچىسىنىڭ شىمالىي، ئارشاڭ شەرقىي يولىنىڭ جەنۇبىدىكى ئارشاڭ تېغى شىمالىي ئېتىكىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆكەرتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇش مەيدانى بولغان تاغ باغرىدا كىچىك تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى تاغ يانباغىرنى چىڭداش بىلەن، ئىشچىلار توپا تىندۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
شىمىگۇ رايونلۇق باغ- ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى لى يىجۈن مۇنداق دېدى: ئارىشاڭ تېغى شىمالى ئىتىكىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆكەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئۆزگەرتىلگەن تاغ باغرى 6 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ.
ئارىشاڭ تېغى شىمالى ئىتىكىنى كۆكەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، ئارىشاڭ تېغىنىڭ شىمالى ئېتىكىدىكى يانتۇلۇق يۈزى ۋە تاغ چوققىسى پۈتۈنلەي يېشىللىق بىلەن قاپلىنىپ، سۆسۈن باشاقلىق تۇخۇمەك دەرىخى، تۆت پەسىل ئەتىرگۈلى، قىزىل يوپۇرماقلىق ئالۇچا، مەشئەل قاتارلىق چاتقاللار تىكىلىپ، تاغ گەۋدىسىدە يېشىل رەڭنى ئاساس، قىزىل، سېرىق رەڭنى قوشۇمچە قىلغان رەڭ تۈسى شەكىللەندۇرۇلىدۇ. كېيىنكى باسقۇچتا، تاغ باغرىدا يەنە كىچىك باغچا بەرپا قىلىنىپ، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى، قولايلىق ئورۇندۇقلار ئورنىتىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى