قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۈگۈر توغراقلىقى

2018-08-01 19:19:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۈگۈر ناھىيىسى تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تارقىلىشى ئەڭ قويۇق، ياشاش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى بولغان «ئۈچىنچى ئىرانىڭ تىرىك تاش قاتمىسى» ـ --400 مىڭ مو تەبىئىي توغراقلىق بار. توغراقلىق تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى تىپىك چۆل ئورمانلىقى چىملىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر تىپىغا تەۋە بولۇپ، يۇقىرى ئېقىندىكى دەريا جىلغىسىدىن تۆۋەن ئېقىندىكى دەريا قىنىغا قاراپ تارقالغان. توغراق ئورمىنىنىڭ قۇرۇلمىسى نىسبەتەن ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى كۈچلۈك بولغان يەرلىك ئېكولوگىيىلىك پۇراققا ئىگە.
توغراق ئۈچىنچى ئىرادىن ساقلىنىپ قالغان دەرەخ تۈرى. توغراقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋاقتى ئۇزۇن ۋە ئاستا بولۇپ، قۇم ـ بوران ۋە قۇرغاقچىلىقنىڭ تەسىرىدە، نۇرغۇن توغراقلار ئاجايىپ ـ غارايىپ، غەلىتە شەكىللەرگە كىرىدۇ، توغراق توغرىسىدا «ئۈچ مىڭ يىل ياشىسىمۇ ئۆلمەيدۇ، ئۈچ مىڭ يىلغىچە يىقىلمايدۇ، يېقىلغاندىن كېيىنمۇ ئۈچ مىڭ يىلغىچە چىرىمايدۇ» دەيدىغان گەپ بار. توغراق قەيسەر ھاياتىي كۈچكە ۋە قۇرغاقچىلىققا، قۇم ـ بورانغا، شورغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «قۇملۇقتىكى قەھرىمان دەرەخ» دەپ ئاتايدۇ.
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسى جەنۇبىي قۇملۇق تاشيولىنىڭ 70 كىلومېتىر بۆلىكىگە جايلاشقان، بۇ شىنجاڭدىكى مەنزىرە توغراق ئورمىنى ئەڭ ياخشى جايلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا دۇنيادىكى 1 مىڭ 200 ئورمان باغچىسى ئىچىدىكى بىردىنبىر قۇملۇق توغراق باغچىسى، بۇ جاينى تاماشا قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى 10- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 11- ئاينىڭ بېشىغىچە.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، دۇنيادىكى توغراقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جۇڭگودا، جۇڭگودىكى %90 تىن ئارتۇق توغراق شىنجاڭنىڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىدا ئىكەن. تارىم توغراقلىق مەنزىرە رايونى تارىم دەرياسىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، توغراق مەنزىرىسى، قۇملۇق مەنزىرىسىنى بىر گەۋدە قىلغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمىي، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان، ئەڭ ئىپتىدائىي توغراقلىق مۇھاپىزەت رايونى ھېسابلىنىدۇ.
يول بويىدىكى مەنزىرىلەر ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچىدىن پويىز، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ياكى بولمىسا ئاپتوموبىل ئىجارە ئېلىپ بۈگۈر ناھىيىسىگە بارسىمۇ بولىدۇ. كەچتە تارىم دەرياسى كۆۋرۈكى ئەتراپىدىكى مېھمانخانىلاردا قۇنسا، باھاسى ناھايىتى ئەرزان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى