قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چاچ يۇيۇشتىكى خاتا ئۇسۇللار

2018-08-06 19:01:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چاچ سوپۇنىنى بىۋاستە چاچقا سۈركەش
نۇرغۇن كىشىلەر چاچ يۇيغاندا چاچ سوپۇنىنى بىۋاستە چاچقا سۈرۈپ يۇيىدۇ، بۇ چاچقا زىيانلىق. چۈنكى، ھەرقانداق چاچ سوپۇنىدا خىمىيەلىك تەركىب بولىدۇ. ئۇ باش تېرىسى بىلەن بىۋاستە ئۇچراشسا، غىدىغلىنىش پەيدا قىلىدۇ، شۇنداقلا باش تېرىسىدا تۇرۇپ قېلىپ ئاسانلىقچە پاكىز چىقىپ كەتمەيدۇ. توغرا ئۇسۇلى: چاچ سوپۇنىنى ئالقانغا چىقىرىپ ئۇۋلاپ مازغاپقا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن چاچقا سۈرۈپ يۇيۇش كېرەك. بولمىسا ئاسانلا چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
تاتىلاش
باش قىچىشقان ۋە باش يۇيغاندا تاتلىسا ناھايىتى راھەت بىلىنىدۇ، ئەمما بۇ ئادەت باش تېرىسىغا ناھايىتى زىيانلىق. چۈنكى، باشنى تاتىلىغاندا باش تېرىسى ئاسانلا زەخمىلىنىپ ياللۇغلىنىپ قېلىشى ھەم چاچ چۈشىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، باش تېرىسى زەخمىلەنگەن ھالەتتىمۇ تۈك خالتىلىرى كۈچلۈك غىدىغلىنىپ، ياغ ئاجرىتىپ چىقىرىشى كۈچىيىپ، چاچ چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن. توغرا ئۇسۇلى: بارماق ئۇچى بىلەن باشنى كەينىدىن ئالدىغا قارىتىپ يىنىڭ ئۇۋلاپ يۇيسا، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، چاچ ئۆستۈرۈشكىمۇ پايدىلىق.
يۇيۇش ۋاقتى بەك قىسقا بولۇش
مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، نورمال چاچ يۇيۇش ۋاقتى ئۈچ مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى، چاچ سوپۇن مازغاپقا ئايلىنىپ باش تېرىسى بىلەن يىتەرلىك ئۇچراشقاندىلا باش تېرىسىنى پاكىزە يۇيغىلى بولىدۇ. چاچتىكى سوپۇن قالدۇقلىرىنى پاكىز چايقاش كېرەك، بولمىسا باش تېرىسى قۇرغاقلىشىپ باش قىچىشىدۇ، ھەتتا چاچ چۈشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بەزىلەر باش يۇيغان چاغدا پەقەتلا چاچنى يۇيىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىر خاتالىق. باش تېرىسىنىمۇ پاكىز يۇيۇش كېرەك، چۈنكى باش تېرىسىنىڭ پاكىزلىقى چاچنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. توغرا ئۇسۇلى: باش تېرىسىنى پاكىز يۇيۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاچ سوپۇن قالدۇقلىرىنى پاكىز چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن، ئاز بولغاندىمۇ ئون مىنۇت ئەتراپىدا يۇيۇش كېرەك.
يۇيۇش قېتىم سانى بەك كۆپ بولۇش
چاچ يۇيۇش قېتىم سانى بەك كۆپ بۇلۇپ كەتسە، چاچ تەڭگىچىلىرى زەخمىلىنىپ، چاچ جانسىز ھەم قۇرغاق بولۇپ قالىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ چېچى ئەسلىدىنلا ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، ھەر قېتىم يۇيغاندا چېچى ناھايىتى كۆپ چۈشىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا چوقۇم يۇيۇش قېتىم سانىنى ئازايتىش كېرەك. توغرا ئۇسۇلى: دائىم چاچ چۈشسە ھەم چاچ سۈپىتى ئانچە ياخشى بولمىسا، يۇيۇش قېتىم سانى بەك كۆپ بولماسلىق كېرەك. ئادەتتە كۆپ بولغاندا ئىككى كۈندە بىر قېتىم بولسا مۇۋاپىق، ئەگەر چاچ بەك ياغلىق بولسا كۈندە بىر قېتىم يۇيسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ياغنىڭ تۈك خالتىسىغا زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر.
چاچ ئاسراش مەلھىمىنى چاچ سوپۇنى ئورنىدا ئىشلىتىش
چاچ ئاسراش مەلھىمى قارىماققا چاچ سوپۇنىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەمما تەركىبى ئوخشىمايدۇ. چاچ ئاسراش مەلھىمىنى باش تېرىسى بىلەن بىۋاستە ئۇچراشتۇرۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئۇ چاچ ئاسرىغۇچى بولماي بەلكى چاچقا زىيان سالغۇچى بولۇپ قالىدۇ. توغرا ئۇسۇلى: چاچ ئاسراش مەلھىمىنى چاچقىلا ئىشلىتىش، باش تېرىسىگە تەگكۈزمەسلىك، ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن تېگىپ قالسا، دەرھال پاكىز يۇيىۋېتىش، ئاندىن لۆڭگە بىلەن پاكىز سۈرتكەندىن كېيىن چاچ ئاسراش مەلھىمىنى سۈرۈش كېرەك، بولمىسا چاچ ئاسراش مەلھىمىنىڭ سۈمۈرىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، چاچ ئاسراش ئۈنۈمىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
چاچ ئاسراش مەلھىمىنى پاكىز چىقىرىۋەتمەسلىك
بەزىلەر چاچ ئاسراش مەلھىمىنىڭ چاچتا تۇرۇش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئوزۇقلۇقلارنىڭ چاچقا سۈمۈرۈلىشى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىرخىل خاتا قاراش. ئادەتتە، چاچ ئاسراش مەلھىمىنىڭ چاچ بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى ئون مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ۋاقتى بەك ئۇزۇراپ كەتسە، چاچنىڭ مۇڭگۈز ماددىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چاچ رەڭگى خۇنۈكلىشىپ كېتىدۇ، ھاتتا چۈشۈپ كېتىدۇ. توغرا ئۇسۇلى: چاچ ئاسراش مەلھىمىنى پاكىز يۇيىۋېتىش، ھەرگىز قالدۇق قويماسلىق كېرەك.
چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن تەبىئىي قۇرۇشنى ساقلاش
چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن تەبىئىي قۇرۇشنى ساقلاش چاچقا زىيانلىق، چۈنكى ئادەم چېچىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن چاچ تەڭگىچىلىرى ئېچىلىپ كەتكەن بولىدۇ، بۇ چاغدا بىر قىسىم چاڭ-توزان، باكتىرىيە ۋە باشقا پاسكىنا نەرسىلەر ئاسانلا كىرىپ كېتىدۇ، بۇ ئەھۋال كۆپ تەكرارلانسا چاچ زىيانغا ئۇچرايدۇ. توغرا ئۇسۇلى: چاچنى ئاز بولغاندىمۇ 60%~70% سۈرتۈپ قۇرۇتۇش ياكى چاچ قۇرۇتقۇچ بىلەن تېز سۈرئەتتە قۇرۇتۇش ئارقىلىق چاچ تەڭگىچىلىرىنىڭ يېپىلىشىنى تېزلىتىش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى