قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پامىر ئېگىزلىكىدە قۇرۇلغان سۈت كالىسى فېرمىسى

2018-08-06 20:08:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

7- ئاينىڭ 15- كۈنى كەچتە، 20 خيۇستۇن كالىسى شىخەنزە شەھىرىدىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تاشقورغان يېزىسىدىكى سۈت كالىسى فېرمىسىغا ئوڭۇشلۇق ئەكىلىندى. پامىر ئېگىزلىكىدىكى تۇنجى سۈت كالىسى فېرمىسى ئاخىرى قۇرۇلدى.
بۇلتۇر 3- ئاينىڭ 29- كۈنى تاشقورغان يېزىسىنىڭ ۋەرشىدې كەنتىدە ئۈرۈمچى تاموژنىسى بىلەن شىنجاڭ غەربىي رايون چارۋىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىپ قۇرغان سۈت كالىسى باقمىچىلىقى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئۇل سېلىندى. بىر يېرىم يىل قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە بۇ تۈردە سۈت كالىسى فىرمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سېخ بىناسى، سوغۇق ساقلاش ئامبىرى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلدى، كېيىن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن بۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق كۈنىگە ئىككى توننا دېىزىنفىكسىيەلەنگەن سۈت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسى بەرپا قىلىنىدۇ.
تاشقورغان ناھىيەسىدە تۇنجى سۈت كالىسى فېرمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تەپەككۈرىدىن كەلگەن. ئۈرۈمچى تاموژنىسى 2016- يىلى تاشقورغان ناھىيەسىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نامراتلارنى يۆلەشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنداقتا قايسى كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك؟ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، سۈت كالىسى باقمىچىلىقى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تاللىدى.
«بىز تاشقورغان ناھىيەسىدە سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى يوقلىقىنى بايقىدۇق، شۇ جايدىكى كىشىلەر ئىچىدىغان يېڭى سۈتنى قەشقەردىن 10 سائەتتە توشۇپ ئەكلىدىكەن. توشۇش ئارىلىقى يىراق بولغاچقا، قەشقەردە نەچچە يۈەنگە سېتلىدىغان بىر كىلوگىرام سۈت، بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن 10 يۈەنگە سېتلىدىكەن» دېدى- ئۈرۈمچى تاموژنىسى قونجىراپ تاموژنىسىنىڭ باشلىقى ساۋ لېي.
بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا بىر سۈت كالىسى فېرمىسى قۇرۇش ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيدىغان بىر تۈرىگە ئايلاندى. ساۋلىي مۇنداق دېدى:« سۈت كالىسى فېرمىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يەرلىك ئاممىنىڭ سۈت ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، ئوت- چۆپ تېرىش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. بىز بىر كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، شۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ئۇزۇن مەزگىللىك ئاساس سالماقچى بولىۋاتىمىز». تەسەۋۋۇر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، رەسمىي قۇرۇلۇش باشلانغاندا، ئۇلار يەنە بىر قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلدى. سۈت كالىسى تاغدا نېمە يەيدۇ؟ تاشقۇرغان ناھىيەسى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن، بۇ يەردە ئەزەلدىن سىلوس قوناق تېرىلىپ باقمىغان، سىلوس قونىقى كالىلارنىڭ ئاساسلىق يەم- خەشەكىنىڭ بىرى تۇرسا.
ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇلتۇر كەنت ئاھالىلىرىنى سىلوس قونىقى تېرىشقا سەپەرۋەر قىلىشنى قارار قىلدى. سىلوس قونىقىنىڭ بىر مو يەردىن قىلىندىغان كىرىمى ئارپا، بۇغداينىڭكىدىن ئاز بولمىدى، بىراق، ئويلىمىغان يەردىن دېھقانلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى بولمىدى. «مەن ئەزەلدىن سىلوس قونىقى تېرىپ باقمىغان، تېرىسام بولارمۇ- بولماسمۇ؟ مەھسۇلات مىقدارى قانچىلىك چىقار؟ كۆڭلۈمدە سان يوق». تاشقورغان يېزىسىنىڭ قوزغۇن كەنتىدىن ئېرمەمەت سەل ئىككىلىنىش ئىچىدە ئەندىشە قىلىپ قالدى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئۇنىڭغا تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ خىزمەت ئىشلىگەندىن كېيىن، ئۇ سىناپ بېقىشنى قارار قىلدى. بۇلتۇر سىناپ بېقىش ئويىدا ئېرمەمەت ئۈچ مو يەرگە سىلوس قونىقى تېرىپ، يىل ئاخىرىدا ھېسابات قىلىپ پايدا ئالدى.
بىراق ساۋ لېي ھېسابات قىلىپ زىيان تارتتى. «دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق تەجرىبىسى يوق، ئېتىز پەرۋىشىمۇ ياخشى قىلىنماي، كۆممىقوناق مەھسۇلات مىقدارى مۆلچەرگە يەتمىدى، سۈت كالىسى فېرمىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى» دېدى ساۋ لېي. ئۈرۈمچى تاموژنىسى كۆممىقوناق مەھسۇلاتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل كوپىراتىپلارنى كىرگۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئوبوروت قىلىپ، سىلوس قونىقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تېرىش ۋە باشقۇرۇشنى قارار قىلىپ، كوپىراتىپ ئېلىپ كەلگەن يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۇسۇللار ئارقىلىق، سىلوس قونىقى مەھسۇلاتى ۋە پايدىسىنى ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە ياردەم بەردى.
ئەمما يەر ئوبوروتى نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرىگە نىسبەتەن يېڭى ئىش ئىدى. ئېرمەمەت يەنە ئويلىنىشقا باشلىدى: يەرنى كوپىراتىپقا ئۆتكۈزۋەتسە ئۆزىنىڭ ئوبوروت قىلىش ھەققىلا بار بولىدۇ، ئۆزى تېرىغانغا قارىغاندا پايدىسى ئاز بولىدۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق. ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ تاشقورغان يېزىسى قۇزغۇن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى جۇاڭ تاۋ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ھىسابات قىلىپ بېرىپ مۇنداق چۈشەندۈردى:«يەر ئوبوروت قىلىنسا يەنە بىر ھەسسە كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، كارخانىلارغا كىرىپ ئىشلىسە بۇنىڭدىن يەنە بىر ھەسسە كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، دېمەك، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئىككى ھەسسە كىرىم ياراتقىلى بولىدۇ، يەرنى ئۆزى تېرىغانغا قارىغاندا كۆپ پايدا ئالغىلى بولىدۇ».
ئېرمەمەتنىڭ ئائىلىسىدە تۆت جان بار بولۇپ، ئائىلىسىدىكى بىردىنبىر قاۋۇل ئەمگەك كۈچى ھىسابلىناتتى، ئائىلىسىىدىكىلەر تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىقتا ئۇنىڭغا تايىناتتى، ئىلگىرى ئۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن سىرتقا چىقالمايتتى. ھازىر ھىسابات ئېنىق بولۇپ، تونۇشى ئايدىڭلاشتى، ئۇ ناھايىتى خۇشال ھالدا يەر ئوبوروتى توختامىغا ئىمزا قويدى. ھەمدە خىزمەت ئەترىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بىر كان مەھسۇلاتلىرى كارخانىسىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئۇنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى 6 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى.
«بۇ يىل ۋەرشىدې كەنتى بىلەن قۇزغۇن كەنتى جەمئىي ئوبوروت قىلىنغان 370 مودىن ئارتۇق يەردە سىلوس قونىقى تېرىپ، سۈت كالىسىنى يەم- خەشەك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، دېھقانلارنى يەردىن ئازاد قىلدى، ئۇلار سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇردى» دېدى- ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، ۋەرشىدې كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ جيەن.
«بىز تاموژنىدىكىلەرنىڭ پىلانىغا ئاساسەن، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ سۈت كالىسىنى 100 تۇياقتىن ئاشۇرىمىز، مۆلچەرىمىزچە شۇ ۋاقىتتا كۈندىلىك سۈت مىقدارى 3 توننا 500 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 8- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، بىز ئىشچى قوبۇل قىلىشنى باشلاپ، يەرلىكنى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيمىز». دېدى، سۈت كالىسى فېرمىسىنىڭ مەسئۇلى. «بېلىق بېرىش بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتكەنگە يەتمەيدۇ، بىز سۈت كالىسى فېرمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى بىر تۈركۈم نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز»دېدى، ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ باشلىقى جاۋ گې ئىپادە بىلدۈرۈپ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى