قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«قەرز پۇل» ئارقىسىدىكى قوشنىدارچىلىق مېھرى ھەققىدە

2018-08-07 18:42:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

7-ئاينىڭ 29- كۈنى، كورلا شەھىرىدىكى پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى خاتەم نىسىپنىڭ ئۆيىدە، ۋاڭ يۈفاڭ پۇلنى قايتۇرۇش ئىشىنى يەنە تىلغا ئالغاندا، خاتەم نىسىپ كۈلۈمسىرىگىنىچە بېشىنى چايقاپ: «ئېرىم ھايات ۋاقتىدا بۇ پۇلنى ئالما دەپ تاپىلىغانىدى، شۇڭا مەن بۇ پۇلنى ھەرگىز ئالمايمەن» دېدى.
 خاتەم نىسىپنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ئېرى زىياۋۇدۇن رېشىت كورلا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن پېنسىيەگە چىققان خەلق ساقچىسى ئىدى. جىن بىڭ بىلەن ۋاڭ يۈفاڭ گەنسۇنىڭ لىنتاۋ ناھىيەسىدىن بولۇپ، 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ ئىزچىل كورلا شەھىرىدە كېرەكسىز نەرسە يىغىپ كۈن كەچۈرۈۋاتاتتى.
 پۇل قەرز ئېلىشنى بۇنىڭدىن 18 يىل ئىلگىرىكى ئىشتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. 2000- يىلى، جىن بىڭ بىلەن ۋاڭ يۈفاڭنىڭ كورلا شەھىرىنىڭ تېكىچى يېزىسى خەلپېرىغى كەنتىدىكى ئىجارە ئېلىپ تۇرۇۋاتقان ئۆيىگە ئوت كېتىپ، 5000 يۈەن نەق پۇلى بىلەن بارلىق بىساتى كۆيۈپ كېتىپ، تۇرمۇشى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى. شۇ چاغدا زىياۋۇدۇن رېشىت بىلەن جىن بىڭ قوشنا ئىدى، جىن بىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇيۇقسىز پېشكەللىككە يولۇققىنىنى كۆرگەن زىياۋۇدۇن رېشىت ئەر- خوتۇن ئۇلارغا ئازراق پۇل بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلىشنى قارار قىلدى.
خاتەم نىسىپ شۇ ۋاقتىكى ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دىدى: «ئېرىم، ئۇلار قايتىدىن بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىشى، يەنە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشى كېرەك، شۇڭا 2000 يۈەن بېرەيلى دېگەندە مەن ماقۇل بولغانىدىم.»
 ۋاڭ يۈفاڭ مۇنداق دېدى: «باشقىلارنىڭ پۇلىنى قايتۇرمىساق قانداق بولىدۇ؟ ئۇلار بىزگە پۇل بېرىپ تۇرۇپ چوڭ ياخشىلىق قىلدى، بۇ پۇلنى چوقۇم قايتۇرۇشىمىز كېرەك.» جىن بىڭ بىلەن ۋاڭ يۈفاڭ پۇلنى قايتۇرماقچى بولغاندا، زىياۋۇدۇن رېشىت خوتۇنىغا: «بۇ ئائىلە كىشىلىرى ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالدى، بىز بۇ پۇلنى ئالمايلى» دەپ ئالايىتەن تاپىلىغانىدى. جىن بىڭ بىلەن ۋاڭ يۈفاڭ زىياۋۇدۇن رېشىت ياردەم قىلغان پۇل بىلەن باشقا جايدىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ، داۋاملىق كېرەكسىز نەرسە يىغىشقا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدىدى. كېيىنكى يىللاردا، ئۇلارنىڭ بالىلىرى مەكتەپكە كىردى، ئىككىسىنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا- ئانىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشقىمۇ پۇل خەجلەشكە توغرا كېلەتتى، جىن بىڭ بىلەن ۋاڭ يۈفاڭنىڭ تۇرمۇشى داۋاملىق شۇنداق غورىگىل ئۆتتى، شۇڭا ئۇلار قايتۇرىدىغان 2000 يۈەن پۇلنى غەملىيەلمىدى.
 2005- يىلى، جىن بىڭ بىلەن ۋاڭ يۈفاڭ ئائىلىسىدە جىددىي ئىش چىقىپ قالغاچقا، ئالدىراشلا يۇرتى گەنسۇغا قايتتى. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇلار كورلىغا يەنە قايتىپ كەلگەندە، زىياۋۇدۇن رېشىت ئائىلىسىنىڭ بۇ كەنتتىن كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدى. شاپائەتچىسىنىڭ دېرىكىنى ئالالمىغان جىن بىڭ ئەر- خوتۇن بەكمۇ تىت- تىت بولدى، ئۇلار زىياۋۇدۇن رېشىت ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىز- دېرىكىنى قىلىشقا باشلىدى.
 جىن بىڭ بىلەن ۋاڭ يۈفاڭ ساۋاتسىز بولغاچقا، پەقەت شاپائەتچىسىنىڭ ساقچى ئىكەنلىكىنىلا بىلەتتى. ئۇلارنىڭ ئادەم ئىزدەش ئۇسۇلىمۇ ئالاھىدە بولۇپ، ساقچى فورمىسى كىيگەنلەرنى كۆرسىلا: «زىياۋۇدۇن رېشىت ئىسىملىك ساقچىنى تونۇمسىلەر؟» دەپ سورايتتى.
2012-يىلى 7- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، جىن بىڭ بىلەن ۋاڭ يۈفاڭ كوچىدا ساقچى فورمىسى كىيىۋالغان ئەركىنجان نەجمىدىندىن: «سىز زىياۋۇدۇن رېشىت دېگەن ساقچىنى تونۇمسىز؟» دەپ سورىدى. ئەركىنجان نەجمىدىن ئۇلارنىڭ سۆزىنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلىغاندىن كېيىن: «سىلەر ئىزدەۋاتقان بۇ كىشى مېنىڭ قېيىنئاتام ئوخشىمامدۇ؟» دېدى.
 ئەركىنجان نەجمىدىن زىياۋۇدۇن رېشىتنىڭ ئىككىنچى كۈيئوغلى بولۇپ، كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ساقچىسى ئىدى. زىياۋۇدۇن رېشىتنىڭ چوڭ قىزى باھارگۈل ئانىسىغا دەرھال تېلېفون قىلىپ: «يولدا ئىككى خەنزۇ دوست ئەركىنجانغا ئۇچراپ قاپتۇ، ئۇلار يىغلاپ تۇرۇپ دادىڭىز بىزنىڭ شاپائەتچىمىز، ئۇنىڭدىن ئالغان قەرزنى قايتۇرماقچى ئىدۇق، دەپتۇ» -دېدى.
 ئەركىنجان نەجمىدىن جىن بىڭ بىلەن ۋاڭ يۈفاڭنى قېيىنئانىسى خاتەم نىسىپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كەلدى، ئۇلار زىياۋۇدۇن رېشىتنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى. جىن بىڭ 2500 يۈەننى خاتەم نىسىپنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ: «2000 يۈەن مەن قەرز ئالغان پۇل، 500 يۈەن ئۆسۈمى، بۇ پۇلنى ئالمىسىڭىز بولمايدۇ» -دېدى.
 خاتەم نىسىپ مۇنداق دېدى: «ئەينى ۋاقىتتا بۇ پۇلنى سىزگە ياردەم قىلىپ بەرگەن، بۇ پۇلنى ھەرگىز ئالمايمەن.» بىرى پۇل قايتۇرۇشتا چىڭ تۇردى، يەنە بىرى قەتئىي ئالمىدى، ئىككى تەرەپ بىر- بىرىنى قايىل قىلالماي تۇرغىنىدا، باھارگۈل ئۇلارنى كېلىشتۈرۈپ: «قەرز قايتۇرىدىغان ئىشنى قويۇپ تۇرۇڭلار، كېيىنچە تۇرمۇشۇڭلار ياخشىلانغاندا بىر گەپ بولسۇن» دېدى.
 شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى ئائىلە بارا- بارا كۆپ بېرىش- كېلىش قىلىپ تۇرىدىغان بولدى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يەنە ئالتە يىل ئۆتۈپ كەتتى. بۇ مەزگىلدە، جىن بىڭ ئەر- خوتۇن ھەر قېتىم خاتەم نىسىپنى كۆرگەندە «پۇلنى قايتۇرىمىز» دەپ تۇرۇۋالدى. باھارگۈل مۇنداق دېدى: «ئۇلار پۇل قايتۇرۇشتا، ئانام ئالماسلىقتا چىڭ تۇردى، بۇنى چۈشىنىمەن. مېنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى، ئۆزئارا باردى- كەلدى قىلىش ئارقىلىق ئىككى ئائىلىدىكىلەرنىڭ مېھىر- مۇھەببىتىنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلاشقانلىقى بولدى.»
 سامسا، شورپا... بۇ، باھارگۈل ئۈچ سىڭلىسى بىلەن بىللە ئىككى ئائىلىنىڭ يىغىلىشى ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان چۈشلۈك تاماق. ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ 2012- يىلى7- ئايدا قايتا ئۇچراشقانلىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئۇلار ھەر يىلى 7- ئايدا مۇشۇنداق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىغان بولدى. تاماقتىن كېيىن، خاتەم نىسىپ بىلەن جىن بىڭ، ۋاڭ يۈفاڭ ئەر- خوتۇن قىزغىن پاراڭلاشتى. خاتەم نىسىپ مۇنداق دېدى: «ئىنىم، سىڭلىم، سىلەرگە بىر تەكلىپىم بار، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ قالدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن پۇل قايتۇرىدىغان ئىشنى ھەرگىز تىلغا ئالماڭلار، بۇنداق دەۋەرسەڭلار بىزنى يات كۆرگەن بولىسىلەر.»
 جىن بىڭنىڭ قۇلىقى سەل ئېغىرلاپ قالغان بولغاچقا، ۋاڭ يۈفاڭ ئۇنىڭ قۇلىقىغا يېقىن كېلىپ يۇقىرىراق ئاۋازدا: « ئاچام بۇنىڭدىن كېيىن پۇل قايتۇرىدىغان ئىشنى تىلغا ئالماڭلار، بۇنداق قىلساڭلار بىزنى يات كۆرگەن بولىسىلەر، دەۋاتىدۇ» -دېدى. جىن بىڭ ناھايىتى كەسكىنلىك بىلەن «ئۇنداق بولسا قانداق بولىدۇ، بۇ پۇلنى چوقۇم قايتۇرىمىز» -دىدى. ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن بىر ئائىلە كىشىلىرى كۈلۈشۈپ كەتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى