قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بەسەي تېرىقچىلىقىغا تۈرتكە بولغان- قىيۇم قاۋۇل

2018-08-07 17:24:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

7- ئاينىڭ 17 ـ كۈنى سەھەردە، چىرا ناھىيەسىنىڭ چاقا يېزا چاقا كەنت ئاھالىسى قىيۇم قاۋۇل كۆكتات سودىگەرلىرىگە كەنتنىڭ بەسەيلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «بۇ يىل 75 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ بەسەي تېرىغاندىم، مو بېشى مەھسۇلاتى تۆت توننا ئەتراپىدا بولدى، ھەممىسىنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن كىرىمىم 300 مىڭ يۈەنگە يېتىشى؛ ئەمگەك كۈچى، ئوغۇت، توشۇش قاتارلىق تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە، ساپ كىرىمىم 200 مىڭ يۈەنگە يېتىشى مۈمكىن» دېدى قىيۇم خۇشال ھالدا.
7- ئاي بەسەيدىن مول ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىل. چاقا كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ئالدىراش كۆكتات يىغىۋاتقانلىقىنى، قاچىلاپ توشۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى. قەييۇم چاقا كەنتىدىكى بەسەي تېرىش چوڭ ئائىلىسى. قېيۇمنىڭ بېيىش يولى ئۈستىدە توختالغاندا، ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات- نەشرىيات- رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.
46 ياشلىق قېييۇم بۇرۇندىن بەسەي تېرىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئائىلىسى يېرىم مو يەرگە بەسەي تېرىپ، ئەتىيازدا ئۇرۇقىنى ئېتىزغا چېچىپ، تەبىئىي ئۆسۈشىگە قويۇپ بېرەتتى، ئۆزلىرى ئىستېمال قىلغاندىن باشقا، قوشنىلىرى، تۇغقانلىرىغا بېرىپ، قالغىنىنى سېتىپ چىقىرىپ ئاران 300 يۈەن ئەتراپىدا كېرىم قىلاتتى. خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا، قېييۇمنىڭ بەسەي تېرىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئەمما تېرىش تېخنىكىسىنى بىلمەيدىغانلىقى، باشقۇرۇشقا ماھىر ئەمەسلىكى، شۇڭا، بەسەي تېرىپ پۇل تاپالمىغانلىقىنى ئىگىلىدى. خىزمەت ئەترىتى ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنى ئۈرۈمچىگە بەسەي تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى. قېيۇم تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن قايتىپ كەلدى، شۇ يىلى بەسەي تېرىپ، مو بېشى مەھسۇلاتىنى ئىككى توننىدىن ئاشۇردى، مو بېشى كىرىمى ئىككى مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
خىزمەت ئەترىتى بەسەي پەن- تېخنىكا تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسىنى يېتىشتۈرۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئابدۇقېيۇمنى بەسەي تېرىشتىن بۇرۇنقى، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى، ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى تېخنىكا ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، لوپ ناھىيەسىدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، سېتىۋېلىش زاكاس توختامى ئىمزالاپ، ئابدۇقەييۇمنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگەتتى. قەييۇمنىڭ باشلامچىلىقى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، نۆۋەتتە چاقا كەنتىدە 700 مودىن ئارتۇق يەرگە بەسەي تېرىلدى. بەسەي تېرىقچىلىقى چاقا كەنتىنىڭ ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىشىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى، چاقا كەنتىمۇ ناھىيە بويىچە داڭلىق «بەسەي كەنتى» بولۇپ قالدى.
بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان، كۆكتات مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلىشى نەتىجىسىدە، قېيۇم بەسەي سورتىنى ئۈزۈكسىز يېڭىلاپ، مەھسۇلات مىقدارى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى بىر ھەسسە ئاشۇردى. بەسەي ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىسىگە ئايلانغان قېييۇم ئادەتتە دېھقانلارغا بەسەينى قانداق تېرىشنى ئۆگەتتى ھەمدە قېيىنچىلىقى بار دېھقانلارغا ھەقسىز دېھقانچىلىق دورىسى تارقىتىپ بەردى. ھازىر، ئۇ كەنتتە كۆكتات سېتىش ئورنى ئېچىپ، كۆكتاتچىدىن خوجايىنغا ئايلاندى. «مەن ئۈزۈملا بېيسام بېيىغان بولمايمەن، كۆپچىلىكنى باشلاپ بىرلىكتە بېيىسام، ئاندىن ھەققىي بېيىغان بولىمەن» دېدى قېييۇم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى