قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق ئۆرۈك ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا ئۆرۈك مېغىز قۇرتىنىڭ زىيان سېلىش دەرىجىسى %80دىن نۆۋەتتىكى %3 كە تۆۋەنلىدى

2018-08-07 18:30:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېڭىسار ناھىيە ئېگىزيار يېزىسىنىڭ تاغلىقئېرىق كەنتىدىكى ئالتۇنرەڭ سارغايغان سەمەت ئۆرۈكلىرى شۇنچىلىك ئوخشاپ كەتكىنىدىن شاخلىرىنى كۆتىرەلمەي قالغان ئىدى. تاغلىقئېرىق كەنتىنىڭ ئەزاسى غۇپۇر: بۇ يىل ئۆرۈكلەرگە قۇرۇت چۈشمىگەچكە، ياخشى باھادا ساتالىدۇق-دېدى.
ئومۇمىيۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق ئۆرۈك چىقىدىغان رايونلاردا ئۆرۈك مېغىز قۇرتىنىڭ زىيان سېلىش دەرىجىسى بۇلتۇرقى %80دىن، ھازىرقى %3 كە چۈشكەچكە، ئۆرۈكلۈك باغ بىنا قىلغان دېھقانلارنىڭ چىھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى.
يېڭىسار ناھىيە ئېگىزيار يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋۇ زۇڭجىي چاقچاق تەلەپپۇزىدا: ئۆرۈكلەرنى خاتىرجەم يەۋىرىڭلار، يېزىمىزدا ئۆرۈك مېغىز قۇرىتىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئاران %1.8 بولدى، موشۇ كۈنلەردە ئۆرۈكتىن قۇرۇت تاپماقمۇ ئۇنچە ئاسانغا توختىمايدۇ-دېدى.
يېڭىسار ناھىيەسىدىن گۇما ناھىيەسىگىچە، بۇ يىللىق ئۆرۈك مەھسۇلاتى توغرىسىدا گەپ چىقسىلا ھەممەيلەننىڭ چىھرىدە تەبەسسۈم جىلۋېلىنىدۇ. يېڭىسار ناھىيە ئېگىزيار يېزىسىنىڭ تاغلىقئېرىق كەنتىدىكى غۇپۇر يەنە: بۇلتۇر 9 مو ئۆرۈكلۈك باغدىن ئاران 150 يۈەنلىك ئۆرۈك ساتالىغانتۇق، بۇ يىل 8 مىڭ يۈەنلىك ئۆرۈك ساتتۇق-دېدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي ئورمان تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى خەن خۇڭۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، باغۋەن دېھقانلارنىڭ باغ باشقۇرۇش بىلىمى، ئىلمىي باشقۇرۇش تەجرىبىسىنىڭ كەمچىللىكىدىن بىر قانچە يىل بۇرۇن يېڭىسار، گۇما قاتارلىق ئاساسلىق ئۆرۈك ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلاردا ئۆرۈك مېغىز قۇرۇتىنىڭ زىيان سېلىشى ھەقىقەتەن ئېغىرلاشقان بولۇپ، بۇلتۇر ئۆرۈك مېغىزى قۇرتىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى %80 كە يەتكەن، بەزى رايونلاردا ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغان بولغاچقا، قۇرۇت چۈشكەن ئۆرۈكلەرنى ئاساسەن يىگىلى بولمىغان ئىكەن.
بۇ يىل 3-ئايدا، ئاپتونوم رايوننىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭ ئالاھىدە باغۋەنچىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسى» نى يولىغا قويۇشى بىلەن، كېسەللىك، زىيانداش ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نوقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنى چۆرىدىگەن نەچچە مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان مىۋىلىك باغلاردا «قۇرۇت يوقىتىشنى چۆرىدىگەن بىر قېتىملىق جەڭ» رەسمىي قاتات يايدۇرۇلغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن ئاجرىتىلغان 121 مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن مۇتەخەسىسسلەر مۇلازىمەت ئۆمىكىدىكىلەر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى باغۋەنچىلىكنى تۈۋرۈكلۈك كەسىپ قىلغان 34 ناھىيەگە بېرىپ، پۈتۈن يىللىق نوقتىدا تۇرۇش ۋاقتى 6 ئايدىن كەم بولماسلىق شەرتىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ باغۋەنچىلىك كەسىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئەتكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي ئورمان تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى خەن خۇڭۋېي يەنە مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن فىزىكىلىق ئۇسۇل قوللىنىپ باغنى تازىلاپ، مېغىز قۇرۇتىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئاندىن دورا چېچىپ ئالداپ يوقاتتۇق. سۇ يۈزىگە يېقىن جايغا يالتىراق دورىلارنى قويىۋىدۇق، ئەركەك قۇرتلار ئۇچۇپ كېلىپ ئۆزىنى تۇتالمايلا، سۇغا چۈشۈپ تۇنجۇقۇپ ئۆلدى. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قۇرۇتلارنىڭ ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىشقىمۇ پايدىلىق بولۇپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەدبىر بەلگىلەش ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى.
دەرۋەقە، ئۇنۋېرسال ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى زور مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانىدى. گۇما ناھىيە باش لەڭگەر يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇاڭ شياڭپىڭ: ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈملۈك تەشكىللىشى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەخسۇس يىتەكچىلىكى ۋە دېھقانلارنىڭ تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇشىدا، بۇ يىل ئۆرۈك مەھسۇلاتىمىز ھەقىقەتەن ياخشى بولدى-دېدى.
سۈپەتنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى بىلەن، ئۈنۈم ھەم تېز كۆرۈلدى. گۇما ناھىيە سازام يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرىكتۇرى ئالىمجان مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ھەر كىلوگىرام ئۆرۈكنىڭ يىغىۋېلىش باھاسى بەش مو بولغان بولسىمۇ، ئالىدىغانغا ئادەم چىقمىغانىدى، ھازىر ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھايىمىز 3 يۈەن 5 مو ، ئۆرە بولغاندا 8 يۈەندىن بولىۋاتىدۇ. سېتىش سوممىمىز 5 مىليۇن يۈەندىن ئاشتى، يىل ئاخىرغىچە 10 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇشنى مۆلچەرلەۋاتىمىز. يالغۇز يېڭىسار، گۇما ناھىيەسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە كۇچا، بۈگۈر ناھىيەلىرىدىنمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ ساتقان ھۆل ئۆرۈكىمىز 20 مىڭ توننىغا يېقىنلاشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى