قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسىغا ئايلاندى

2018-08-07 18:31:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

23 ياشقا كىرگەن ئايگۈل بۇلتۇر 4-ئايدا، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسىگە جايلاشقان «شىنجاڭ جىنلىيۈەن كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى» دە ئىشقا چۈشكەندىن بۇيان، ئاددى دېھقاندىن كېسىمچىلىك سېخىنىڭ ئىشچىسىغا، ئاندىن سېخ باشلىقىغا ئايلىنىش قەدىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باستى.
ئايگۈل-- باي ناھىيە ئونباش يېزىسىنىڭ جىگدىلىك كەنتىدىن كەلگەن دېھقان قىزى. بۇلتۇر يىل بېشىدا، باي ناھىيەسى ھەر قايسى يېزا-بازارلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسىدىكى كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەشكىللىگەندە، ئايگۈل ئاكتىپلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇرغان ئىدى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق، ئايگۈل زاۋۇتنىڭ كىسىمچىلىك سېخىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ، ھازىر ئېيىغا ئۈچ مىڭ يۈەن تاپالايدىغان بولدى، بۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە تۈرتكە بولدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئاقسۇ خۇافۇ رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى»نىڭ ئارقا سەپ توقۇمچىلىق مەشغۇلات ئۈستىسى پاتىگۈلمۇ ئارقا سەپ توقۇمىچىلىق سېخىدا ئۇدا 13 يىل ئىشلەپ پىشقان تايانچ خادىمغا ئايلاندى. بىر ئاددى دېھقان قىزىدىن سىياسىي جەھەتتە قەتئىي، خىزمەتتە ئاكتىپ، تېخنىكا جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ياخشى كەسپىي ئەخلاققا ئىگە كارخانا تايانچىسىغا ئايلانغىچە، پاتىگۈل ئۇدا نەچچە يىل مۇنەۋۋەر بولۇپ باھالىنىپ، كۆپ قېتىم «مەشغۇلات ماھىرى»دېگەن نامغا ئېرىشتى.
كونا زاۋۇتتىن يېڭى زاۋۇتقىچە بولغان جەرياندا، پاتىگۈل ئۆزىگە ئوخشايدىغان نۇرغۇن ئايال ئىشچىلارنىڭ ھەر جەھەتتىن تېز يۈكسىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىچ-ئىچىدىن خۇش بولدى، قىسقىسى، توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى بۇ دېھقان قىزلىرىنى ئۆز يېزىسىدىن چىقىش، تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
نۆۋەتتە، «ئاقسۇ خۇافۇ رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى» 2 مىليون 300 مىڭ ئۇرچۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىگە ئىگە بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 1 مىليون ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش» سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇچتۇرپان، باي، ئونسۇ قاتارلىق ناھىيە (شەھەر) دىن كەلگەن 6 مىڭ يېقىن ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئەمگەك كۈچىدىن 1 مىڭ 75 ئادەم بار.
ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى چى شىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادى ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش ئىستىراتىگىيىسىنى يولغا قويۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا زور كۈچ بىلەن ئىلھام بەرگەنلىكتىن، باغچا رايونىغا ماكانلاشقان توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى 92گە يەتكەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەردىن جەمئىي 4 مىڭ 850 ئادەمنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئەمگەك كۈچلىرى 2 مىڭ 692 گە يەتكەن. ھازىرغىچە، توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسىدىكى كەسپىي ئىشچىلار سانى 30 مىڭ 700گە يەتكەن.
توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسىدىكى ئىشچىلارغا خاتىرجەم ئىشلەش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى بويتاق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياتاق بىناسى، ئۆي، ئاشخانا ۋە مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئۆيلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپلا قالماستىن، پارتىيە ياچېيكىسى، ئىتتىپاق ياچېيكىسى، ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىمۇ تەسىسس قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە پائال تۈردە ياخشى تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ياخشى تۇرالغۇسى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغان. بارلىق كارخانىلاردا بىردەك ئاشخانا بولۇش ئىشقا ئېشىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە تاماق تولۇقلىمىسى بېرىش يولغا قويۇلغان.
ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى چى شىن يەنە مۇنداق دېدى: ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىمىز ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش مېخانىزىمىدا باشتىن -ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەر تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمچانلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىمىزنىڭ يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسىغا ئايلاندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى