قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بايىن ئامىننىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

2018-08-07 18:59:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، جىڭ ناھىيەسىنىڭ ماڭدىڭ يېزا بايىنئامىن تەبىئىي مەنزىرە رايونى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. ساياھەتچىلەر بۇ يەردە موڭغۇللارنىڭ ئات مىنىپ مال بېقىشتەك تۇرمۇش ئادىتىنى چۈشەندى، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ، شۇ جايدىكى موڭغۇل چارۋىچىلار بىلەن «يېقىن ئارىلىقتىن ئۇچىرىشىش»نى ئەمەلگە ئاشۇردى.
بايىن ئامىن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تۇربات مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كەنتىمىز 10 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، كەنتتىكى چارۋىچىلار بىر تەرەپتىن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئىلگىرى مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان يول ياخشى ئەمەس ئىدى، كەنتتىكى ئۆيلەر كونىراپ كەتكەن بولۇپ، چارۋىچىلار شادلىق ئارامگاھى ئاچقۇدەك شارائىتمۇ يوق ئىدى. گۈزەل يېزا- كەنت پەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ھەممە ئائىلىلەر خىش سىمونت قۇرۇلمىلىق ئۆي سالدى، چارۋىچىلار شادلىق ئارامگاھلىرىنى ئاچتى، بۇنىڭ بىلەن ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ، سودىنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا چارۋىچىلارنىڭ پۇت- قولى يەرگە تەگمەيۋاتىدۇ.
گۈزەل يېزا- كەنت بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىدا، بايىن ئامىن كەنتى خەتەرلىك كونا ئۆيلەرنى چېقىپ، مۇھىتنى تۈزەپ، يولللارنى رېمونت قىلىپ ياساپ، مەنزىرە تاماشا پەشتىقى قاتارلىقلارنى قۇردى، يېڭىچە تۈس ئالغان بايىن ئامىن كەنتى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان گۈزەل كەنتكە ئايلاندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى