قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇرچىن ناھىيىسىنىڭ 3- نۆۋەتلىك «چۆچەكلەردىكى چېگرا شەھىرى بۇرچىن تائاملىرى» بايرىمى مۇشۇ ئاينىڭ 6- كۈنى باشلاندى

2018-08-07 19:00:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يازدا گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىپ، ئېسىل تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، يولغا چىقىمەن دەپلا يولغا چىقىپ ساياھەت قىلمىساق، بۇنى قانداقمۇ مۇكەممەل ساياھەت قىلىش دېگىلى بولسۇن؟ سىز بىلەمسىز؟ ھەر يىلى يازدا، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ھەممە جايلىرىدىكى تائام سورۇنلىرىدا، سىز ھەر خىل ئىسىل نازۇ- نىمەتلەرگە ئېغىز تېگىپ، تەم سەزگۈڭىزنى قاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دوستلار چەمبىرىكىڭىزنى قىزىتىۋىتەلەيسىز.
مۇشۇ ئاينىڭ 6- كۈنى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ 3- نۆۋەتلىك «چۆچەكلەردىكى چېگرا شەھىرى بۇرچىن تائاملار بايرىمى» باشلاندى. مەززىلىك پۇراقلار ھەر تەرەپكە تارالغان، مېھىرى ئىللىق بۇرچىنغا نىسبەتەن، بۇ بىر مەيدان ئسېىل تائاملارغا ئېغىز تېگىش سەپىرى، بىر مەيدان كۆرۈپ ھوزۇرلىنىش سورۇنى، بىر مەيدان ساياھەت مەدەنىيىتى ئالماشتۇرۇش يىغىلىشى، شۇنداقلا بۇرچىننىڭ ئۆزگىچە كاتتا مەرىكىسى ھىساپلىنىدۇ.
بۇ مەزگىلدە، ساياھەتچىلەر بۇ يەردىن ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان ۋە ئويلاپ باقمىغان نۇرغۇن مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن قىزىقارلىق مۇسابىقىلەرنىمۇ كۆرەلەيدۇ. مەسىلەن، «بېلىق پادىشاھى چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى»دا ئېرتىش دەرياسى سوغۇق سۇ بېلىقلىرىنى زادى قانچە خىل پىشۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالالايدۇ. ساياھەتچىلەر يەنە قويۇق مىللىي ئۆرپ- ئادەت تۈسىگە ئىگە «گۈزەل بۇرچىن» كەشتە ھەپتىلىكى، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە «رومانتىك بۇرچىن» مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت ھەپتىلىكى، ئەدەبىيات- سەنەت پۇرىقىغا ئىگە «كىتابخۇمار بۇرچىنلىقلار» كىتاپ- رەسىم كۆرگەزمىسى، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئۆزلۈكىنى نامايان قىلىدىغان «رەڭدار بۇرچىن» ساياھەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە ھەپتىلىكى قاتارلىقلارغا قاتنىشالايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بۇرچىن ناھىيەسى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى، ئۆزگىچە تائاملار، مىللىي ئۆرپ- ئادەت ۋە ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى زور كۈچ بىلەن تونۇشتۇرۇپ، بورچىننىڭ پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىك يېڭى ئوبرازىنى ئۆستۈرۈپ، «ساياھەتچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، 1- كەسىپنى قوزغۇتۇپ، 2- كەسىپنى يۇقىرى كۆتۈرۈش»تەك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ «مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى، يۈز كەنتتە كىرىم ئاشۇرۇش، تۈمەن ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇرچىن ناھىيەسىنى شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك ساياھەت شەھىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى